بوللىۋود

بوللىۋود

ھىندىستان كىنوچىلىق مەركىزى — بوللىۋود ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىگە جايلاشقان، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىنو سانائەت بازىسى.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بوللىۋود
ئىنگلىزچە ئاتىلىشى Bollywood
جايلاشقان ئورنى ھىندىستان بومباي شەھىرى
ئاساسلىق مۇكاپاتى Star Screen مۇكاپاتى
تەسىرى تەدرىجىي ھالدا غەرب كىنو ھەۋەسكارىنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرگەن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宝莱坞
سۈرەتكە ئېلىش ئورنى بومباي شەھىرى
تىپى ۋەقەلىك
رەڭ ئۇسلۇبى رەڭدار
تاماشىبىنلىرى نەچچە يۈز مىليون

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوللىۋودبوللىۋود ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىگە جايلاشقان، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن كىنو سانائەت بازىسىدۇر. ھىندىستانلىقلار ئامېرىكىدىكى كىنوچىلىق مەركىزى ھوللىۋود (Hollywood) نىڭ نامىدىكى باش ھەرپ «H» نى بومباي (Bombay) نىڭ باش قىسمىدىكى «B» غا ئالماشتۇرۇپ، بوللىۋود (Bollywood) دەپ ئاتىغان.

گەرچە تىل ساپلىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن كىشى بۇنداق ئاتاشقا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن بوللىۋود دېگەن بۇ نام ئوكېسفورد لۇغىتىگە رەسمىي سۆزلۈك سۈپىتىدە قوشۇلۇپ بولغان. ھىندىستاندا بوللىۋودتىن باشقا كىنو بازىلىرىمۇ بار، لېكىن تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇز جەھەتتىن بوللىۋود يەنىلا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

بوللىۋودتا ئىشلىنىدىغان كىنولار ئاساسىي جەھەتتىن ناخشا-ئۇسسۇللۇق كىنولار بولۇپ، ناخشا، ئۇسسۇل، ئۈچ بۇرجەك مۇھەببەت، كومېدىيە ۋە باتۇرلۇق ئاساسىي تېما قىلىنغان. بوللىۋودتا كىنوچىلىق جەمەتلىرى خېلى كۆپ ساندا بولۇپ، كۆپلىگەن شىركەتلەر جەمەتلەر كونتىرولىقىدا بولىدۇ. بۇلاردىن داڭلىقلىرى: «كاپور جەمەتى» (پىرىتىۋىراج كاپور، راج كاپور، شاممى كاپور، شاشى كاپور، راندىر كاپور، رىشى كاپور، راجۋ كاپور، كارىشما كاپور، كارىننا كاپور قاتارلىقلار)، «دىئول جەمەتى» (تۋىنكىل كاننا، رىنىك كاننا، راجەش كاننا، دىمپىل كاپادىيا قاتالىقلار)، «دۇت جەمەتى» (نەرگىس دۇت، سۇنىل دۇت، سانجاي دۇت قاتارلىقلار)، «ھۈسەيىن جەمەتى» (تاھىر ھۈسەيىن، ئامىرخان، فايسالخان قاتارلىقلار)، «خانلار جەمەتى» (سەلىمخان، ھېلىن، سالمانخان، ئەربازخان، سۇھەيىلخان قاتارلىقلار)، «سامارتىس-مۇككەرجى جەمەتى» (شوباننا سامارتىس، نۇتان، تانۇجا، مۇھەننىش بېل، تانىشا، كاجول، دىبراشى راي، رام مۇككەرجى، رانى مۇككەرجى قاتارلىقلار)، «باچچان جەمەتى» (ئامىتاب باچچان، ئابشەك باچچان قاتارلىقلار) بار.

بوللىۋود فىلىملىرى ھىندىستان تەۋەسىدىلا ئەمەس، ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىمۇ ناھايىتى ئالقىشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تاماشىبنلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بوللىۋود بىلەن ھوللىۋود ھەمكارلىشىپ بىر قىسىم فىلىملەرنى ئىشلىگەن ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    40%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    60%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#