جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى 2013–يىلى 4–ئاينىڭ 25–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
پىنيىنچە يېزىلىشى zhōng huá rén mín gòng hé guó lǚ yóu fǎ
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国旅游法
ماقۇللانغان ۋاقتى 2013–يىلى 4–ئاينىڭ 25–كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ قانۇن ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى 2013–يىلى 4–ئاينىڭ 25–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللانغان.

2013–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى 3–نومۇرلۇق

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى» 2013-يىلى 4–ئاينىڭ 25–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىلى 10–ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

    2013–يىلى 4–ئاينىڭ 25–كۈنى

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداش، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ساياھەتچىلىكنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىن چېگرا سىرتىغا ئۇيۇشتۇرۇلغان سەيلە قىلىش، دەم ئېلىش، ئىستراھەت قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىگە شۇنىڭدەك ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىدىغان تىجارەت پائالىيەتلىرىگە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا دۆلەت ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت پائالىيىتىدىكى ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

4–ماددا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداش شەرتى ئاستىدا، ساياھەت بايلىقىدىن قانۇن بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان ساياھەت سورۇنلىرىدا جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.

5–ماددا دۆلەت ساغلام، مەدەنىي، مۇھىت سۆيەر ساياھەت ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ ساياھەت پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن ۋە شەخىسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

6–ماددا دۆلەت ساياھەت مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە بازار قائىدىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە مونوپولى ۋە رايون مونوپولىنى چەكلەيدۇ. ساياھەت تىجارەتچىلىرى سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ساغلام، پاكىز، قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

7–ماددا گوۋۇيۈەن ساياھەتچىلىكنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت خىزمىتىگە بولغان تەشكىللەش ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ياكى ئاپپاراتلارنى بېكىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.

8–ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ساياھەت ساھە تەشكىلاتى تەلەپچان باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

2–باب ساياھەتچىلەر

9–ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىختىيارىي تاللاشقا ھوقۇقلۇق، ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي سودا قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ساياھەتچىلەر ئۆزى سېتىۋالغان ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق.

ساياھەتچىلەر ساياھەت تىجارەتچىلىرىنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىشىنى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

10–ماددا ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، مىللىي ئۆرپ–ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

11–ماددا مېيىپ، ياشانغان، قۇرامىغا يەتمىگەن ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتى داۋامىدا قانۇن–نىزام ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قولايلىقتىن ۋە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.

12–ماددا ساياھەتچىلەر جىسمانىي، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپىگە ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىشنى ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ساياھەتچىلەردىن جىسمانىي، مال–مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

13–ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتىدە جامائەت تەرتىپىگە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، شۇ جاينىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، ساياھەت بايلىقىنى ئاسرىشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشى، ساياھەت مەدەنىيلىكى ھەرىكەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

14–ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت پائالىيىتىدە ياكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە كاشىلا قىلسا بولمايدۇ، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ.

15–ماددا ساياھەتچىلەر ساياھەت مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندا ياكى قوبۇل قىلغاندا ساياھەت تىجارەتچىسىگە ئۆزىنىڭ ساياھەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار شەخسىي سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىشى، ساياھەت پائالىيىتىدىكى بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

ساياھەتچىلەر دۆلەتنىڭ چوڭ–چوڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ساياھەت پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرىگە شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار، ئاپپاراتلار ۋە ساياھەت تىجارەتچىلىرى قوللانغان خەتەردىن ساقلىنىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلىشىشى كېرەك.

ساياھەتچىلەردىن بىخەتەرلىك ئاگاھ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرى ياكى دۆلەتنىڭ چوڭ–چوڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان ساياھەت پائالىيىتىنى ۋاقىتلىق چەكلەش تەدبىرىگە، خەتەردىن ساقلىنىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ماسلاشمىغانلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

16–ماددا چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا قانۇنسىز تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۆمەك بىلەن چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار ئۆمەكتىن بۆلۈنۈپ چىقسا بولمايدۇ.

چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر چېگرا ئىچىدە قانۇنسىز تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۆمەك بىلەن چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەر ئۆمەكتىن بۆلۈنۈپ چىقسا بولمايدۇ.

3–باب ساياھەتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش

17–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك ساياھەت بايلىقى مول رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشى كېرەك. مەمۇرىي رايون ھالقىغان ھەمدە ئومۇميۈزلۈك پايدىلىنىشقا باب كېلىدىغان ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىشتا، بىرلىككە كەلگەن ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈشكە تەشكىللىشى ياكى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ تۈزۈشى كېرەك.

18–ماددا ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەلىپى ۋە تەدبىرىنى، شۇنىڭدەك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىش، ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش، ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش تەلىپى ۋە ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق ساياھەت بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، مەلۇم رايوننىڭ ساياھەت تۈرلىرى، ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە مەخسۇس تەلەپ قويسا بولىدۇ.

