ئېلېكترونلۇق لۇغەت

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئادەتتە كومپيۇتېر (ۋە باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى) نىڭ دىسكىسىنى ساقلاش ماددىسى قىلىدۇ. كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ ياردىمىدە ياسىلىدۇ ۋە يۇمشاق دېتال شەكلىدە ئوپتىك دىسكا ياكى تور ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش شەكلى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىزدەش ئۈچۈن ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ. يېڭى سۆزلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر مىقدارى ئىنتايىن زور بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكترونلۇق لۇغەت
خەنزۇچە نامى 电子词典

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، كومپيۇتېرنى مەركەز قىلغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش زور دەرىجىدە ئاسانلاشقان، قوللىنىش دائىرىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيگەن. كومپيۇتېر تەرجىمە يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى تەتقىق قىلىش پىلانى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

تەتقىقاتچىلار 1950-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 60-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بۇ تەتقىقاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. ئەمما، ھەر خىل سەۋەب تۈپەيلىدىن كېيىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان. 80-يىللارغا كەلگەندە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقاتى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى بولۇپمۇ CD-ROM (ئوقۇشقا بولىدىغان ئىخچام دىسكا يەنى نۇر دىسكا)نىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ماشىنا تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ خەلقئارادا يېڭى بىر خىل گىرەلەشمە پەن ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت (يەنى electronic lexicography) ئىلمىي بارلىققا كەلگەن. بەزى دۆلەتلەر ھەتتا ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرغان.

گەرچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ئىلمىي شەرھىسى كەم. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنىڭ قەغەز لۇغەتكە ئوخشىمايدىغان پەرقى شۇكى ئۇ كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ساقلاش ماددىسى قىلغان. ئۇنىڭ ياردىمىدە سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەشكە، مەنا شەرھىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. ئىزدەش ئۇسۇلى كۆپ خىل، ئىزدەش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولۇپ، نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئادەملەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەبىئىي تىل لۇغىتى ۋە ماشىنا تەرجىمە تەتقىقاتى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كومپيۇتېر تىل لۇغىتىدىن ئىبارەت. ئۆز ئىچىگە ئالغان تىل تۈرىگە ئاساسەن تاق تىللىق، قوش تىللىق ۋە كۆپ تىللىق لۇغەتلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئۇيغۇر تەبىئىي تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرىنچى تۈردىكى لۇغەت.

ئەنئەنىۋى لۇغەتلەر قەغەزنى ساقلاش ماددىسى قىلىدىغان بولۇپ، مۇئەييەن مەتبەئە ئۆلچىمى بىلەن بەت تىزىلىدۇ ۋە نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلىدۇ. سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش شەكلى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، بىر ئاز ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭى سۆزلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا بولمايدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەر ئادەتتە كومپيۇتېر (ۋە باشقا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى)نىڭ دىسكىسىنى ساقلاش ماددىسى قىلىدۇ. كومپيۇتېر پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنىڭ ياردىمىدە ياسىلىدۇ ۋە يۇمشاق دېتال شەكلىدە ئوپتىك دىسكا ياكى تور ئارقىلىق تارقىلىدۇ. سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش شەكلى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئىزدەش ئۈچۈن ھېچقانچە ۋاقىت كەتمەيدۇ. يېڭى سۆزلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاشقا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر مىقدارى ئىنتايىن زور بولىدۇ.

ئەمما، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئىشلەش ئۈچۈن قەغەز لۇغەتلەردىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، قەغەز لۇغەتلەرنى ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتكە ئايلاندۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتنى ئىشلەش باسقۇچى قەغەز لۇغەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان ئىش ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنىڭ ئارايۈز (ئېكران كۆرۈنۈش) لايىھەسى ئۆزگىچە بولىدۇ، ساندان لايىھەسى ئۇچۇرلارنى ساقلاش شەكلىگە ئاساسەن مۇقىم ئۇزۇنلۇق، ئۆزگىرىشچان ئۇزۇنلۇق ياكى ئارىلاشما ئۇزۇنلۇق تېخنىكىسى ئىشلىتىلىدۇ. ساندان فورماتى ئۈچۈنمۇ ئۇچۇق تېكىست قۇرۇلمىسى، بەلگىلىك ساندان فورمات قۇرۇلمىسى، ئىختىيارى بەلگىلەنگەن فورماتتىكى يېپىق قۇرۇلما قاتارلىق تېخنىكىلار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇچۇرلارنى ئىندېكىسلاش (ئىزدەش ئاچقۇچى بېكىتىش) ئۈچۈن ھەر خىل يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى زۆرۈر بولىدۇ. شۇڭا، ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈش، رەتلەشتىن باشقا يەنە نەچچە يۈزمىڭ ھەتتا نەچچە مىليون سۆزلۈكلەرنى مۇئەييەن قۇرۇلما ئارقىلىق ساقلاش، ئىزدەش ۋە كۆرسىتىش ئىنتايىن كۆپ زېھىن تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق خىزمەت. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئىشلەتكۈچىلىرى ئادەتتە بۇنى ھېس قىلالماسلىقى مۇمكىن.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، چەتئەللەردە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئىشلەش تېخنىكىسى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن بولسىمۇ، لېكىن 80-يىللاردا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى بولۇپمۇ 90-يىللاردا ئوپتىك دىسكا تېخنىكىسىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشىدىن كېيىن، ئاندىن بازارغا يۈزلەنگەن ئىنگلىزچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلگەن.

