ماكارېنكو

ماكارېنكو

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىلىك پېداگوگ ماكارېنكو (1888-1939) 17 يېشىدىن باشلاپلا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن گوركىينى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، يېڭى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماكارېنكو
باشقا نامى Антон Семёнович Макаренко،马卡连柯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1888-يىلى
كەسپى پېداگوگ، يازغۇچى
خەنزۇچە ئىسمى 安东·谢苗诺维奇·马卡连柯
دۆلەت تەۋەلىكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1939-يىلى
ۋەكىللىك ئەسەرلىرى «پېداگوگىكىلىق پوئېما»، «ئۈچ تەربىيە»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماكارېنكورۇسىيە فېدېراتسىيەسىلىك پېداگوگ ماكارېنكو (1888-1939) 17 يېشىدىن باشلاپلا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن گوركىينى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، يېڭى مائارىپ ئىدىيىسى ۋە مائارىپ ھەرىكىتى ئارقىلىق جەمئىيەتكە خىزمەت قىلغان. 

ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ماكارېنكو سەرگەردان بالىلار ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەن بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، پولتاۋادا «گوركىي ئىشلىگەن ئوقۇش ئۆمىكى» نى قۇرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئادەمنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، كاپىتالىزم تۈزۈمىنىڭ كىشىلەرنىڭ جىسمىدا قالدۇرغان كىر-داغلىرىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش، كىشىلەرنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش گوركىي ئەسەرلىرىنىڭ بىزگە ئۆگەتكەنلىرىدۇر.» مانا بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئۆمەكنى قۇرۇشىدىكى مەقسىتى ئىدى. ئۇ بۇ ئۆمەكنىڭ جاپالىق ئەمەلىيىتىدىن مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ۋە سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن تۈركۈم-تۈركۈم بالىلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىچە ئادەملىرى قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ بالىلار كېيىن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، رەسسام، ئالىملاردىن بولۇپ قالغان، بەزىلىرى ئىلغار ئىشلەپ چىقارغۇچى، ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى بولغان. 

پىداگوگىكىلىق پوئېماكېيىن، ماكارېنكو ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دزېرژىنسكىيدا كوممۇنا قۇرغان. لېكىن، سوتسىيالىزم يولىنى ئاچقۇچى نۇرغۇن ئىنقىلابچىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىسلاھاتىمۇ بەزىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كوممۇنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئوڭۇشسىزلىققا تىز پۈكمەي، گوركىينىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكلىشى ئارقىسىدا، ئۆزىنىڭ 15 يىللىق مائارىپ تارىخىنى ئەدەبىيات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يەكۈنلەشكە باشلىغان. ئۇ 10 يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق «پېداگوگىكىلىق پوئېما» ناملىق ئەسىرىنى پۈتكۈزۈپ ئېلان قىلغان، بۇ ماكارېنكونىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنسىسى ئىدى. 

ماكارېنكو «پېداگوگىكىلىق پوئېما» ۋە باشقا ئەسەرلىرىدە، ئۆزى ياراتقان مائارىپ تەجرىبىلىرىنى كوللېكتىپ مائارىپى، ئىنتىزام مائارىپى ۋە ئەمگەك مائارىپىدىن ئىبارەت «ئۈچ مائارىپ» نىڭ يىغىندىسى دەپ يىغىنچاقلاپ چىققان. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: كوللېكتىپ دېگەنلىك، نۇرغۇن يەككە ئادەمنىڭ ئاددىي ھالدا توپلىنىشى بولماستىن، بەلكى ئورتاق كۈرەش نىشانى بار ئادەملەر توپىدۇر. كوللېكتىپ ئىنتىزام ئارقىلىق زىچ باغلانغان بولىدۇ، ئۇ بىر توپنىڭ روھى ۋە ئوبرازىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. ئەمگەك تەربىيەسىدە، ئەخلاق بىلەن بىلىم ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەمگەكلا تەربىيە خاراكتېرىگە ئىگە بولالايدۇ. ماكارېنكو «ئۈچ تەربىيە» دە بىر ئادەمدىن ئىمكانقەدەر كۆپرەك تەلەپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت تەربىيىلەش پرىنسىپىنى باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كەلگەن. ماكارېنكو ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەپ يازغان: «مەن 30 يىللىق مائارىپ ھاياتىمدا 200 مىڭ سائەت جىددىي خىزمەت قىلىپ، 3000 دىن ئارتۇق بالىنى تەربىيىلەپ چىقتىم.»

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#