19–ماددا ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، شۇنىڭدەك تەبىئىي بايلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق ئادىمىيەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

20–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى، شەھەر–يېزا يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، ئالاقىدار ساياھەت تۈرلىرى، ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقى ۋە قۇرۇلۇش يېرى تەلىپىنى تولۇق ئويلىشىشى كېرەك. قاتناش، خەۋەرلىشىش، سۇ بېرىش، توك بېرىش، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشتا ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

21–ماددا تەبىئىي بايلىق ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارلىق ئادىمىيەت بايلىقىدىن ساياھەت ئۈچۈن پايدىلىنىشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، بايلىق، ئېكولوگىيە مۇھاپىزىتىنىڭ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش، شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆرپ–ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، بايلىقنىڭ رايون پۈتۈنلۈكى، مەدەنىيەت ۋەكىللىكى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىنى قوغداش ھەمدە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش ئېھتىياجىنى ئويلىشىش كېرەك. ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بايلىق قوغداشنى ۋە ساياھەتتىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

22–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تۈزگەن ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىجراسىنى باھالىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

23–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق كەسىپ سىياسىتىنى تۈزۈپ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ساياھەت ئارامگاھ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى، تەدبىر قوللىنىپ رايونلارنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، رايون ھالقىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىشقا ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىشقا مەدەت بېرىشى، ساياھەت بىلەن سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، سودا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، پەن–مائارىپ ساھەسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، چەت–ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى قوللىشى لازىم.

24–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەبلەغنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتى ۋە ساياھەت ئوبرازىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

25–ماددا دۆلەت ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئوبرازىنى چېگرا سىرتىدا كېڭەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتى ۋە تورىنى بەرپا قىلىدۇ، خەلقئارا ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى قانات يايدۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ساياھەت ئوبرازىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدۇ.

26–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، ساياھەت جامائەت ئۇچۇرى ۋە مەسلىھەتچىلىك سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت مەنزىرە رايونى، لىنىيە، قاتناش، ھاۋا رايى، ياتاق، بىخەتەرلىك، داۋالاش–جىددىي قۇتقۇزۇش زۆرۈر ئۇچۇرلىرىنى ھەقسىز يەتكۈزۈشى ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىشى لازىم. رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ قاتناش تۈگۈنى، سودا مەركىزى ۋە ساياھەتچىلەر مەركەزلەشكەن ئورۇندا ساياھەت مەسلىھەتچىلىك مەركىزى قۇرۇشى، مەنزىرە رايونى ۋە ئاساسلىق مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان يوللاردا ساياھەت كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم.

ساياھەت بايلىقى مول رايون بار شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىنى ياكى ساياھەتچىلەر ئۆتىڭىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ شەھەرنى ۋە ئەتراپنى ساياھەت قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ.

27–ماددا دۆلەت ساياھەتچىلىك كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.

4–باب ساياھەت تىجارىتى

28–ماددا ساياھەت كوپىراتىپى قۇرۇشتا، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تەشكىللەش ۋە كۈتۈۋېلىش، ئۇلارغا ساياھەت مۇلازىمىتى قىلىشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىدىن ئىجازەت ئېلىش، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىش كېرەك:

(1) مۇقىم تىجارەت سورۇنى بولۇش؛

(2) زۆرۈر تىجارەت ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

(3) بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رويخەتتىكى كاپىتالى بولۇش؛

(4) تېگىشلىك ئىگىلىك باشقۇرغۇچىسى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇش؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

29–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى يولغا قويسا بولىدۇ:

(1) چېگرا ئىچى ساياھىتى؛

(2) چېگرا سىرتى ساياھىتى؛

(3) چېگرا ساياھىتى؛

(4) چېگرادىن كىرىش ساياھىتى؛

(5) باشقا ساياھەت كەسىپلىرى.

ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئالدىنقى تارماقنىڭ 2–، 3– تارماقچىسىدا ئېيتىلغان كەسىپلەرنى يولغا قويۇشتا مۇناسىپ كەسپىي تىجارەت ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك، كونكرېت شەرتىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

30–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرسە، ئارىيەت بەرسە ياكى ساياھەت كوپىراتىپى تىجارەت ئىجازىتىنى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرسە بولمايدۇ.

31–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى بەلگىلىمە بويىچە ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا تۆلەم بېرىشكە ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا جىددىي ياردەم بېرىش خىراجىتى قىلىپ تۇرۇشقا ئىشلىتىشى كېرەك.

32–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش، تەشكىللەش ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئۇچۇر چىن، توغرا بولۇشى شەرت، ساختا تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى ئازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

33–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ئۇنىڭ كەسىپكارلىرى ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، ئۇلارغا دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرسا ياكى شۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرسا بولمايدۇ.

34–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت پائالىيىتىدە لاياقەتلىك تەمىنلىگۈچىگە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت زاكاز قىلىشى كېرەك.

