ئازاق يېزىسى
ئازاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئازاق يېزىسىئازاق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونىغا 4.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 31732تۈمەن مو، 14 مەمۇرىي كەنت، 126 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار، يېزا نوپۇسى 34367 ئادەم. 2004–يىلى ئازاق يېزىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7699.3 تۈمەن يۈەن بۇلۇپ، %5.9 ئاشقان، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1830.78 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 79.77 يۈەن، %1.05 ئاشقان، مالىيە كىرىمى 902.9 تۈمەن يۈەن بولغان، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاتۇش شەھىرى بېكىتكەن باغۋەنچىلىك چوڭ يېزىسى. 2004-يىلى يېزا بويىچە جەمئىي 20 مىڭ توننا ئۈزۈم ساتقان.
ئازاق يېزىسى2004-يىلى ئازاق يېزىلىق پارتكوم ھۆكۈمەت ئوبلاست، شەھەرلەر بېكىتكەن تەرەققىيات چوڭ باغۋەنچىلىك پىكىر يولىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 50 مىڭ مو باغۋەنچىلىك كۆلىمى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق يېزا بويىچە 4.43 تۈمەن مو باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان، مېۋە بەرگەن چىلانلىق كۆلىمى 20 مىڭ مو، ئېلىنغان مېۋە 24 مىڭ توننا، يېزا بويىچە ئۈزۈمدىن قىلىنغان كىرىم 2641تۈمەن يۈەن، ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمى1284 يۈەن بۇلۇپ، باغۋەنچىلىك چوڭ يېزىسى نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
ئازاق يېزىسىيېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تېخنىكىغا تايىنىپ،ھەرخىل مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاشلىق بىرلىك مەھسۇلاتىنى ئەڭ زور چەكتە ئۆستۈرگەن. 2004-يىلى پۈتۈن يېزىنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 27مىڭ 900 مو، جەمئىي 14 مىڭ مو ئۈزۈم بىلەن بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىلغان كېۋەز 1689 مو، قوغۇن 1588.5 مو، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 998.80 تۈمەن كىلوگرام، ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى 358.05 كىلوگرام، بىرلىك مەھسۇلاتى 25.15 كىلوگرام ئاشقان، 2004-يىلى يېزا بويىچە تېرىقچىلىق كىرىمى 14 مىليۇن 560 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي كىرىمنىڭ % 18.4 ىنى ئىگىلىگەن.
ئازاق يېزىسىيېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچ بىر» تەربىيەسى، «بەش خىل روھ» تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە دېموكراتىيە-قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ،«تۆتنى ئۆگىنىش،تۆتتە بەسلىشىش،تۆتنى ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ۋە ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، پۈتۈن يېزىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرگەن، ئازاق يېزىسىغا ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئوبلاست دەرىجىلىك مەدەنىي يېزا-بازار» دەپ نام بېرىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.