يېشىل كارىدور
يېشىل كارىدور غەربتە لوپنۇر ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغىچە سوزۇلغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىر، كۆلىمى 3880 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېشىل كارىدورشىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتى، تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ كۆلەمدە توغراقلىق بىر تەبىئىي يېشىل كارىدور شەكىللەندۈرگەن. يېشىل كارىدورى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقنى قۇم-بوراننىڭ ھۇجۇمىدىن توسۇپلا قالماي، كورلا، چاقىلىق، چەرچەن ھەمدە شىنجاڭ بىلەن چىڭخەي، گەنسۇنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول.
يېشىل كارىدور«يېشىل كارىدور» تارىم ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ تەبىئىي گۆھەر ئامبىرى، شۇنداقلا قۇملۇقتا تەستە قولغا كېلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلار بار. توغراق يېشىل كارىدوردىكى ئاساسلىق دەرەخ تۈرلىرىدۇر. توغراق مۇستەقىل ئۆسىدىغان تۈر، كۆل بويىدا توپلىشىپ ئۆسۈپ، بۈك-باراقسان ئورمان شەكىللەندۈرىدۇ. توغراق ئورمان ئىچىدە تارىم ياۋا توشقىنى، بۇغا ياشايدۇ. سۇ بويىدىكى بوش يەردە يۇلغۇن، ئادەتتىكى چىغ، چۈچۈكبۇيا ۋە لوپنۇر كەندىرى ئۆسكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.