35–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنى ئەقىلگە سىغمايدىغان تۆۋەن باھالىق ساياھەتكە تەشكىللىسە، ساياھەتچىلەرنى ئالدىسا ھەمدە مال سېتىۋېلىشقا ياكى ئايرىم ھەقلىق ساياھەت تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈستەك قاتارلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالسا بولمايدۇ.

ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، مال سېتىۋېلىش سورۇنىنى بەلگىلەپ بەرسە، ئايرىم ھەقلىق ساياھەت تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرسا بولمايدۇ. لېكىن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن ياكى ساياھەتچىلەر تەلەپ قىلغان ھەمدە باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەھۋال يۈز بەرگەن بولسا، ساياھەتچى ساياھەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ساياھەت كوپىراتىپىدىن مېلىنى قايتۇرۇشنى ھەمدە قايتۇرغان مال پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشنى ياكى ئايرىم ھەقلىق ساياھەت خىراجىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

36–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ چېگرا سىرتى ساياھىتىگە تەشكىللىگەندە ياكى چېگرادىن كىرىش ساياھەت ئۆمىكىنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، بەلگىلىمە بويىچە تولۇق ھەمراھ بولىدىغان ئۆمەك يېتەكچىسى ياكى ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

37–ماددا ساياھەت يېتەكچىلىك سالاھىيەت ئىمتىھانىدا نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغان، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن ياكى ئالاقىدار ساياھەت ساھە تەشكىلاتىغا رويخەتكە ئالدۇرغانلار ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

38–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئۆزى تەكلىپ قىلغان ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، ئەمگەك ھەققى بېرىشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

 ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا ۋاقىتلىق ساياھەت يېتەكچىسىنى تەكلىپ قىلغانلىرى ساياھەت يېتەكچىسىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 60–ماددىسىنىڭ 3–تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇلازىمەت ھەققىنى تولۇق بېرىشى كېرەك.

ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەت ئۆمىكىگە مۇلازىمەت قىلىشقا ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىرى ساياھەت يېتەكچىسىدىن ھەقنى تۆلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلسا ياكى ساياھەت يېتەكچىسىدىن ھەرقانداق ھەق ئالسا بولمايدۇ.

39–ماددا ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالغان، مۇناسىپ ئوقۇش تارىخىغا، تىل ئىقتىدارىغا ۋە ساياھەت كەسىپكارلىق تەجرىبىسىگە ئىگە بولغانلار ھەمدە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەنلەر ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

40–ماددا ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشى شەرت، ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىكىنى ئۆز مەيلىچە قىلسا بولمايدۇ.

41–ماددا ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى كەسپىي پائالىيەت داۋامىدا ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى تاقىۋېلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆرپ–ئادىتىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت مەدەنىي ھەرىكەت قائىدىسىنى ئۇقتۇرۇشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ساياھەتچىلەرنى ساغلام، مەدەنىي ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن توسۇشى لازىم.

ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىسى ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى لازىم، ساياھەت مۇساپىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە ياكى مۇلازىمەتنى توختىتىپ قويسا بولمايدۇ، ساياھەتچىلەردىن تاپان ھەققى ئالسا بولمايدۇ، ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا ياكى باشقا ھەقلىق ساياھەتكە قاتنىشىشقا ئازدۇرسا، ئالدىسا، مەجبۇرلىسا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.

42–ماددا مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىشتە تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە ساياھەت مەسئۇل تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك:

(1) زۆرۈر ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى بولۇش؛

(2) زۆرۈر بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ۋە تۈزۈمى بولۇش، خەۋپ–خەتەر باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇش، بىخەتەرلىك شەرتلىرىگە توشقان بولۇش؛

(3) تېگىشلىك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تەدبىرلىرى بولۇش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

43–ماددا جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، شۇنىڭدەك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى سەيلە سورۇنى، قاتناش قورالى قاتارلىق ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەردە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى يولغا قويۇلۇپ، باھانى ئۆستۈرۈش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ. ھەق ئالماقچى ياكى باھانى ئۆستۈرمەكچى بولغانلار ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ساياھەتچىلەر، ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇمكىنلىكىنى دەلىللىشى كېرەك.

جامائەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان مەنزىرە رايونلىرىدا ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق شەكىلنى ئۆزگەرتىپ باھا ئۆستۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ؛ ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەردە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋالغانلار باھانى چۈشۈرۈشى ياكى ھەقنى بىكار قىلىشى كېرەك.

جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى شەھەر باغچىسى، مۇزېي، خاتىرە سارىيى قاتارلىقلاردىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىپ ساقلاش ئورنىدىن باشقىلىرىنى پەيدىنپەي ھەقسىز ئېچىۋېتىش كېرەك.

