جۇ خەيلۇن

جۇ خەيلۈن

جۇ خەيلۈن، ئەر، خەنزۇ، 1958-يىلى 1-ئايدا جياڭسۇ ليەنشۈيدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جۇخەيلۇن
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى جياڭسۇ ليەنشۈي
كەسپى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى
ئوقۇش تارىخى ئالىي مەكتەپ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 朱海仑
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1958-يىلى 1-ئاي
پۈتتۈرگەن مەكتىپى مەركىزى پارتىيە مەكتىپى
پارتىيىگە كىرگەن ۋاقتى 1980-يىلى 5-ئاي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇ خەيلۈنجۇ خەيلۈن، ئەر، خەنزۇ، 1958-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ليەنشۈيدىن، 1980-يىلى 5-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1975-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى.

1975-يىلى 7-ئايدىن 1977-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم گۇڭشېسى 23-ئەترىتىدە قايتا تەربىيە ئالغان.

1977-يىلى 8-ئايدىن 1981-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيەسى غوجائېرىق گۇڭشېسىدا كاتىپ بولغان.

1981-يىلى 1-ئايدىن 1984-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان.

1984-يىلى 1-ئايدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ، مۇئاۋىن بۆلۈمدەرىجىلىك كاتىپ، بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپ بولغان (1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئاساسىي نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان).

1990-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1993-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

1993-يىلى 12-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

1996-يىلى 7-ئايدىن 1998-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1998-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

1998-يىلى 8-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.

2001-يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

2003-يىلى 12-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2004-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 14-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار بولغان.

2006-يىلى 10-ئايدىن 2009-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2007-يىلى 5-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان.

2009-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

2009-يىلى 11-ئايدىن 2016-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 12-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار.

2016-يىلى 3-ئايدىن 2016-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 12-شىسى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان، 1-سىياسىي كومىسسارى بولغان.

2016-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى، شەھەر بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىدا: يولداش جۇ خەيلۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، كومىتېت ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى، يولداش لى شۆجۈننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، كومىتېت ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#