شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭدىكى بىردىن بىر مالىيە ئىقتىساد كەسىپىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتىكى بەش ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى. مەكتەپ شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان، جەنۇب، شىمالىي ئىككى مەكتەپ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئاز كەم  200 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يىتىدۇ.  

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە نامى 新疆财经大学
قۇرۇلغان ۋاقتى 1950-يىلى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
مەكتەپ مۇدىرى سۈي گۇۋاڭ لىيەن
بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى
قىسقاتىلغان نامى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
ئادرېسى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ ئوتتۇرا يولى 944 - نومۇر
توربېكىتى http://www.xjufe.edu.cn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مالىيە  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى1950-يىلدىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كادىرلار مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان. 1957 -يىلى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ بىلەن بىرلىشىپ، شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان. 1959-يىلى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1962-يىلى مەكتەپ تاقىلىپ، 1980-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1988-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، بۇ مەكتەپ بىردىنبىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى ئالىي ئىقتىساد كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيىلەيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مالىيە ئىقتىساد تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بوغالتىرلىق، پۇل مۇئامىلە، بازار، مالىيە ئىقتىساد، سودا سانائەت باشقۇرۇش، سىتاتىستىكا ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش، قانۇن، ئىقتىساد قاتارلىق سەككىز فاكۇلتېت، ماركسىزم-لېنىنىزم كافىدراسى، ئاساسىي بۆلۈم، خەنزۇ تىلى تەتقىقات بۆلۈمى، كومپيۇتېر مەركىزى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە گۈزەللىك تەربىيىسى تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىق ئاساسىي ئوقۇتۇش بۆلۈملىرى، بىر چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى ۋە ئىشتىن سىرت ئوقۇش بۆلۈمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئىقتىساد ئېچىۋېتىش تەتقىقات ئورنى ۋە يۇمشاق پەنەنلەر تەتقىقات ئورنىدىن ئىبارەت ئىككى تەتقىقات ئورنى ۋە بوغالتىرلىق ئىشلىرى ئورنى، مال-مۈلۈكنى باھالاش ئورنى ۋە مۇپەتتىش قىلىش بۆلۈمى قاتارلىق ئۈچ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ئورنى بار. نۆۋەتتە پۇل مۇئامىلە ئىلمى، ستاتىستىكا ئىلمى، مالىيە ئىقتىساد ئىلمى، سودا سانائەت باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق 11 تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى، كاسسىرلىق، پۇل مۇئامىلە ماگىستىرلىق نۇقتىسى بار. مەكتەپ ئوقۇتۇشنى مەركەز قىلىش كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختا سېلىش، ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋېتىش، ئەمەلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش، تەدبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردى. جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ قوشۇمچە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈردى. كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى بىلەن دۆلەتلىك ئىمتىھانلار تۇتاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ شىنجاڭ ئىمتىھان نۇقتىسىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە تەسىس قىلىندى. ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشتا، ئوقۇش نومۇر تۈزۈمى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2-، 3-بۆلەكلىك خەنزۇ تىلدا ئوقۇتۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 240000 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇشى كۆلىمى 48066 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 450000 پارچە بولۇپ، كومپيۇتېرلىق باشقۇرۇش ۋە توردا تەكشۈرۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئىنستىتۇتتا بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان چوڭ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات سايمانلىرى بار، بىر قەدەر چوڭ كۆلەمگە ئىگە كومپيۇتېر مەركىزى تورى، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتال سىستېمىسى بار بولۇپ، ئىنتېرنېت تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. تىل تەجرىبە ئىشخانىسى ئالتە، كەسپىي تەجرىبىخانا تۆت، يېپىق يوللۇق تېلېۋىزۇر سىستېمىسى ۋە سىنالغۇ سۈرەتلىرىنى تەھرىرلەش سىستېمىسى بار. 1994-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دەرسلىك تېمىسىدىن 69 خىل تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئالدى، قاتناشتى ۋە تاماملىدى. نەشىردىن چىقارغان ئەسەر 78 پارچە، ھەر خىل گېزىت-ژۇرناللار ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە 2000 پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆپ قېتىم مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوندا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ تەھرىرلەپ نەشىردىن چىقارغان «شىنجاڭ مالىيە ئىقتىسادىي» دېگەن ژۇرنالنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقاتتى. مەكتەپ ياپونىيە، ئامېرىكا، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق چەت ئەلدىكى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن ھەرخىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ياپونىيە ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن دوستلۇق ئورناتقان ۋە ئۆز ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكەن. مەكتەپ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى. 1997-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئۇنىۋېرسال باھالىشىدىن ئۆتۈپ مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن لاياقەتلىك مەكتەپ دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. 1999-يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى سانى 880 نەپەردىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە خىزمەتتىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 472 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىلكتىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 160 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 5681 نەپەر ( چوڭلار مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرى 1750 نەپەر) . مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە 40000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەپ بەردى.