44–ماددا مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى، ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ باھاسىنى ۋە كوللېكتىپ ھەق باھاسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا چىقىرىپ قويۇشى لازىم. مەنزىرە رايونلىرى كىرىش بېلىتى باھاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئالتە ئاي ئىلگىرى ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە رايونىنىڭ ياكى ئوخشاش بىر مەنزىرە رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان سەيلىگاھنىڭ كىرىش بېلىتىنى قوشۇپ ساتقانلارنىڭ قوشۇپ ساتقاندىن كېيىنكى باھاسى ئايرىم تۈرلەرنىڭ كىرىش بېلەت باھاسىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ساياھەتچىلەر شۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىن يەككە تۈرنىڭ بېلىتىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسلىق سەيلە تۈرلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش مەلۇم سەۋەبتىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان بولسا ياكى مۇلازىمەت توختىتىلغان بولسا، ئۇنى ئېلان قىلىش ھەمدە ئالىدىغان ھەقنى ئازايتىش كېرەك.

45–ماددا مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالىدىغان ئادەم سانى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارماق بېكىتىپ بەرگەن ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىنى ئېلان قىلىشى، ساياھەتچىلەر سانىنى تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك، كىرىش بېلىتىنى زاكاز قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلىسە بولىدۇ. ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا، مەنزىرە رايونى ئالدىن ئېلان چىقىرىشى ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگىمۇ مەلۇم قىلىشى، مەنزىرە رايونى بىلەن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى يېتەكلەش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى كېرەك.

46–ماددا شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئۆز تۇرالغۇسى ياكى باشقا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇن بويىچە ساياھەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ.

47–ماددا ئېگىز بوشلۇق، يۇقىرى سۈرئەت، سۇ ئۈستى، سۇ ئاستى، ئېكسپېدىتسىيە قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى ساياھەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تىجارەت ئىجازىتى ئېلىشى كېرەك.

48–ماددا تور ئارقىلىق ساياھەت كوپىراتىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي ئىجازىتىنى قانۇن بويىچە ئېلىشى ھەمدە كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تورنىڭ باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چىقىرىپ قويۇشى لازىم.

تور بېكەتلىرى ساياھەت تىجارەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغاندا ئۇچۇرىنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

49–ماددا ساياھەتچىلەرگە قاتناش، ياتاق، يېمەك–ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەر قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى، مەجبۇرىيىتىنى توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

50–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئۆزىنىڭ تاۋىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن ئالاقىدار سۈپەت ئۆلچىمى دەرىجىسىگە ئېرىشكەنلىرىنىڭ ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمىتى مۇناسىپ ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. سۈپەت ئۆلچىمى دەرىجىسىگە ئېرىشمىگەنلىرى ئالاقىدار سۈپەت دەرىجە نامى ۋە بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

51–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تاۋار ياكى مۇلازىمىتىنى ساتقان، سېتىۋالغاندا پارا بەرسە ياكى پارا ئالسا بولمايدۇ.

52–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى تىجارەت داۋامىدا بىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك.

53–ماددا تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچىلەر تاشيول يولۇچى تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تاشيول ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس بەلگىسى ئېسىشى، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تىجارەتچىنىڭ ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفونى قاتارلىقلارنى چىقىرىپ قويۇشى كېرەك.

54–ماددا مەنزىرە رايونى، ياتاق تىجارىتى قىلىدىغانلار قىسمەن تىجارەت تۈرىنى ياكى تىجارەت ئورنىنى باشقىلارنىڭ ياتاق، يېمەك–ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت قاتنىشى قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بەرگەن بولسا، ئەمەلىي تىجارەت قىلغۇچى تىجارەت جەريانىدا ساياھەتچىلەرگە كەلتۈرگەن زىيان ئۈچۈن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

55–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى چېگرادىن كىرىش–چىقىش ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن ۋە كۈتۈۋالغاندا، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 16–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بايقىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

56–ماددا دۆلەت ساياھەت پائالىيىتىنىڭ خەۋپ–خەتەر دەرىجىسىگە ئاساسەن ساياھەت كوپىراتىپى، ياتاق، ساياھەت قاتنىشى شۇنىڭدەك مۇشۇ قانۇننىڭ 47–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن خەۋپ–خەتىرى يۇقىرى ساياھەت تۈرى تىجارىتى قىلىدىغانلارغا جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

 5–باب ساياھەت مۇلازىمىتى توختامى

57–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت پائالىيىتىنى تەشكىللىگەندە ۋە ئورۇنلاشتۇرغاندا ساياھەتچى بىلەن توختام تۈزۈشى كېرەك.

58–ماددا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى يازما تۈزۈش كېرەك، ئۇ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) ساياھەت كوپىراتىپى، ساياھەتچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى؛

(2) ساياھەت مۇساپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى؛

(3) ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئادەم سانى چېكى؛

(4) قاتناش، ياتاق، يېمەك –ئىچمەك قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۆلچىمى؛

(5) سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ۋاقتى؛

(6) ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتى؛

(7) ساياھەت خىراجىتى ۋە ئۇنى تاپشۇرۇش مۆھلىتى، ئۇسۇلى؛

(8) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى؛

(9) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن باشقا ئىشلار.

ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەندە، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرگە ئالدىنقى تارماقنىڭ 2 – تارماقچىسىدىن 8 – تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

59–ماددا ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ساياھەتچىلەرگە بېرىشى كېرەك. ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر.

60–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن باشقا ساياھەت كوپىراتىپىغا ھۆددە باھالىق ساياھەت مەھسۇلاتىنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىشكە ھاۋالە قىلغان ھەمدە ساياھەتچىلەر بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەنلىرى ساياھەت توختامىغا ھاۋالە قىلغۇچى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ۋاكالەتچى كوپىراتىپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى يېزىشى كېرەك.

ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى كۈتۈۋېلىش كەسپىنى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىغا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.

ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرغانلار ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىغا ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ مۇلازىمەت ھەققىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

61–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت ئۆمىكىگە قاتناشقان ساياھەتچىلەرگە بەلگىلىمە بويىچە جىسمانىي كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشىنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

62–ماددا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەندە، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك:

(1) ساياھەتچىلەر قاتنىشىشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساياھەت پائالىيىتى؛

(2) ساياھەت داۋامىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛

(3) ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە يېنىكلىتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار؛

(4) ساياھەت نىشانىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزام، ئۆرپ – ئادەت، دىندا پەرھىز تۇتۇلىدىغان ئىشلار، جۇڭگونىڭ قانۇنى بويىچە قاتناشسا بولمايدىغان پائالىيەتلەر؛

(5) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلار.

ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلىش داۋامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارغا يولۇققانلىرى ساياھەتچىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

63–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچى جەلپ قىلىپ ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشمىغانلىقتىن ئۆمەك چىقىرالمىغانلىرى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. لېكىن ساياھەتچىلەردىن چېگرا ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغانلىرىغا يەتتە كۈن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش قىلىش، چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلىرىغا 30 كۈن ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپلاردىن ساياھەتچىلەر سانى پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشماي ئۆمەك چىقىرالمىغانلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، توختامنى باشقا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئادا قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ساياھەتچىلەر ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغان ساياھەت كوپىراتىپى ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ. ساياھەتچىلەر قوشۇلمىسا توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

ئۆمەك تەشكىللەشتە پۈتۈشكەن ئادەم سانىغا توشمىغانلىقتىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ساياھەتچىلەردىن ئالغان ھەقنى تولۇق قايتۇرۇشى كېرەك.

64–ماددا ساياھەت مۇساپىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ساياھەتچى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى 3 – كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپى ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ رەت قىلسا بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن چىقىمنى ساياھەتچى بىلەن 3–كىشى ئۈستىگە ئالىدۇ.

65–ماددا ساياھەت مۇساپىسى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ساياھەتچى توختامنى بىكار قىلغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ئاشقان پۇلنى ئۇلارغا قايتۇرۇشى كېرەك.

66–ماددا ساياھەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ، باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا؛

(2) جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇملارنى ئېلىۋالغان ھەمدە ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا ئۇنىمىغان بولسا؛

(3) قانۇنغا خىلاپ ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛

(4) باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتنى قىلغان، نەسىھەتنى ئاڭلىمىغان، توسىسىمۇ ئۇنىمىغان بولسا؛

(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋال سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ زۆرۈر خىراجەتنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇلنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ساياھەتچىلەردىن ساياھەت كوپىراتىپىغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

67–ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن ياكى ساياھەت كوپىراتىپى، قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى مەجبۇرىيىتىنى لايىقىدا ئادا قىلغان بولسىمۇ ساقلانغىلى بولمىغان ئىشلار سەۋەبىدىن ساياھەت مۇساپىسىگە تەسىر يەتكەن بولسا، تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:

(1) توختامنى داۋاملىق ئادا قىلغىلى بولمىسا، ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ. توختامنى تولۇق ئادا قىلغىلى بولمىسا، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، توختامنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئۆزگەرتسە بولىدۇ؛ ساياھەتچى توختامنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

(2) توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ يەرلىك ساياھەت كوپىراتپىغا ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىغا قايتۇرغىلى بولمايدىغان ھەقنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇلنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ توختام ئۆزگەرگەنلىكتىن، خىراجەت ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى شۇ سەۋەبتىن ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ، كېمەيگەن بولسا، خىراجەت ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

(3) ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى مۇناسىپ بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك، مۇشۇ سەۋەبتىن قىلىنغان چىقىمنى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(4) ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ساياھەت كوپىراتىپى مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم. شۇ سەۋەبتىن ئېشىپ كەتكەن ياتاق، تاماق خىراجىتىنى ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قايتىش خىراجىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچى ئۈستىگە ئالىدۇ.

68–ماددا ساياھەت داۋامىدا توختام بىكار قىلىنغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىلەرنىڭ يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بېكىتكەن مۇۋاپىق جايغا قايتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ساياھەت كوپىراتىپى ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان بولسا، قايتىش خىراجىتىنى ساياھەت كوپىراتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ.