دۆلىتىمىزدىمۇ گەرچە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات 70-يىللارنىڭ ئارقىسىدا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنغان. مەسىلەن: «即时通»، «译林»، «金山词霸» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت مەھسۇلاتلىرى 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، 2000-يىللىرىدىن كېيىن بازارغا يۈزلەنگەن. مەسىلەن: «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»، «ئېرپان»، «مۇئەللىم»،«بىلىگيار»، «بىلقۇت».

گەرچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، تېگىدىن ئېيتقاندا ئۇ يەنىلا لۇغەت. ئۇنىڭ بۇ خاراكتېرى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەردە مەيلى قانداق تېخنىكا ئىشلىتىلسۇن ياكى قايسى يۈزلىنىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن قەتئىي نەزەر، ھەر قايسى جەھەتتىن قەغەز لۇغەتلەردىن ئىلمىي ۋە ئىجادىي پايدىلىنىشقا سەل قارىماسلىق كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇكەممەللىشىشىدە تىلشۇناس، تەرجىمان، ئۇچۇر تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىنتايىن مۇھىم. يالغۇز بىر تۈردىكى خادىملار بۇ ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاپ بولالمايدۇ، مەھسۇلاتىمۇ بازاردا ئۇزۇن مۇددەت پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، رىقابەتچىلىرى تەرىپىدىن شاللىنىدۇ. شۇڭا، ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت ئىشلەۋاتقانلار سۆزلۈك جەھەتتىن كۆپ بولۇش ياكى تىل تۈرى كۆپ بولۇشقىلا ئەھمىيەت بەرمەستىن يەنە ئاساسىي سۆزلۈكلەرنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. مەسىلەن: سۆز خاراكتېرى، مەنا يەشمىسى، مىساللار،.... ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆرۈنۈشى ئازادە بولۇش، ئىشلىتىش ئاددىي بولۇشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىقتىدارلىرىنى يېڭىلاپ تۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت بازار ئېھتىياجى بويىچە تۆۋەندىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.

1. كۆپ ۋاسىتە تېخنىكىسى: سۆزلەرنىڭ مەنا يەشمىسىدىن باشقا يەنە ئاۋاز، سۈرەت قوشۇلسا جەلپكارلىقى ۋە رەڭدارلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ.

2. ئىزدەش ئۇسۇلى: ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىزدەش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، بىر قانچە خىل شەكىلدە ئىزدەش ئېلىپ بارالىسا (سۆز بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئىزدەش، خالىغانچە ئىزدەش دېگەندەك)، مۇمكىن بولسا مەنا يەشمىسى ئىچىدىنمۇ ئىزدەپ تاپالىسا، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

3. باغلانما ئىزدەش: سۆزلەرنىڭ مەنىداش ياكى شەكىلداش شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن باشقا يەنە مەنا تۈرى بۇيىچە باغلاپ ئىزدەش ئېلىپ بارالىسا، تېخىمۇ قۇلاي بولىدۇ. مەسىلەن: «تۇخۇم»نى ئىزدىگەندە، مەنا ۋە ئۇقۇم جەھەتتىن مۇشۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان «توخۇ»، «خوراز»، «مېكىيان»، «چۈجە»، «چوڭ تەخسىلىك توخۇ قوردىقى»،... دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ تېپىپ بېرەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

4. تارقىلىش شەكلى: نوقۇل ئوپتىك دىسكا ۋە يەككە كومپيۇتېر دىن ھالقىپ، تار دائىرىلىك توردىكى كۆپ كومپيۇتېرلاردىمۇ ئىشلەيدىغان ھەتتا ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن تور لۇغىتى شەكىلدە تارقىتىلسا، تېخىمۇ كەڭ ئومۇملىشىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنىڭ تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئەمما، ھەر خىل قەغەز لۇغەتلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى ئەمەس. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇ كومپيۇتېر تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە لۇغەتشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، ماتېرىيالشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ بىرلەشمە مەھسۇلى. لۇغەتشۇناس، كومپيۇتېرشۇناس، تىلشۇناسلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا سۈپەتلىك ئېلېكتىرونلۇق لۇغەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. گەرچە ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقاتى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ئېلېكتىرونلۇق لۇغەت تەتقىقاتىدىن كېيىن يەنى 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بەلگىلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن ۋە ئەمەلىي مەھسۇلات بازارغا يۈزلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ئەمما، بۇ يېتەرلىك ئەمەس. تور تېخنىكىسى ۋە يانفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ساھەدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#