قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

ش ئە ئۇ (2002)39-نۇمۇرلۇق

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىگە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

ھازىر سىلەرگە ئەدلىيە نازارىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتۇق. شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سۇرايمىز.

ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت، يۈرۈش تۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قىياپىتىنىڭ رەتلىك بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈش تۇرشى سالاپەتلىك، مەدىنيەتلىك، ئىنتىزامچان بۇلۇش ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇليەتچەنلىق تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قۇشۇن قۇرلۇشىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇمىي ئوبرازىنى يۇقىرى كۈتۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت بۇلۇپ، كەسىپتە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئاساسىي بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى تۈزۈش رايۇنىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى بىر قېتىملىق تىرشچانلىق ۋە سىناقتىن ئىبارەت. ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانداق مەسلە كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا نازارىتىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام باشقارمىسى بىلەن ئالاقېلىشىشڭىزلارنى سۇرايمىز.

1-ماددا رايۇنىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىياپەت ئىنتىزامىنىڭ رەتلىك، يۈرۈش تۇرشىنىڭ سالاپەتلىك، مەدىنيەتلىك، ئىنتىزامچان بۇلۇپ، مەسئۇليەت تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىش  ئۈچۈن، «ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە رايۇنىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت قۇشۇن قۇرلۇشىنىڭ ئەمىلىيتىگە ئاساسەن بۇ چارە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا مەزكۈر چارە رايۇنىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسىي بولۇپ، رايۇنىمىزدىكى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى (پىراكتىكانت قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىغا تەدبىقلىنىدۇ.

3-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا ھەم باشقا رەسمىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا چۇقۇم يۈرۈش تۇرشى سالاپەتلىك، گەپ سۆزى مەدىنيەتلىك، رۇھى كۆتۈرەڭگۈ، قىياپىتى ياخشى، ئىجتىمائى جامائەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

4-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى  سوتقا چىقىپ دەۋا قاتناشقاندا ياكى كېسىم پائالىيتىگە قاتناشقاندا چۇقۇم قېنىق رەڭلىك كاستىيۇم كىيىشى ( ھاۋا ئىسسىق بولغاندا، كۆينەك كىيىپ گالىستوك تاقىسا بولىدۇ)، ئىچىگە سۇس رەڭلىك كۆينەك كىيىپ گالىستوك تاقىشى، قار اياكى قۇڭۇر رەڭلىك ئاياغ كىيىشى، قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپىتىنىڭ رەتلىك ، يۈرۈش تۇرشىنىڭ سالاپەتلىك بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك.

5-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى، قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋاقىتتا، چۇقۇم كاستىيومنى رەتلىك كىيىشى، قىياپىتى رەتلىك بولۇشى كېرەك؛ يىغىلىش، مەسلىھەت بىرىش پائالىيتىگە قاتناشقان ۋاقىتتىكى كىيىنىشىدە باشقۇرغۇچى ( تەشكىللىگۈچى) ئورۇننىڭ بەلگىلمىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

6-ماددا كىيگەن كاستىيومنىڭ چۇقۇم پاكىز، ماسلاشتۇرۇپ كىيىشى، قالايمىغان كەيمەسلىكى لازىم. كىيىمنى يېپىنچاقلىۋېلىشقا، مەيدىسىنى ئېچۋېلىشقا، يىڭنى تۈرۋېلىشقا، ئىشتاننىڭ پۇشقاقنى تۈرۋىلىشقا بولمايدۇ. ئۇزۇن كۆينەك كىيگەندە، كۆينەكنىڭ ئاستىنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ كېيىش لازىم.

7-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى ئىچىدە ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پائالىيتى جەريانىدا چۇقۇم رەتلىك كىيىنىشى، يېرىم يالڭاچ بۇلۋالماسلىقى ياكى ئاسما مايكا كىيۋالماسلىقى لازىم، ساپما كەش كىيىشكە، يالاڭئاياغ يۈرۈشكە ياكى ئاياغنى پايپاق كەيمەي كىيىشكە بولمايدۇ.

8-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى سىرىتقا تەكشۈرۈپ دەلىل ئىسپات ئېلىشقا چىققاندا ياكى ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن غەيرى دەۋا مۇلازىمىتىدە ئادەتتىكىدەك كىيىنىشكە بولىدۇ.

9-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ چېچى پاكىز رەتلىك بولۇشى، ئەرلەر ئۇزۇن چاچ قۇيۇشقا، ساقال قۇيۇشقا، چېچىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۋېلىشقا بولمايدۇ. قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى چېچىنى بويىغاندا پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى چېچىنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىغان رەڭدە بۇيىشى كېرەك.

10-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى سوتقا چىققاندا، ئۇزۇن تىرناق قۇيۇشقا، تىرنىقىنى بۇيۋېلىشقا، تاماكا چىكىشكە، سېغىز كەمپۈت چايناشقا ياكى يىمەكلىك يىيىشكە بولمايدۇ؛ سوتقا چىققاندا كۆزى ئاغرىقلاردىن باشقىلار رەڭلىك كۆزئەينەك تاقاشقا بولمايدۇ.

11-ماددا ئوخشىمغان قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىدىكى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا چۇقۇم بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

12-ماددا دەۋالاشقۇچىلارنى چۇقۇم قىزغىن كۈتىۋېلىشى، پوزىتسىيسى مۇلايم، سالماق بولۇشى، مەغرۇرلانماسلىقى، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ مېھمان قىلىشى ۋە سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلماسلىقى لازىم.

13-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى ھاراققا بىرىلمەسلىكى، قىمار ئوينىماسلىقى، ئۇرۇش جىدەل قىلماسلىقى لازىم. فېئودال خۇراپى پائالىيەتلەرگە ھەمدە قانۇنسىز دىننى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقى لازىم.

14-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ نامى، سۈرىتىنى سودا ئېلانى قىلىشقا، باشقا سودا پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

15-ماددا ھەر قايسى قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى مۇكەممەل تەكشۈرۈش تۈزىمىنى بەرپا  قىلىشى، قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىگە ھەر دائىم قىياپەت ئىستىلى تەشۋىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشى، قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇشنى نىشانلىق باشقۇرۇشتىكى تەكشۈرۈش مەسئۇليەت تۈزۈمىگە كىرگۈزىشى كېرەك، زامانىۋىلاشقان مەدنىي قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يىللىق تەكشۈرۈپ رۇيخەتكە ئېلىپ تىزىملاش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئەستايدىل ئېلىپ بېرىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش لازىم.

16-ماددا ھەر قايسى ئەدلىيە مەمۇرى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ رايۇندىكى قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

17-ماددا قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرى تۇنجى قېتىم قىياپەت ئىستىلى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، قانۇن مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ رەھبىرى بۇنىڭغا قارىتا تەنقى تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ، شۇ كىشى چۇقۇم ئېغىزچە ئۆزىنى تەكشۈرشى كېرەك؛  قىياپەت ئىستىلى بەلگىلىمىسىگە قايتا خىلاپلىق قىلسا، قانۇن مۇلازىمەت پونكىتى يازمىچە تەكشۈرۈشكە بۇيرىشى كېرەك؛ كۆپ قېتىم تەربىيە قىلىسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا شۇ ئورۇن ئومۇمىيي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ.

18-ماددا مەزكۈر چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەدلىيە نازارىتى مەسئۇل بولىدۇ.

19-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ. [0]

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#