69–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى مەجبۇرىيىتىنى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، مۇساپىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتسە بولمايدۇ.

ساياھەتچىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى كۈتۈۋېلىش كەسپىنى مۇناسىپ ساپاغا ئىگە باشقا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئادا قىلىشىغا ھاۋالە قىلغان بولسا، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن يازما ھاۋالە توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشۈشى، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا ساياھەتچى بىلەن تۈزگەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى بېرىشى ھەمدە يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپىغا كۈتۈۋېلىش تەننەرخى ۋە مۇلازىمەت تەننەرخىدىن تۆۋەن بولمىغان ھەقنى تاپشۇرۇشى كېرەك. يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى ۋە ھاۋالە توختامى بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

70–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى قانۇن بويىچە داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ساياھەتچىلەرگە جىسمانىي زىيان ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى سالغانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئادا قىلىش شارائىتى ھازىرلىغان، ساياھەتچىلەر توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، توختامنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى رەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە جىسمانىي زىيان سېلىش ۋە تۇرۇپ قېلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان بولسا، ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىدىن ساياھەت خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن تۆلەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ساياھەتچىنىڭ سەۋەبىدىن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلغىلى بولمىسا ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلغىلى بولمىسا ۋە ياكى ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

ساياھەتچىلەرنى ئىختىيارىي پائالىيەتكە ئۇيۇشتۇرغان مەزگىلدە ساياھەت كوپىراتىپى بىخەتەرلىكنى ئەسكەرتمىگەن، قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي زىيىنى ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى ئۈچۈن مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

71–ماددا يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن توختامغا خىلاپلىق قىلىنغان بولسا، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.

يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەتچى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپتىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ؛ ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ۋە قوشۇمچە ئادا قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. لېكىن ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن ساياھەتچى جىسمانىي زىيانغا ۋە مال – مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىغان بولسا، ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىگە ياردەملىشىپ ئاممىۋى قاتناش تىجارىتى قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشى كېرەك.

72–ماددا ساياھەتچىلەردىن ساياھەت پائالىيىتىدە ياكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا ساياھەت كوپىراتىپى، قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى، ساياھەت كەسىپكارلىرى ياكى باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

73–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە ساياھەت مۇساپىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان، ساياھەتچىلەر بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەن بولسا، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ساياھەت مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن خىراجەت ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى ساياھەتچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ، كېمەيگەن بولسا، خىراجەتنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

74–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قاتناش، ياتاق، يېمەك – ئىچمەك، سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلىپ، ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققى ئالغانلىرى ھاۋالە ئىشلىرىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ سەۋەنلىكىدىن ساياھەتچىلەر زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەتچىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ساياھەت مۇساپىسىنى لايىھەلەش، ساياھەت ئۇچۇرى مەسلىھەتى بېرىش مۇلازىمەتلىرىنى قىلغاندا لايىھەسىنىڭ مۇۋاپىق، قوللىنىشچان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈشى لازىم.

75–ماددا ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلار ساياھەت مۇلازىمىتى توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە ساياھەتچىگە ياتاق مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك. ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن ساياھەت مۇلازىمەت توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە مۇلازىمەت قىلمىغانلىرى ساياھەتچىگە ئەسلىدە بېكىتكەن ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەمدە ياتاق مۇلازىمىتى قىلىشى، شۇ سەۋەبتىن كۆپەيگەن چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ لېكىن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ، ھۆكۈمەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن تەدبىر قوللانغانلىقتىن مۇلازىمەت قىلالمىغان بولسا، ياتاق تىجارىتى قىلغۇچى ساياھەتچىنىڭ ياتاققا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

6–باب ساياھەت بىخەتەرلىكى

76–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ساياھەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن – نىزام بويىچە ئادا قىلىدۇ.

77–ماددا دۆلەت ساياھەت نىشانىنىڭ خەۋپ–خەتىرىنى ئەسكەرتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ساياھەت نىشانىنىڭ خەۋپ – خەتىرىنى ئەسكەرتىش دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە يولغا قويۇش تەرتىپىنى گوۋۇيۈەننىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى ساياھەت بىخەتەرلىكىنى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى كۆزىتىش ۋە باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

78–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت جىددىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ساياھەت تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزۇشى ھەمدە ساياھەتچىلەرنىڭ يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بېكىتكەن مۇۋاپىق جايغا قايتىشىغا ياردەملىشىشى كېرەك.

79–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملار شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىشى، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.

ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەتچىلەرگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسىپكارلارنى دائىملىق جىددىي پاناھلاندۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىشى، تەمىنلىگەن مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشى، كۆزىتىشى ۋە باھالىشى، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ خەۋپ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.

