ئەمگەك تالاش–تارتىشى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى

ئەمگەك تالاش–تارتىشى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش–تارتىشى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى» 2007–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش–تارتىشى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2007–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国劳动争议调解仲裁法
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó láo dòng zhēng yì diào jiě zhòng cái fǎ
قوللىنىلغان ۋاقتى 2008–يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش–تارتىشى مۇرەسسە–كېسىم قانۇنى» ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى (80–نومۇرلۇق)

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە-كېسىم قانۇنى» 2007–يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2007-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ:

(1) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىش؛

(2) ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا كۆرۈلگەن تالاش-تارتىش؛

(3) رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، بوشىتىش ۋە ئىستېپا بېرىش، خىزمەتتىن ئايرىلىشتا كۆرۈلگەن تالاش-تارتىش؛

(4) ئىش ۋاقتى، ئارام-ئوتپۇسكا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، تەربىيىلەش شۇنىڭدەك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدە كۆرۈلگەن تالاش-تارتىش؛

(5) ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلگەن تالاش-تارتىش؛

(6) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرى.

3-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىشتا پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇنلۇق، ئادىل، ۋاقتىدا بولۇش، مۇرەسسە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

4-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كېڭەشسە بولىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى 3-تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ، كېلىشىۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلسىمۇ بولىدۇ.

5-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كۆرۈلگەندە، ئالاقىدارلاردىن كېڭىشىشنى خالىمىغانلىرى، كېلىشەلمىگەنلىرى ياكى كېلىشىۋېلىش كېلىشىمىنى ئادا قىلمىغانلىرى مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغانلىرى، كېلىشەلمىگەنلىرى ياكى مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئادا قىلمىغانلىرى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىگە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

6-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئالاقىدارلاردا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ. تالاش-تارتىش قىلىنغان ئىشقا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قولىدا بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇنى بېرىشى؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۇنى بەرمىسە پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

7-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى قىلىۋاتقان ئەمگەكچى بىر تەرەپنىڭ ئادەم سانى ئوندىن ئاشقان ھەمدە ئورتاق تەلىپى بولغانلىرى مۇرەسسە، كېسىم ياكى دەۋا پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ۋەكىل كۆرسەتسە بولىدۇ.

8-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا ۋەكىلى بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك مۇناسىۋىتىدە ئۈچ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئەمگەك تالاش-تارتىشىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.

9-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرغان ياكى تولۇق بەرمىگەن ۋە ياكى ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلىنى نېسى قالدۇرغاندا، ئەمگەكچىلەر ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

2-باب مۇرەسسە قىلىش

10-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كۆرۈلگەندە، ئالاقىدارلار مۇرەسسە قىلىشنى تۆۋەندىكى مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) كارخانىلارنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە ھەيئىتى؛

(2) قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاساسىي قاتلام خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتى؛

(3) يېزا-بازار، كوچىلاردا قۇرۇلغان ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش فۇنكسىيىسى بار تەشكىلاتلار.

كارخانىلارنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە ھەيئىتى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ۋە كارخانا ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىلى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىدىن بولىدۇ ياكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ، كارخانا ۋەكىلىنى كارخانا مەسئۇلى بېكىتىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە ھەيئىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى ياكى ئىككى تەرەپ كۆرسەتكەن كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

11-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەچىسى ئادىل، دۇرۇس بولغان، ئامما بىلەن ئالاقىسى قويۇق بولغان، مۇرەسسە خىزمىتىنى سۆيىدىغان ھەمدە مەلۇم قانۇن بىلىمى، سىياسەت ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى بولغان قۇرامىغا يەتكەن پۇقرا بولۇشى كېرەك.

12-ماددا ئالاقىدارلار ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىشنى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا، مۇرەسسە تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان تالاش-تارتىشتىكى ئىشنى، ئاساسىنى ۋە ۋاقتىنى شۇ جايدا خاتىرىلىشى كېرەك.

