تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقى

تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقى

شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد تىرامپ رىقابەتچىسى ھىلارى كلىنتوننى مەغلۇب قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى. ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، نيۇيورك «ھىلتون» مېھمانسارىيىدا نۇتۇق سۆزلەپ، قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆز خۇشاللىقىنى بەھرلەندى.

ئۇيغۇرچە نامى تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقى
ۋاقتى 2016-يىلى 9-نويابىر
سۆزلىگۈچى تىرامپ
خەنزۇچە نامى 特朗普胜选演讲
ئورنى نيۇيورك «ھىلتون» مېھمانسارىيى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقىرەھمەت، كۆپ رەھمەت سىلەرگە. سىلەرنى ئۇزاق ساقلىتىۋەتكەنلىكىمدىن خىجىلمەن. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق كەسكىن جەڭدە، ھەقىقەتەن بەك ئەنسىرىگەنىدىم. كۆپ رەھمەت سىلەرگە.

بايا ھىلارى ماڭا تېلېفون قىلىپ، بىزنىڭ غەلىبىمىزنى تەبرىكلىدى. مەن ھىلارى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ بىر تىز پۈكمەس قەھرىمان. ھىلارى ئىزچىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، پۈتۈن دۆلەتكە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشتى، بىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشقا قەرزدارمىز.

مەن ئەستايىدىل ئادەم. ھازىر مېنىڭچە ئامېرىكا خەلقى يارىلارنى يېپىپ، قايتىدىن ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك. پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بارلىق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، دېموكراتلار پارتىيەسى، ئەركىنلىك پارتىيەسىدىكىلەر، ھازىر دەل بىزنىڭ بىرلىكتە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان پەيتىمىزدۇر.

پەيتى كەلدى.

مەن بۇ تۇپراقتىكى ھەربىر پۇقراغا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مېنىڭ پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇشۇم، مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئىلگىرى مېنى قوللىمىغان كىشىلەر، ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر، مەن سىلەرنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىڭلارغا، ياردىمىڭلارغا مۇھتاجمەن، بۇنداق بولغاندا بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ ئۇلۇغ دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشالايمىز.

مەن دەسلەپتە ئېيتقاندەك، بۇ بىر مەيدان سايلام رىقابىتىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىم دۆلەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشىم تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشىش يولىدا بىرلىكتە قاتنىشىدىغان، بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان ھەرىكەتتۇر. بۇ نېمىدېگەن ئۇلۇغۋار، نېمىدېگەن قالتىس ئىش-ھە!

بۇ پۈتۈن ئامېرىكىلىقلار قاتناشقان بىر مەيدان ھەرىكەت بولۇپ، ئىرق، دىن، ئارقا كۆرۈنۈش، ئېتىقادقا قارىمايدۇ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە ئارزۇ قىلىدۇ.

بىز دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇش، ئارۇزلىرىمىزنى قاناتلاندۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا ئاتلىنىشىمىز كېرەك. ئىلگىرى مەن سودا ئىمپېرىيەسى قۇرماقچى بولۇپ، چەكسىز يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە تۈرلەر ۋە ئىختىساسلىقلارنى بايقىغانىدىم.

ھازىر مەن دۆلىتىم ئۈچۈن تۆھپە قوشاي دەيمەن.

مەن دۆلىتىمىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن، ئۇ چەكسىز يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، ھەربىر ئامېرىكىلىق ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما دۆلەت ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر ئەمدى ئۇنتۇلۇپ قالمايدۇ.

بىز شەھەرلەرنى ئوڭشاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، كۆۋرۈك، تونېل، ئايرۇدۇرۇم، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز. بىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

بىز ھەربىي خىزمەتتىن بوشىغان پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە ئوبدان غەمخورلۇق قىلىمىز، ئۇلار ئىلگىرى كۆپ ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەن. ئۆتكەنكى 18 ئايدىكى سايلام رىقابىتى سەپىرىدە، مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىم مېنىڭ شەرەپلىك چاغلىرىمدۇر.

بىزنىڭمۇ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان پىلانىمىز بار. مەن ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تولۇپ تاشقان ئىجادكارلىقى بىلەن، ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، بۇ ئارقىلىق ھەممەيلەنگە نەپ يەتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. بىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايمىز.

بىزنىڭ يەنە ئۇلۇغ بىر ئىقتىساد پىلانىمىز بار. بىز ئىقتىسادىمىزنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىنچ بىرگە ئۆتۈپ، ئۇلارنى ئامېرىكا بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالايدىغان قىلىمىز. بىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايمىز. بىز ئەۋزەل دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولىمىز، بىز ئۆزئارا تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ يوق، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، بىز يېتەلمەيدىغان كەلگۈسى يوق.