ساياھەت تىجارەتچىلىرى ياشانغان، قۇرامىغا يەتمىگەن، مېيىپ ساياھەتچىلەرنى تەشكىللىگەندە ۋە كۈتۈۋالغاندا، مۇناسىپ بىخەتەرلىك كاپالەت تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

80–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەت پائالىيىتىدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى ساياھەتچىلەرگە ئېنىق چۈشەندۈرۈشى ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك:

(1) ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛

(2) زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى؛

(3) ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلمىگەن تىجارەت، مۇلازىمەت سورۇنى ۋە ئەسلىھە، ئۈسكۈنە؛

(4) ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشسا باب كەلمەيدىغانلار؛

(5) ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.

81–ماددا تاسادىپىي ۋەقە ياكى ساياھەت بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساياھەت تىجارەتچىلىرى دەرھال زۆرۈر پاناھلاندۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ، مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەمدە ساياھەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

82–ماددا ساياھەتچىلەر جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى خەۋپكە ئۇچرىغاندا، ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىدىن ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتتىن ۋاقتىدا پاناھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

جۇڭگو چېگراسىدىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۆلىتىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياردەم بېرىشىنى ۋە قوغدىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ساياھەتچىلەر ئالاقىدار تەشكىلات ياكى ئاپپاراتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنى چىقىرىشى كېرەك.

7–باب ساياھەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

83–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، ساياھەت بازىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى، قاتناش تارمىقى قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنى ئالاقىدار ساياھەت تىجارىتى ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

84–ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلغۇچىلاردىن ھەق ئالسا بولمايدۇ.

ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى ساياھەت تىجارىتى پائالىيىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

85–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى ئىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق:

(1) ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىنى يولغا قويغانلار شۇنىڭدەك ساياھەت يېتەكچىلىكى، ئۆمەك يېتەكچىلىكى قىلغۇچىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتى، كەسىپ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن – ئېرىشمىگەنلىكى؛

(2) ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى؛

(3) ساياھەت يېتەكچىسى، ئۆمەك يېتەكچىسى قاتارلىق ساياھەت كەسىپكارلىرىنىڭ مۇلازىمىتى؛

(4) قانۇن–نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار.

ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، قانۇنغا خىلاپ توختام، ۋېكسىل، ھېسابات دەپتىرى شۇنىڭدەك باشقا ماتېرىياللارنى كۆرسە، كۆپەيتسە بولىدۇ.

86–ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سانى ئىككىدىن كەم بولماسلىقى ھەمدە قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سانى ئىككىگە يەتمىسە ياكى قانۇنلۇق كىنىشكىسىنى كۆرسەتمىسە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخس رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا بىلىپ قالغان تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى كېرەك.

87–ماددا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى، ئەھۋالنى ئەينەن چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھۆججەت، ماتېرىياللارنى بېرىشى لازىم، رەت قىلسا، توسقۇنلۇق قىلسا، يوشۇرسا بولمايدۇ.

88–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ياكى ئەرز – شىكايەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ شۇ تارماقنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارنى ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

89–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتكە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تارماق ۋە رايون ھالقىپ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

90–ماددا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ساياھەت ساھە تەشكىلاتى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ساھە تىجارەت قائىدىسى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئەزالىرىنىڭ تىجارەت ھەرىكىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تەلەپچان باشقۇرۇشى، كەسپىي ئەخلاق تەربىيەسى ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، كەسىپكارلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

8–باب ساياھەت ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش

91–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساياھەتكە دائىر ئەرزنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتنى بەلگىلەپ بېرىشى ياكى قۇرۇشى كېرەك. قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ياكى ئالاقىدار تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئەرز قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

92–ماددا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەندە، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولىدۇ:

(1) ئىككى تەرەپ كېڭىشىش؛

(2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە، ساياھەتكە دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپاراتقا ياكى ئالاقىدار مۇرەسسە تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

(3) ساياھەت تىجارەتچىلىرى بىلەن تۈزگەن كېسىم كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش؛

(4) خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

93–ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى، ساياھەتكە دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلغۇچى ئاپپارات ۋە ئالاقىدار مۇرەسسە تەشكىلاتى ساياھەتچى بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى ئىككى تەرەپ ئىختىيار قىلىش ئاساسىدا قانۇن بويىچە مۇرەسسە قىلىدۇ.

94–ماددا ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەت تىجارەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ماجىرا يۈز بەرگەندە، ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ ھەم ئورتاق تەلىپى بولسا، ۋەكىل كۆرسىتىپ كېڭىشىش، مۇرەسسە، كېسىم، دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ.

9–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

95–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىنى يولغا قويغانلارنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئالاقىدار جاۋابكارلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ مۇشۇ قانۇننىڭ 29–ماددىسىنىڭ 1– تارمىقىنىڭ 2–، 3– تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن كەسپىنى يولغا قويغانلىرى ياكى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىجارە بەرگەن ۋە ئارىيەت بەرگەنلىرى ۋە ياكى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلگەندىن سىرت، قوشۇمچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

96–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) چېگرادىن كىرگەن ياكى چېگرادىن چىققان ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ساياھىتىگە تولۇق ھەمراھ بولىدىغان ئۆمەك يېتەكچىسى ياكى ساياھەت يېتەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(2) ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالمىغانلارنى ساياھەت يېتەكچىلىكىگە ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىكىگە ئورۇنلاشتۇرغانلار؛

(3) ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلغان ساياھەت يېتەكچىسىگە ھەق بەرمىگەنلەر؛

(4) ساياھەت يېتەكچىسىدىن چىقىمنى تۆلەپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلار ياكى ھەق ئالغانلار.