13-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىشتا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ پاكىت ۋە ئاساس ھەققىدىكى بايانىنى تولۇق ئاڭلاپ، سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

14-ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلاش كېرەك.

مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان، مۇرەسسەچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ھەمدە مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، ئۇنى ئالاقىدارلار ئادا قىلىشى كېرەك.

ئەمگەك تالاش-تارتىشى مۇرەسسە تەشكىلاتى مۇرەسسە ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدۇرالمىغاندا، ئالاقىدارلار كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

15-ماددا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇرەسسە كېلىشىمىنى پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ئادا قىلمىسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ كېسىم قىلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

16-ماددا نېسى ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلىنى بېرىش ئۈستىدە ھاسىل قىلىنغان مۇرەسسە كېلىشىمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن پۈتۈشكەن مۆھلەتتە ئادا قىلمىغاندا، ئەمگەكچىلەر مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىنى ئېلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە بېرىم بۇيرۇقى چىقىرىشى كېرەك.

3-باب كېسىم قىلىش

1-پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

17-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجغا ماسلىشىش پرىنسىپى بويىچە قۇرۇلىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر، ناھىيىلەردە قۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى رايون، ناھىيىلەردە قۇرۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، رايون بار شەھەرلەر ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىدىن بىر ياكى بىر نەچچىنى قۇرسىمۇ بولىدۇ. ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنى مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى بويىچە قاتلاممۇ قاتلام قۇرۇش ھاجەتسىز.

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كېسىم قائىدىسى چىقىرىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

19-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ۋەكىلى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە كارخانا ۋەكىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ سانى تاق بولۇشى كېرەك.

ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:

(1) مەخسۇس ياكى قوشۇمچە كېسىمچىلەرنى تەكلىپلىك تەيىنلەش، بوشىتىش؛

(2) ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرىنى قوبۇل قىلىش؛

(3) چوڭ-چوڭ ياكى چىگىش ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرىنى مۇزاكىرە قىلىش؛

(4) كېسىم پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش.

ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىدە ئىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇ، ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

20-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى كېسىمچىلەر ئىسىملىكى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

كېسىمچىلەر ئادىل، دۇرۇس بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشۇشى كېرەك:

(1) سوتچىلىق قىلغان بولۇش؛

(2) قانۇن تەتقىقاتى خىزمىتى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى ئىشلىگەن بولۇش ھەمدە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋان ئالغان بولۇش؛

(3) قانۇن بىلىمى بولغان، ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى قاتارلىق كەسپىي خىزمەت ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛

(4) ئادۋوكاتلىق قىلغىنىغا ئۈچ يىل توشقان بولۇش.

21-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى شۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئەمگەك تالاش-تارتىشلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئالىدۇ.

ئەمگەك تالاش-تارتىشى ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىگە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئەمگەك توختامى ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

22-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى قىلىۋاتقان ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم دېلوسىدىكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ بولىدۇ.

ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن ياكى ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەۋەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئورتاق ئالاقىدار بولىدۇ.

23-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار 3-كىشى كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى ئۇنىڭغا كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

24-ماددا ئالاقىدارلار كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا، ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىگە ھاۋالە قىلغۇچى ئىمزا قويغان ياكى تامغىسىنى باسقان ھاۋالىنامىنى تاپشۇرۇش، ھاۋالىنامىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ھوقۇق دائىرىسىنى يېزىش كېرەك.

