نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى

نىرۋانا ئامېرىكىدىكى داڭلىق روك گۇرۇپپىسى. بۇ گۇرۇپپا يەنە گىرانج ئۇسلۇبىنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك گۇرۇپپىسى سۈپىتىدە ئاتىلىپ كەلمەكتە. نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى 1987-يىلى قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى
چەتئەلچە نامى Nirvana
كەسپى تولغانما ئۇسۇل مۇزىكا ئەترىتى
ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى 《Smells Like Teen Spirit》قاتارلىقلار
تاقالغان ۋاقتى 1994-يىلى
خەنزۇچە نامى 涅槃乐队
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاستىچىلىك شىركىتى Sub Pop پىلاستىنكا شىركىتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1987-يىلى
مۇزىكا ئۇسلۇبى Grunge(ئەخلەت تولغانما ئۇسسۇل )

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىرۋانا مۇزىكا ئەترىتى1985-يىلى ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتى ئابەردىندە ناخشىچى كۇرت تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە Fecal Matter دىگەن نام بىلەن گۇرۇپپا قۇرۇلغان. دەسلەپكى ئەزالىرى: كۇرت كوباين (گىتتار، ناخشا) دەل كروۋىر (باس، ئەينى ۋاقىتتىكى Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ دۇمباقچىسى) گىرەگ خوكەنسون (دۇمباق).

ئۇلار دەسلەپكى سىناق خاراكتىرلىك ئالبومىنى چىقارغان. ئۇزۇن ئۆتمەي گۇرۇپپا پارچىلىنىپ كىتىپ، كۇرت دوستى كىرىست نوۋاسلىك (باس) بىلەن نۇرغۇن ئوخشىمىغان ناملاردا گۇرۇپپىلارنى قۇرغان. دۇمباقچىسىمۇ نۇرغۇن ئۆزگەرگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىمراق بولغىنى دەل كروۋىر بولۇپ خىلى كۆپ سىناق ئالبوملىرىدا دۇمباق چالغان.

گۇرۇپپا ئاخىرى نىرۋانا دىگەن ئىسىمدا توختىغان. ئۇ ۋاقىتتىكى دۇمباقچىسى چەد چەننىڭ ئىدى. بۇلار بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان يەرئاستى كونسىرتلارنى ئۆتكۈزگەن ۋە نەچچە سىناق ئالبومىنى چىقارغان. كىيىن كۇرت بۇ دۇمباقچىسىغا رازى بولماي Bleach ناملىق ئالبومىنى

 چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن دەيۋ گىرولنى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرغان. سەنئەت ساھەسىدىكى تۇنجى تەلۋىلىك- كۇرتنىڭ چېلىۋاتقان گىتتارىنى چېقىش ۋەقەسى مۇشۇ مەزگىلدە يەنى 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يۈز بەرگەن.

كۇرت نىرۋانانىڭ ئاساسلىق ئادىمى بولۇپ، ئۇ مۇزىكىلىرىدا ئاساسەن Sonic Youth، Pixies، Melvins، Stooges ۋە Led Zeppelin لەرنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن ئىھام تاپقان.

نىرۋانانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كۇرت The Germs گۇرۇپپىسىنىڭ گىتتارچىسى پەت سىمىر نى ئىككىنجى گىتتارچىسى قىلىپ ئالغان. پەت ئەينى ۋاقىتتىكى يەرئاستى مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىدە خىلى كۆزگە كۆرۈنگەن گىتتارچى ئىدى. ئەگەر كۇرت ۋەقەسى سادىر بولمىغان بولسا بەلكىم ئۇ بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇقىم ئەزاسى.