بىز دۇنيادا ئەڭ ياخشىسى بولۇشىمىز كېرەك. بىز دۆلىتىمىزنىڭ تەقدىرى ۋە ئارزۇسى، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى تېپىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇ دۆلەتنى تېخىمۇ قالتىس، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك.

مەن پۈتۈن دۇنياغا شۇنداق دېمەكچىمەنكى، بىز ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى مەڭگۈ بىرىنچىن ئورۇنغا قويىمىز، بىز ھەربىرەيلەن بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىمىز. بارلىق پۇقرالار، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈپ دۈشمەنلەشمەسلىك، ھەمكارلىشىپ توقۇنۇشماسلىق يولىدا ئىزدىنىمىز.

تىرامپنىڭ غەلىبە نۇتۇقىھازىر، مەن ماڭا ھەقىقىي ياردەم بەرگەن كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتماقچىمەن، چۈنكى ئۇلار بولغاچقىلا ماڭا بۈگۈنكى ئاخشام يار بولدى، بۇ قېتىملىق تارىخىي غەلىبە نېسىپ بولدى.

ئاۋۋال مەن ئاچا-سىڭىللىرىمدىن مارىيان ۋە ئېلزابېتقا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار بۈگۈن كەچتىمۇ مۇشۇ يەردە، ئۇلار بەك خىجىلچان.

يەنە قېرىندىشىم روبېرتمۇ بار، مېنىڭ قەدىناس دوستۇم، ئۇ قەيەردە؟ روبېرت قەيەردە؟ ئۇلار ئەسلىدە مۇشۇ سەھنىدە بولۇشى كېرەك ئىدى.

يەنە مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن قېرىندىشىم فلايدې، ئۇ بىر ئىنتايىن قالتىس بۇرادەر، ئىنتايىن مۇكەممەل كىشى ئىدى.

بۇ بىر مۇكەممەل جەمەت، مەن مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرىم، ئاچا-سىڭىللىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن بەختلىكمەن.

قەدىرلىك مېرانىيا دەن، ئىۋانكا، ئەرۇك، دىفانى، يەنە بارۇن، سىلەرنى سۆيىمەن، رەھمەت سىلەرگە. بولۇپمۇ سىلەرنىڭ مەن بىلەن بىرلىكتە شۇنچە كۆپ ۋاقتىڭلار ۋە زېھنىڭلارنى بېغىشلىغانلىقىڭلارغا رەھمەت، بۇ بىر ئىنتايىن قىيىن جەريان.

سىياسىي تولىمۇ يىرگىنچلىك، ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭا مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت. لاۋرا (ترامپنىڭ كېلىنى) بەك قالتىس، ۋانىسا (ترامپنىڭ كېلىنى) رەھمەت سىزگە. سىلەرنىڭ ئارقامدىن مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت.

سىلەرگە شۇنداق دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ تولىمۇ قالتىس كوللېكتىپىمىز بار. سىلەر بىلەمسىلەركىن، رىقابەتچىمىز بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنى ئىنتايىن ئاز، دەپ ئويلاپ كەلگەنىدى، ئەمما ئاز ئەمەس ئىدى، ئۇلارغا قاراڭلار، كېيلى، كرىس، رۇدى، سىتېۋېىن، داۋىد، بىزدە مۇشۇنداق ئىختىساسلىقلار ئىنتايىن كۆپ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن نيۇيورك شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى جۇدى جۇلىيانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ئاسانغا توختىمىدى. ئۇ ئىزچىل بىز بىلەن بىرلىكتە بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزگىرىپ قالمىدى. جۇدى قەيەردە؟ جۇدى قەيەردە؟

كرىس كرىستىنا (يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ باشلىقى) بىر تولىمۇ قالتىس كىشى. رەھمەت سىزگە كرىس. جېف سىكنس، سىز مېنى تۇنجى بولۇپ قوللىغان نوپۇزلۇق پارلامېنت ئەزاسى، ۋاشىنگتوندا چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر، چۈنكى زېھنى ئۆتكۈر، پەم-پاراسەتلىك كىشى. جېف قەيەردە؟ ئۇ ھەقىقەتەن بىر قالتىس كىشى.

