جىنكېۋىزى ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىنكېۋىزى ئۇرۇقى جىنكېۋىزى ئۇرۇقى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىـر يىلـلىق سامـان غولـلۇق ئۆسـۈمـلـۈك (Psoralea Corylifolia L.)نىڭ پىشقان مېۋىسىنى سوقۇپ،ئايرىۋېلىنغان ئۇرۇقى«جىن كېۋىزى» ياكى «بابچى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. 10-ئايلاردا يىغىۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن،خېنەن،جياڭشى،ئەنخۇي،شىنجاڭ قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.
قان تازىلاش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى يوقىتىش، يەل ھەيدەش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، تېرىگە جۇلا بېرىش، نورمالسىز بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
1.تاجسىمان قىزىل قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ. 2. قۇرت چۈشۈرۈش رولى بار.3. ئىچىدىن ئىستېمال قىلغاندا ياكى دائىرلىك ئورۇنغا ئىشلەتكەندە، تېرىنىڭ ئولتېرا بىنەپشە نۇرغا بولغان سىزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، رەڭ چۆكمىسى ھاسىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا بەرەس، تەڭگىسىمان تەمرەتكە قاتارلىقلارنى يوقىتىش تەسىرى بار. 4. ئانىلىق ھورمۇنغا ئوخشاش رولى بار. 5. تەركىبىدە ئۇچۇچان ماينىڭ باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلاش رولى بار.
1. بابچى،ئانارگۈلى،گىل ئەرمىنى،گۈڭگۈرت قاتارلىق تۆت خىل دورىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ بىر كېچە چىلاپ قويۇپ،ئۇنىڭ سۈزۈك سۈيىنى كېسەلگە ئىچكۈزۈپ،ئاستىدا قالغان قىسمىنى بەرەس بار يەرگە زىمات قىلىنىدۇ،شۇ ئۇسۇلدا داۋاملىق ئىشلىتىلسە،بەرەسنىڭ داغلىرىنى يوقىتىدۇ.
2. جىن كىۋىزى ئۇرۇقىدىن 7 گرام، ئارەنىدى يېغىدىن 10 گرام ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا بەرەس، بەھەققە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. جىن كىۋىزى ئۇرۇقىدىن 5 گرام، پىلپىلدىن 5 گرام، زەنجىۋىلدىن 5 گرام، پىننىدىن 5 گرام، سياداندىن 5 گرام ئېلىپ چايلىق قىلىپ بەرسە بەرەس، بەھەقتىكى ھەزىم ناچارلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەجۇنى بەرەس، شەربىتى بەرەس.
جوزام، بەھەق، بەرەس، داغ، قىچىشقاق، تەمرەتكە قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى)،.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.