25-ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى قىسمەن قالغان ئەمگەكچىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى كېسىم پائالىيىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى بولمىغانلارغا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى ۋاكالەتچى بېكىتىپ بېرىدۇ. ئەمگەكچى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، يېقىن تۇغقىنى ياكى ۋاكالەتچىسى كېسىم پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

26-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى ئوچۇق كېسىم قىلىنىدۇ، لېكىن ئالاقىدارلار ئوچۇق كېسىم قىلماسلىقنى كېلىشكەنلىرى ياكى دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىيەتكە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

2-پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

27-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى بىر يىل بولىدۇ. كېسىم ۋاقىت چېكى ئالاقىدارلار ھوقۇقىغا زىيان يەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېسىم ۋاقىت چېكى ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ئالاقىدار قارشى تەرەپكە ھوقۇق تەشەببۇسى قىلىشى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ھوقۇقىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشى ۋە ياكى ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا قوشۇلۇشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. كېسىم ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ قايتا ھېسابلىنىدۇ.

ئالاقىدارلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن، مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كېسىم ۋاقىت چېكىدە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلالمىسا، كېسىم ۋاقىت چېكى توختىتىپ تۇرۇلىدۇ. ۋاقىت چېكىنى توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىتىلگەن كۈندىن باشلاپ كېسىم ۋاقىت چېكى داۋاملىق ھېسابلىنىدۇ.

ئەمگەك مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئەمگەك ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتىن كېلىپ چىققان تالاش-تارتىشتا ئەمگەكچىنىڭ كېسىم ئىلتىماسى قىلىشى مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كېسىم ۋاقىت چېكىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ لېكىن، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقانلىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

28-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم ئىلتىماسى قىلىشتا، كېسىم ئىلتىماسى سۇنۇشى ھەمدە ئۇنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ سۇنۇشى كېرەك.

كېسىم ئىلتىماسىغا تۆۋەندىكىلەرنى يېزىش كېرەك:

(1) ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، يېشى، كەسپى، ئىشلەيدىغان ئورنى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىنىڭ ئىسم-فامىلىسى، ۋەزىپىسى؛

(2) كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلانغان پاكىتى، ئاساسى؛

(3) دەلىل-ئىسپات ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى، گۇۋاھچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى.

كېسىم ئىلتىماسىنى يازالمايدىغانلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى خاتىرىلەپ قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

29-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشىدۇ دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى؛ قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قارىغانلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى قوبۇل قىلمىسا ياكى سۈرۈك ئۆتسىمۇ قارار چىقارمىسا ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ ئەمگەك تالاش-تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

30-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا بەش كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئون كۈن ئىچىدە ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىگە جاۋابنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جاۋابنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا بەش كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلىنغۇچى جاۋابنامە تاپشۇرمىسا، كېسىم تەرتىپىگە تەسىر يەتمەيدۇ.

3-پاراگراف كېڭەشمە ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش

31-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرى ئۈستىدە قارار چىقىرىشتا، كېسىم كېڭەشمىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كېسىم كېڭەشمىسى ئۈچ كېسىمچىدىن تەركىب تاپىدۇ، باش كېسىمچى قويۇلىدۇ. ئاددىي ئەمگەك تالاش-تارتىش دېلوسىنى بىر كېسىمچى تەنھا كېسىم قىلسا بولىدۇ.

32-ماددا ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

33-ماددا كېسىمچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك، ئالاقىدارلارمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار ياكى ئالاقىدارلارنىڭ، ۋاكالەتچىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛

(2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلار؛

(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل قارار چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغانلار؛

(4) ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشكەنلەر ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىياپىتىگە بارغان، سوۋغىتىنى ئالغانلار.

ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسى ئۈستىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

34-ماددا كېسىمچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 33-ماددىسىنىڭ 4-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال بولغانلىرى ياكى پارا سورىغان، پارا ئالغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقارغانلىرى قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى ئۇلارنى بوشىتىۋېتىشى كېرەك.

35-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى كېڭەشمە ئېچىشتىن بەش كۈن بۇرۇن، كېڭەشمە ئاچىدىغان ۋاقىت، ئورۇننى ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئالاقىدارلاردىن ئورۇنلۇق سەۋەبى بولغانلىرى كېڭەشمە ئېچىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن كېچىكتۈرۈپ كېڭەشمە ئېچىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈش-كېچىكتۈرمەسلىكنى ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى قارار قىلىدۇ.