97–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ساختا تەشۋىق قىلىپ ساياھەتچىلەرنى ئازدۇرغانلار؛

(2) لاياقەتسىز تەمىنلىگۈچىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلغانلار؛

(3) ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

98–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 35–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

99–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 55 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

100–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ:

(1) ساياھەت مۇساپىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق–مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) توختامنى ئادا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

(3) ساياھەتچىلەرنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقا ساياھەت كوپىراتىپىغا ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامىنى ئادا قىلىشنى ھاۋالە قىلغانلار.

101–ماددا ساياھەت كوپىراتىپلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ تۈرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ياكى شۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

102–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ياكى ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئالماي تۇرۇپ ساياھەت يېتەكچىلىكى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىكى قىلغانلارنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئېلان چىقىرىدۇ.

ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئالغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قوشۇمچە ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساياھەتچىلەردىن تاپان ھەققى ئالغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ۋە ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ.

103–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى، ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان ساياھەت يېتەكچىسى، ئۆمەك يېتەكچىسى ۋە ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلگەن ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن جازا بېرىلگەن ۋاقتى ئۈچ يىلغا توشمىغانلىرى ساياھەت يېتەكچىلىك كىنىشكىسى، ئۆمەك يېتەكچىلىك كىنىشكىسى ئېلىشنى ياكى ساياھەت كوپىراتىپى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قايتا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

104–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پارا بەرگەن ياكى پارا ئالغانلىرىغا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەسپىي تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى قوشۇمچە بىكار قىلىدۇ.

105–ماددا مەنزىرە رايونلىرىدىن ئېچىۋېتىش شەرتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەي تۇرۇپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغانلىرىنى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى ئىش توختىتىپ ئېچىۋېتىش شەرتىنى ھازىرلىغانغا قەدەر تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر سانى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىغا يېقىنلاشقاندا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقارمىغانلار ياكى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلمىغانلار، تارقىتىش، تارقاقلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغانلار ياكى ئەڭ يۇقىرى سىغىم مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەرنى قوبۇل قىلىۋەرگەنلەرنى مەنزىرە رايونى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار بىر ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.

106–ماددا مەنزىرە رايونلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كىرىش بېلىتى باھاسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈۋالغان ياكى ئايرىم ھەق ئېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلارغا ۋە ياكى باھادا قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

107–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا ياكى دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ئالاقىدار قانۇن–نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىدۇ.

108–ماددا ساياھەت تىجارەتچىلىرى ۋە كەسىپكارلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماق ئىناۋەت ئارخىپىغا خاتىرىلىشى، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم.

109–ماددا ساياھەت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقنىڭ خادىملىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش داۋامىدا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، لېكىن جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

110–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

10–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

111–ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) ساياھەت تىجارەتچىلىرى ساياھەت كوپىراتىپلىرى، مەنزىرە رايونى شۇنىڭدەك ساياھەتچىلەرگە قاتناش، ياتاق، يېمەك–ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(2) مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئېنىق باشقۇرۇش دائىرىسى بولغان سورۇننى ياكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.

(3) ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى ساياھەت كوپىراتىپلىرى مۇساپىنى ئالدىن بېكىتىدىغان، ساياھەت كوپىراتىپى ياكى قوشۇمچە ئادا قىلغۇچى قاتناش، ياتاق، تاماق، يېمەك–ئىچمەك، سەيلە–ساياھەت يېتەكچىلىكى، ئۆمەك يېتەكچىلىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن ئىككىدىن ئارتۇق مۇلازىمەتنى قىلىدىغان، ساياھەتچى ئومۇمىي باھا بويىچە ساياھەت ھەققى تاپشۇرىدىغان توختامنى كۆرسىتىدۇ.

(4) ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپ ساياھەتچى بىلەن ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى تۈزگەن ساياھەت كوپىراتىپىنى كۆرسىتىدۇ.

(5) يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى ئۆمەك تەشكىللىگەن كوپىراتىپنىڭ ھاۋالىسى بىلەن نىشان جايدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ساياھەت كوپىراتىپىنى كۆرسىتىدۇ.

(6) قوشۇمچە ئاداچى ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن توختام مۇناسىۋىتى بولغان، ئۇنىڭ ھۆددە باھالىق ساياھەت توختامى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەملىشىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئالاقىدار مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇنىي ئىگىنى ياكى تەبىئىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

112–ماددا بۇ قانۇن 2013–يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9282809.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#