شەھەر ئىچى يېزىسى

شەھەر ئىچى يېزىسى

شەھەر ئىچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى شەھەر ئىچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 95.2 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى huí chéng xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 回城乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 11256 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شەھەر ئىچى يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان.

شەھەر ئىچى يېزىسىشەرقتە پالۋانتۇر يېزىسى بىلەن، شەرقىي ئۆستەڭ رايونى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي راھەتباغ يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي تەرىپى ئاستانە بازىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى راكېتا دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن تۇتاشقان، شەھەر ئايلانما تاشيولى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر. قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 95.2 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 526.53 گېكتار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 0.1 گېكتار. شەھەر ئىچى يېزىسى بىر مىللىي ئۆرپ-ئادەت قويۇق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت يېزىسى، قۇمۇل شەھىرى رايونىغا ئارىلىقى ئەڭ يېقىن يېزا (بازار)، مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە.

قارمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت، 2 باشقۇرۇش كومىتېتى (شىگوبى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە باقمىچىلىق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى)، 17 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 13 پونكىت، بىر  شىپاخانا بار، ئومۇمىي نوپۇسى 11256 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق نوپۇس 8080 ئادەم. يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 4785 ئادەم، ئەمگەك كۈچى 3136 ئادەم. ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۈيزۇ، قازاق، توگو، موڭغۇل، روس قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ % 96 نى ئىگەللىگەن، بىر ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا.

شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى، 2005-يىلى 3741 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 2011-يىلىدىكىدىن 340 مىڭ يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى % 10 كە يەتكەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2818 يۈەن بولغان، 312 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى % 13 كە يەتكەن. 2005- يىلى، بۇغداي تېرىش كۆلىمى 168.3 گېكتار، 2002-يىلدىكىدىن 38.5 گېكتار ئاشقان، كۆممىقوناق تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 76.7 گېكتار، 19.6 گېكتار ئازايغان، كېۋەز تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 231.2 گېكتار، ياغلىق دان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 11.4 گېكتار. ئۈزۈم كۆلىمى 43.3 گېكتار، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 793 توننا، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ % 65 ىنى ئىگەللىگەن، چىلان كۆلىمى 81.1 گېكتار، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 114.2 توننا، قوغۇن-تاۋۇز تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىڭ گېكتارغا، كۆكتات 40.7 گېكتارغا، بېدە 43.7 گېكتارغا، ئوت-چۆپ 103.3 گېكتارغا يەتكەن.

باقمىچى ئائىلىلەر سانى 357 گە يەتكەن، جەمئىي 3508 تۇياق بورداق كالا، بورداق قوي 30110 تۇياق، قولدا قالغان چارۋا 5130 تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە چىشى چارۋا 3755 تۇياق، يېڭىدىن كۆپەيگەن چارۋا-مال 3464 تۇياققا يەتكەن، گۆش مەھسۇلات مىقدارى 980 مىڭ توننا، تۇخۇم مەھسۇلاتى 26 مىڭ توننا، 460 توننا سۈت، 20080 دانە گۆش توخۇسى، گۆش كەپتىرى 43500 دانە، كالا تۆرەلمىسى ياغ كۆچۈرۈش مىسالى 50 كە، كالا تەقسىملەش 254 تۇياققا، كۆك مىكرو ساقلاش گەمىسى 20 گە، ئېغىل-قوتان 21 گە يەتكەن.

شەھەر ئىچى يېزىسىشەھەر ئىچى يېزىسىدىكى مول ساياھەت بايلىقلىرىدىن: ۋاڭ ئوردىسى، ۋاڭلار قەبرىستانلىقى، يېڭى مەدرىس ئىبادەتخانىسى (مەدرىس)، توققۇز ئەجدىھا دەرەخ، تۇرپان ۋادىسى لۇ مازار، دېھقانلار رەسىمى، مىللىي كەشتىچىلىك، ئەل ئارىسىدىكى قەغەز قىيما، مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#