يېلوۋستون دۆلەت باغچىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامېرىكىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يېلوۋستون دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا داڭلىق «ئامېرىكا يېلوۋستون دۆلەت باغچىسى» بار. بۇ باغچا ئۆزگىچە بىر تەبىئەت مەنزىرىسى سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. سۇ پۈركۈپ تۇرىدىغان فۇنتان ،يەر ئاستىدىكى تاشقا ئايلانغان جىسىملار توپلىمى دەپ ئاتىلىدىغان ئاسفالىت كۆلى، تىك غەلىتە يېلوۋستون چوڭ جىلغىسى؛ قۇشلار، ھايۋانلار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان تەبىئىي تاغ ئورمانلىقى قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۈكى، بۇ يەردە گۇل-گىياھ ۋە دەل-دەرەخلەر بولۇپلا قالماستىن يەنە قېرىپ تاشقا ئايلانغان دەرەخ غوللىرىمۇ بار. تاشقا ئايلانغان بۇ قەدىمقى دەرەخلەر يېلوۋستون دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا قاتار تىزىلغان بولۇپ، خۇددى خارابىيلىكتىكى قاتار تۇرغان كونا تۈۋرۈكلەرگە ئوخشايدۇ مانا بۇلار يېلوۋستوننىڭ ئورمانلىقىغا بىرخىل قەدىمىيلىك، سىرلىق ۋە غەلىتىلىك تۈسى بەرگەن.
بۇنىڭ شەكىللىنىشى يانار تاغنىڭ پارتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۇلۈپ كەتكەن بۇ تاشقا ئايلانغان ئورمانلارنىڭ قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشىشىدە مۇزلۇقلار ۋە دەريالارنىڭ تۆھپىسى چوڭ . شىمالىي ئامېرىكا چووڭ قۇرۇقلۇقى گېئولوگىك يۆتكىلىش دەۋرىدە چوڭ قۇرۇقلۇق مۇزلۇقى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بىر يەر. ئاستا - ئاستا يۆتكۈلۈپ يۇرىدىغان مۇزلۇقنىڭ ئاستىنقى قىسمىدا خۇددى ئۆتكۈر چىشقا ئوخشايدىغان تاغ جىنىسلىرى بار بولۇپ، ئۇلار خۇددى غايەت زور بۇزغۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە توپا قازغۇچى ماشىنىغا ئوخشايىدۇ. «شىمالىي ئامېرىكا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى» دەپ نام ئالغان بەش كۆلنىڭ ئاساسىنى دەل شۇ مۇزلۇقلار بارلىققا كەلتۇرگەن. گەرچە يېلوۋستون تاغ ۋادىسى مۇزلۇقنىڭ چەت گىرۋىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قەۋەت يەر پوستى ئۇپراپ كەتكەن. مانا بۇ مۇزلۇقلاردىن كېيىن يېلوۋستون دەرياسى ھەمدە تارماق ئېقىنلار ھەم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاخىرى يەر ئاستى قاتلىمىدا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قالغان تاشقا ئايلانغان ئورمانلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قېزىپ چىققان، شۇنداقلا بۇ ئورمانلىققا قايتىدىن قۇياش نۇرىنى كۆرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېلوۋستون دۆلەت باغچىسىنىڭ تەبىئىي مۆجىزىلىك مەنزىرىلىرىدىن بولۇپ قالغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.