1989-يىلى نېرۋانا ئاقارتقۇچ پاراشوكى ناملىق ئالبومىنى بازارغا سالىدۇ. ئالبومنىڭ نامى بىر زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى تامغا چاپلانغان تەشۋىقات قەغىزىدىكى تېمىسىدىن كىلىپ چىققان. گۇرۇپ يېڭى ئالبومىدىن كىيىن كالىفورنىيەدە كىچىك كۆلەمدە نەچچە كونسىرت بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئالبومنىڭ سانى چەكلىك سېتىلغان. لىكىن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. ئالبومدىكى فوتونى ئەينى چاغدىكى كۇرتنىڭ دەسلەپكى قىز دوستى ترەيسى تارتقان. 1990- يىلىنىڭ بىشىدا كۇرت كوبەين بىلەن كرىست دۇمباقچى چەدنىڭ ماھارىتىنىڭ گۇرۇپپىغا ماس كەلمەيدىغىنى توغرىسىدا ئويلىشىپ كىيىن Melvins گۇرۇپپىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىدا دەيۋ گرول نى دۇمباقچىلىققا ئالماشتۇرىدۇ. كۇرت ئۇنىڭ دۇمباق ماھارىتىگە ئىنتايىن رازى بولىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئىككىسى Geffen Records بىلەن توختاملىشىدۇ.

1991-يىلى ئىككىنچى ئالبومى-پەرۋايىم پەلەك Nevermind نى چىقىرىدۇ. ئالبومنىڭ چىقىشى تېزلا سىئاتىل شەھىرىنى پۈتۈن پىلانىتتىكى روك مۇزىكىلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۋىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى گىرانج بارا بارا شاخلاپ نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار شۇ سەۋەبتىن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇگىرانجنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلىرىدۇر. شۇ مەزگىللەردىكى گۇرۇپپىلاردىن يەنە Alice in Chains, Pearl Jam, Meat Puppets, Soundgarden لارمۇ بار. بۇ ئالبومدىكى ناخشا Smells Like Teen Spirit شۇ دەۋىر گىرانج ياشلىرىنىڭ مارشىغا ئايلانغان. تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۇچە بۇ ناخشىنىڭ باشتىكى بىر كىچىك ئاكورتىنى ئاڭلاپ بولغىچە بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ناخشا يەنە ئامرىكىدىكى داڭلىق ناخشا قانىلى MTV دە قايتا قايتا قويىلىدۇ.

3-ئالبومى Incesticide (يېقىن تۇتقانلارنىڭ توي قىلىشى) چىققان ۋاقتى 1992-يىلى. بۇ ئالبومىدا بۇرۇن نامى چىقىشتىن بۇرۇنقى 

بەزى ناخشىلىرى ۋە فەنسلىرى ئارىسىدا مودا بولۇپ تارقىلىپ يۈرگەن كونسىرتلاردىلا ئورۇندۇلۇپ كەلگەن ناخشىلىرى يەنە بەزى ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۆچۈرۈپ توپلانغان.

1993-يىلىغا كەلگەندە نىرۋانا «بالياتقۇدا» (In Utero) ناملىق ئالبومىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئالبوم نىرۋانا گۇرۇھىنىڭ مەستانىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. ئەمما Nevermind ئالبومىدەك كەڭ ئاممىغا قارىتىلمىغان. ئالبومدىكى ناخشىلىرىدىن -يۈرەك شەكىللىك ساندۇقHeart-Shaped Box نۇرغۇنلىغان غەلبىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن. بۇ ئالبومىنىڭ ئچىدىكى يەنە بىر ناخشا Rape Me (ماڭا باسقۇنچىلىق قىل) كىشىلەر تەرىپىدىن ھەرخىل تەھلىل قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ناخشا يەنە نۇرغۇنلىغان فىمىنىستلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. كۇرت ئۆزىمۇ بىر فىمىنىست. بۇ ناخشا ئەمىلىيەتتە تېمىسىدىكى مەزمۇنىدىكىدەك ئۇنداقمۇ قاراڭغۇ ئەمەس. ئۇ ناخشا شۇنداق قىلمىشلارغا قارشى ئيتىلغان.