يەنە بىرەيلەن بار، ئۇ بىن كاسىن (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى)، ئۇ مېنىڭ ھەقىقىي دوستۇم. مەن ئۇنى سايلام رىقابەتچىم قىلىشنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ئۇمۇ دېموكراتلار پارتىيەسىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى. بېن، سىز قەيەردە؟

مېك خېكابى (ئاركانزاس ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى)مۇ بۇ يەردە. ئۇ بەك قالتىس كىشى. مېك ۋە ئۇنىڭ ئايالى سارا، سىلەرگە كۆپ رەھمەت.

گېنېرال مېك فۇلىن ۋە گېنېرال كېيلى، 200 دىن ئارتۇق گېنېرال ۋە پولكوۋنىك سايلىمىمىزغا ياردەم بەردى. ئۇلار بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ يەنە 22 نەپەر پارلامېنت مېدالى شەرىپىگە ئېرىشكەنلەر بار. بىزنىڭ ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك ئەل رايى ئاساسىمىز بار.

بىزنىڭ يەنە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئادىمىمىز بار، ئۇ ماڭا ئىشىنىدۇ. تاراتقۇلار بىزنىڭ ئەپ ئۆتمەيدىغانلىقىمىز توغرىسىدا خەۋەر بېرىشتى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بىز ئىزچىل ياخشى ئۆتىمىز. ئۇ بىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كاتتا چولپان. مېنىڭ دەۋاتقىنىم سىز، لېيئېنس (ھازىرقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى). لېيئېنس ھەقىقەتەن بىر كاتتا چولپان بولۇپ، ئۇ ئىشلارنى پۇختا قىلالايدىغان كىشى. لېيئېنس، بۇ ياققا كېلىڭ. بۇ سىزگىمۇ مەنسۇب ۋاقىت، سىزمۇ بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەڭ.

(لېيئېنس: خانىملار، ئەپەندىلەر، بۇ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ بولىدۇ. رەھمەت سىلەرگە! مەن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمەن.)

ئۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كىشى، بۇ قېتىمقى غەلىبىگە نىسبەتەن، بىز بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقى تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭا مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن بىر قىسىم قالتىس ئىختىساسلىق كىشىلەرنى ھەقىقىي چۈشەندىم.

يەنە ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىدىكىلەر بار. ئۇلار تولىمۇ قەيسەر، ئەقىللىق، يەنە ئىنتايىن ھۇشيار. بىراق مەن سىزگە شۇنى دەپ قويايكى، مەن ئۇلارنى «ئەخمەق قىلماقچى» ئەمەسمەن. مەن كىشىلەر ئارىسىدا مېڭىپ، پۇقرالارغا قول پۇلاڭلىتىپ سالام بەرگىنىمدە، ئۇلار مېنى ئورۇندۇقتا دۈم ياتقۇزۇۋالدى. ئۇلار بىر توپ قالتىس كىشىلەر، شۇ ۋەجىدىن مەن ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

پۈتۈن نيۇيورك شەھىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار بۈگۈن كەچتە مۇشۇ يەردە. بۇ بىر توپ ئاجايىپ قالتىس كىشىلەر، بەزىدە مەن ئۇلارنى مەڭگۈ تەرىپلەپ بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئەمما بىز ھەقىقەتەنمۇ نيۇيورك شەھىرىدىكى بۇ خىل ئامانلىق تارماقلىرىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز.

كىشىلەر بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىش دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ناۋادا بىز بۇ ئىشنى تارىخ سەھىپىسىگە يازىمىز دەيدىكەنمىز، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ھەممە ئىشلاردا تىرىشىشىمىز كېرەك.

مەن كۆپچىلىككە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، مەن سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيمەن. مەن بارلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن. مەن سىلەرنىڭ زۇڭتۇڭۇڭلار بولۇشقا ئىنتىزارمەن، يەنە تۆت يىل ياكى سەككىز يىلدىن كېيىن، بىزنىڭ ئامېرىكىدا شۇنداق بىر مەنزىرىنى، يەنى بىزنىڭ نۆۋەتتە قىلغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھازىر سايلام ئاياغلاشتى، ئەمما بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئەمدىلا باشلاندى. بىز دەرھال ئامېرىكا خەلقىگە كۈچ چىقىرىشقا ئاتلىنىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ مەندەك زۇڭتۇڭىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ مېنىڭ شەرىپىم.

مېنىڭچە بۇ گۈزەل بىر ئاخشام بولدى، ئۆتكەنكى ئىككى يىللىق كەچۈرمىشلەر تولىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى. مەن بۇ دۆلەتنى سۆيىمەن، رەھمەت سىلەرگە! ھەممىڭلارغا رەھمەت! مېك پېڭس (ترامپنىڭ سايلام شېرىكى)نىڭ مېنى قوللىغانلىقىغا كۆپ رەھمەت.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#