36-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كېڭەشمىگە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئارىلىقتا كېڭەشمىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارالسا بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن كېڭەشمىگە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئارىلىقتا كېڭەشمىدىن چىقىپ كەتكەنلىرى ئۈستىدە سىرتتىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ.

37-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى باھالاش زۆرۈر دەپ قارىغان مەخسۇس مەسىلىلەرنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باھالاش ئاپپاراتىغا باھالاتقۇزسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار پۈتۈشمىگەن ياكى پۈتۈشەلمىگەن بولسا، كېسىم كېڭەشمىسى بېكىتكەن باھالاش ئاپپاراتى باھالايدۇ.

باھالاش ئاپپاراتى ئالاقىدارلارنىڭ ياكى كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، باھالىغۇچىنى كېڭەشمىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ باھالىغۇچىغا سوئال قويسا بولىدۇ.

38-ماددا ئالاقىدارلار كېسىم جەريانىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈرۈش ۋە مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق. دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈرۈش ۋە مۇنازىرىلىشىش ئاخىرلاشقاندا، باش كېسىمچى ياكى تەنھا كېسىمچى ئالاقىدارلارنىڭ ئاخىرقى پىكرىنى ئېلىشى كېرەك.

39-ماددا ئالاقىدارلار بەرگەن دەلىل-ئىسپاتلاردىن تەكشۈرۈشتە راست بولۇپ چىققانلىرىنى كېسىم كېڭەشمىسى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك.

ئەمگەكچىلەر ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قولىدىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن كېسىم تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى بېرەلمىسە، كېسىم كېڭەشمىسى ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن بېكىتىلگەن مۆھلەتتە بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بېكىتىلگەن مۆھلەتتە بەرمىگەنلىرى پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

40-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى كېڭەشمە ئېچىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار ۋە كېسىمگە قاتناشقۇچى باشقا كىشىلەردىن ئۆز بايانلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغان ياكى خاتا يېزىلىپ قالغان جايلىرى بار دەپ قارىغانلىرى تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تولۇقلانمىغان ۋە تۈزىتىلمىگەن بولسا، شۇ ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

خاتىرىگە كېسىمچى، خاتىرلىگۈچى، ئالاقىدارلار ۋە كېسىمگە قاتناشقۇچى باشقا كىشىلەر ئىمزا قويىدۇ ياكى تامغىسىنى باسىدۇ.

41-ماددا ئالاقىدارلار ئەمگەك تالاش-تارتىشىنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى كېلىشىۋالسا بولىدۇ. كېلىشىۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىرى كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

42-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، مۇرەسسە قىلىپ بېقىشى كېرەك.

مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىرىدا كېسىم كېڭەشمىسى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى كېرەك.

مۇرەسسەنامىگە كېسىم تەلىپىنى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ كېلىشىش نەتىجىسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك. مۇرەسسەنامە كېسىمچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈلىدۇ. مۇرەسسەنامە ئالاقىدار تەرەپ ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

مۇرەسسە قىلغىلى بولمىسا ياكى مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈلگىچە ئالاقىدار بىر تەرەپ يېنىۋالسا، كېسىم كېڭەشمىسى ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

43-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرى ئۈستىدە ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىپ بولۇشى كېرەك. دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، مۆھلەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، ئەمگەك تالاش-تارتىشى كېسىم ھەيئىتى مۇدىرىنىڭ تەستىقى بىلەن مۆھلەت ئۇزارتىلسا ھەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەت 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مۆھلەت ئۆتسىمۇ كېسىم قارارى چىقىرىلمىسا، ئالاقىدارلار شۇ ئەمگەك تالاش-تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

كېسىم كېڭەشمىسى ئەمگەك تالاش–تارتىشى دېلولىرى ئۈستىدە قارار چىقىرىشتا دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق بولغان قىسمى ئۈستىدىن ئالدىن قارار چىقارسا بولىدۇ.