1993-يىلى 11- ئايدا نىرۋانا ئامرىكىدىكى مۇزىكا قانىلى MTV دا بىر مەيدان توكقا چىتىلمىغان كونسىرت ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ CD سى بىر يىلدىن كىيىن بازارغا تارقىلىدۇ. Unplugged In New York تاكى ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇسلۇپتىكى ئەڭ كۆپ غەلبىگە ئېرىشكەن ئالبوم. بۇ ئالبومى ئارقىلىق نىرۋانا ئۆزىنىڭ پەقەت قوپال ناخشا ئيتىشتىن باشقىنىمۇ ئېيتالايدىغىنىنى ئسپاتلىغان. بۇ كونسىرتىدا يەنە ئەڭ يېقىن گۇرۇپپىسى-گۆش قورچاق Meat Puppets بىلەن ئۇلارنىڭ ناخشىسىدىن ( Plateau, Oh Meئىگىزلىك ۋە Lake of Fire

ئوتكۆلى ) لارنى بىللە ئورۇنلايدۇ. يەنە دەيۋىد بوۋىې David Bowie نىڭ- بۇ دۇنيانى ساتقان ئادەم The man who sold the Worldۋە Leadbelly نىڭ -تۈنۈگۈن كېچە نەدە ئۇخلىدىڭ Where did You sleep last night? شۇنداقلا Vaselines نىڭ-

 ئەيسا ماڭا ئازىراق كۈن نۇرىنى بەرگىسى يوق Jesus doesn t want me for a sunbeam دىگەن ناخشىسىنى ئيتىدۇ.

2004-يىلى يەنى كۇرت كوبەيننىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقىدا سانى چەكلىك بولغان ئالبوم With the Lights Out تارقىتىلىدۇ.

 ئالبومنىڭ چىقىشى ئايالى Courtney Love ۋە بۇرۇنقى گۇرۇپپا ئەزالىرىدىكى توقۇنۇشلار تەرىپىدىن ۋاقىت جەھەتتە سوزىلىدۇ. بۇ 

خاتىر خاراكتىلىك ئالبومىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كۆچۈرۈپ ئيتىلغان باشقىلارنىڭ ناخشىسى ۋە بۇرۇن كۇرتنىڭ ئۆزى ئۈنگە ئېلىۋالغان

 بەزى تارقىتىلمىغان ناخشىلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

كۇرتنىڭ 1994-يىلى ئۇمۇتنىڭ 5 -كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشى نىرۋانانىڭ تەرەققىياتىغا مەڭگۈلۈك بىر چىكىت قويۇپ قويغان. ئۇنىڭ بۇ ۋەقەسى فەنسلىرى ئارىسىدا بولسا نۇرغۇنلىغان سوئال بەلگىسى بىلەن تولغان. ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشتىن بەكرەك ئايالى Courtney Love قەسلىگەن دىگەن گۇمانلارغا ئىشەنگەن. ئەمما بۇ ھازىرغىچە ئىسپاتلانمىغان. 

نىرۋانا گۇرۇپپىسى تارقالغاندىن كىيىن دۇمباقچى دەيۋ Foo Fighters ناملىق بىر گۇرۇپپىنى قۇرىدۇ. ئۇ گىتتار ۋە ناخشىنى ئۆز 

ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان گۇرۇپپىلار Queens Of The Stone Age، Motörhead لەرنىڭ بەزى مۇزىكىلىرىدا

 دۇمباق چېلىپ بېرىدۇ. 

كىرىس نوۋەسلىك بولسا 1997-يىلىغا كەلگەندە Sweet75 دىگەن گۇرۇپپىغا كىرىدۇ. بۇ گۇرۇپپىدا ئىلگىركى نىرۋانادىن ئىنتايىن يىراق بولغان مودا سەھرا ناخشىلىرى ئۇسلۇبى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئالبوم مەغلۇبىيىتى بىلەن تارقىلىپ كىتىدۇ. 2003-يىلىگە كەلگەندە Eyes Adrift دىگەن گۇرۇپ بىلەن بىللە مۇزىكا چالىدۇ. بۇمۇ ئالدىنقىسىگە ئوخشاش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#