تاغ پىيىزى
تاغ پىيىزى بولسا ئۆسۈملۈك ياۋا پىيازنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ،توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆسۈملۈك ياۋا پىيازنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ زەھەرلىك چۆپ قاتارىدا تۇرىدۇ، خېلى كۆپ قەدىمىي كىتابلاردا «ئەنسىل»، «بەسىلىلفار» يەنى «چاشقان ئۆلتۈرىدىغان پىياز»، ياكى «چۆل پىيىزى» دەپ ئاتالغان.ئۆسۈملۈك ياۋا پىياز گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە تەۋە بۇلۇپ، ئۆسۈملۈك ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋە شىزاڭ رايونلىرىدىكى تاغلاردىن چىقىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
1. تاغ پىيىزى 4 گرام، راتىيانەچ 7 گرام قائىدە بويىچە سوقۇپ، زەيتۇن يېغىدا مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سۆگەل چۈشۈرىدۇ، چاچ چۈشكەن يەرگە چاپسا چاچ ئۈندۈرىدۇ.
2. تاغ پىيىزى 5 گرام، پىرسياۋشان 9 گرام، زۇپا 7 گرام، قائدە بويىچە قاينىتىپ ئىچسە، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.3. تاغ پىيىزى 3 گرام، سەرپىستان 7 گرام، زۇپا 10 گرام، قاينىتىپ ئىچسە، نەپەس يوللىرىنى تازىلايدۇ.
لوئوقى ئەنسىل، شەربىتى ئەنسىل.
كېسەللىك مىسالى
دەم سىقىش (زىققا)، ئەسەب ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرى، پالەچ، ئولتۇرغۇچ نېرۋىلار ئاغرىقى (ئىرقۇننىسا)، تال ئىششىقى، سۈيدۈك ۋە ھەيز توسۇلۇش، بالىياتقۇ ئىششىقى، گال ئاغرىقى، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش، تېرە سويۇلۇپ چۈشۈش، ھەر خىل سىرتقى يارىلار قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.