44-ماددا كېسىم كېڭەشمىسى ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلىنغان دېلولاردا ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئالدىن ئىجرا قىلىش ھەققىدە قارار چىقىرىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

كېسىم كېڭەشمىسىنىڭ قارارلىرىدىن ئالدىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) ئالاقىدار ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق–مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولۇش؛

(2) ئالدىن ئىجرا قىلمىغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يېتىش.

ئەمگەكچىلەردىن ئالدىن ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى كېپىللىك بەرمىسىمۇ بولىدۇ.

45-ماددا قارارنى كۆپ ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك، ئاز ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرىنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك. كېسىم كېڭەشمىسىدە كۆپ ساندىكىلەرنىڭ پىكرى بىرلىككە كەلمىسە، قارارنى باش كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك.

46-ماددا قارارنامىگە كېسىم تەلىپى، تالاش–تارتىش پاكىتى، قارار ئاساسى، قارار نەتىجىسى ۋە قارار چىقىرىلغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. قارارنامىگە كېسىمچى ئىمزا قويىدۇ، ئەمگەك تالاش–تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ. قارارغا باشقىچە پىكىردە بولغان كېسىمچىلەر ئىمزا قويسىمۇ، ئىمزا قويمىسىمۇ بولىدۇ.

47-ماددا مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۆۋەندىكى ئەمگەك تالاش–تارتىشلىرى ئۈستىدە چىقىرىلغان قارار ئاخىرقى قارار بولىدۇ، قارارنامە چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ:

(1) شۇ جاينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ 12 ئايلىق سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلىنى تەلەپ قىلىشقا دائىر تالاش– تارتىشلار؛

(2) دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشتا ئىش ۋاقتى، ئارام–ئوتپۇسكا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە كېلىپ چىققان تالاش–تارتىشلار.

48-ماددا ئەمگەكچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

49-ماددا ئەمگەكچى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 47–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كېسىم قارارىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بارلىقىنى دەلىل– ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلىيالايدىغانلىرى كېسىم قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەمگەك تالاش–تارتىشى كېسىم ھەيئىتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە قارارنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) قانۇن– نىزامنى تەتبىقلاشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بولسا؛

(2) ئەمگەك تالاش–تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولمىسا؛

(3) قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ بولسا؛

(4) قاراردا ئاساسلانغان دەلىل–ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولسا؛

(5) ئالاقىدار قارشى تەرەپ ئادىل قارار چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان دەلىل– ئىسپاتنى يوشۇرغان بولسا؛

(6) كېسىمچى شۇ دېلودا پارا سوراپ، پارا ئېلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقارغان بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، قاراردا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا، ئۇنى كۈچتىن قالدۇرۇش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.

كېسىم قارارلىرىدىن خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ كۈچتىن قالدۇرغانلىرىدا، ئالاقىدار كېسىمنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە شۇ ئەمگەك تالاش-تارتىشى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

50-ماددا ئالاقىدارلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىدا بەلگىلەنمىگەن باشقا ئەمگەك تالاش–تارتىشى دېلولىرىدىكى كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى كېسىم قارارنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ دەۋا قىلمىسا، قارارنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

51-ماددا ئالاقىدار قانۇن كۈچىگە ئىگە مۇرەسسەنامە، قارارنامىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، يەنە بىر تەرەپ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

4-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

52-ماددا كەسپىي ئورۇنلاردىكى تەكلىپلىك ئىشلىتىش تۈزۈمىدىكى خادىملار بىلەن ئىشلەيدىغان ئورنى ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك تالاش–تارتىشى كۆرۈلسە، مۇشۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

53-ماددا ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى كېسىم قىلىشتا ھەق ئېلىنمايدۇ. ئەمگەك تالاش–تارتىشى كېسىم ھەيئىتىنىڭ خىراجىتى مالىيىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

54-ماددا بۇ قانۇن 2008–يىلى 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1336865.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#