لى داجاۋ

لى داجاۋ (1889-1927-يىللار)  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى داجاۋ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى خېبېي ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1927-يىل
خەنزۇچە ئىسمى 李大钊
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1889-يىل 10-ئاينىڭ 29-كۈنى
كەسپى ئىنقىلابچى، ماركىسىزمچى، رەھبەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى لى داجاۋ (1889-1927-يىللار) ، تەخەللۇسى شۇچاڭ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يۆتىڭ ناھىيەسىدىن. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىنتايىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تۈرلۈك يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلىگەن، ۋەتەننى، مىللەتنى قۇتقۇزىدىغان ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا تىرىشىپ ئىزدەنگەن. 24 يېشىدا ياپونىيە گە بېرىپ، ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسىي كەسپى بويىچە باكالاۋرلىقتا ئوقۇپ، ماركسىزم تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. 1916-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بېيجىڭدا چىقىدىغان «سەھەر قوڭغۇرىقى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى پروفېسسورى، قوشۇمچە كۇتۇپخانىنىڭ مۇدىرى ۋە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان ھەمدە «ھەپتىلىك ئوبزور»، «ياش جۇڭگو» قاتارلىق ژۇرناللارنى چىقىرىپ ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگودا ئەڭ بۇرۇن ماركسىزمنى تارقاتقۇچى بولۇپ قالغان. 

1917-يىلى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، «فرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن رۇسىيە ئىنقىلابىنى سېلىشتۇرۇش» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىگە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ سوتسىيالىستىك خاراكتېرىنى تۇنجى قېتىم توغرا شەرھلەپ بەرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «ئاۋام خەلقنىڭ غەلىبىسى» ۋە «بولشېۋىزمنىڭ غەلىبىسى» دېگەن ئىككى پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جاھانگىرلىكنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى مەدھىيىلىگەن، ماركسىزم، لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلغان. 1919-يىلى 4-ماي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، «سەھەر گېزىتى» نىڭ قوشۇمچە سانىدا «ماركسىزم تەتقىقاتى» ناملىق مەخسۇس سەھىپە ئاچقان ھەمدە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىدا «مېنىڭ ماركسىزملىق قارىشىم» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىلىرىنى بىرقەدەر سىستېمىلىق تونۇشتۇرغان.

1920 -يىلى 1-ئايدا، لى داجاۋ چېن دۇشيۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمال بىلەن جەنۇبتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغان. 3-ئايدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ماركسىزم تەلىماتى تەتقىقات ئۇيۇشمىسى» قۇرغان؛ 9-ئايدا يەنە بېيجىڭ كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان؛ ئۇ يەنە ھەرقايسى جايلاردا كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەشكىلىي خىزمەت ئىشلىگەن. 

1921-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ شىمالىي رايوننىڭ پارتىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شىمالىي رايوننىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتىگە ۋە ئاممىۋى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان، پارتىيە 2-، 3-، 4-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ 1922-يىلىدىن باشلاپ گومىنداڭنىڭ زۇڭلىسى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇ جاپا چېكىشتىن قورقماي تۆت قېتىم چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شاڭخەيگە ئۈچ قېتىم، گۇاڭجۇغا ئىككى قېتىم بېرىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىش، كومپارتىيە بىلەن بىرلىشىش، ئىشچى، دېھقانلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ئۈچ بۈيۈك سىياسەتنى ئورنىتىشىغا ياردەم بەرگەن ھەمدە گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. 1924-يىلى 1-ئايدا، گومىنداڭنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيىدا، ئۇ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گە ۋاكالىتەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 5-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.

 1927-يىلى 4-ئايدا، لى داجاۋ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا مىلىتارىست جاڭ زولىن تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1927-يىل 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۈشمەننىڭ جازا مەيدانىدا: «سىلەر مېنى ئۆلتۈرگىنىڭلار بىلەن، كوممۇنىستلارنى ئۆلتۈرۈپ بولالمايسىلەر» دەپ توۋلىغىنىچە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1800.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#