شىجاڭ مالىيە  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىشىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا 1950 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كادىرلار كۇرسى سىنىپى ئاچقان، 1959 - يىلى دەرىجىسى ئۆسۈپ شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن؛ 

1962 - يىلى دۆلەت ماكرولۇق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىياسەتنىڭ تەڭشىلىشىدە، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى تۈزۈلمە ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ مالىيە سودا مەكتىپى قىلىنغان؛ 

1980 -يىلى 5-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشى  ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛ 

1998 - يىلى، ماگىستىر ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 

2000-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنستىتۇتى ۋە شىنجاڭ مالىيە ( باج ) مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشكىللەنگەن يېڭى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى؛

2001 - يىلى، MBA مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 

2007 - يىلى تەستىقلاش ئارقىلىق، مەكتەپ نامى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.    

مەكتەپ تور بېكىتى نەشىرى 2014-يىلى 9-ئايدىكى ئۇچىرىغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپتە 16 ئىنستىتۇت ۋە ئىككى كەسپىي ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، داۋاملىق مائارىپ ئىنستىتۇتلىرى ۋە سودا ئىنستىتۇتى تەسىس قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. 32 تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىپ، دۆلەت خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (HSK) ۋە ئەنگلىيە ياسى ئىمتىھانى (IELTS) شىنجاڭ مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسى قۇرۇلدى. 

ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى 

شىجاڭ مالىيە  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىمەكتەپ تور بېكىتى نەشىرى 2014-يىلى 9-ئايلىق ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى خىزمەتچىلىرى 1449 نەپەر،

 مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 828 نەپەر، ئىشچى - خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ %57.1 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پىروفېسسور، دوتسېنتلار 350 نەپەر، كاندىدات ئالىي دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ % 41.5 نى ئىگىلەيدۇ؛ ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۈنۋانغا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى 403 نەپەر، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچى 88 نەپەر، ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇمۇمىي سانى %59.3 نى ئىگەللەيدۇ. مەكتەپتە جەمئىي سەككىز دوكتور يېتەكچىسى، 193 نەپەر ماگىستىر يېتەكچىسى، بۇنىڭ ئىچىدە 7 نەپەر ئوقۇتقۇچى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور تاللاش يېتەكچىسى بولغان. 

ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى 

شىجاڭ مالىيە  ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىمەكتەپ تور بېكىتى نەشىرى 2014-يىلى 9-ئايلىق ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپتە تۆت دۆلەت دەرىجىلىك ئالاھىدە كەسىپ قۇرۇلۇشى نۇقتىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق كەسپلەر ئىھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش نوقتىسىدىن ئۈچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىدىن 6، دۆلەت دەرىجىلىك ئېسىل دەرسلىك تۈرىدىن 2، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىك تۈرىدىن 14، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش كوللېكتىپىدىن تۆتى بار.

پەن قۇرۇلۇشى 

مەكتەپ تور بېكىتى نەشىرى 2014-يىلى 9-ئايلىق ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىلمى، تەبىئىي بايلىق

 ئىقتىسادشۇناسلىقى، قانۇنشۇناسلىق، ئەدەبىيات، ئاياللار پىسىخولوگىيىسى، سانائەت قاتارلىق ئالتە چوڭ پەن تۈرى، ئۈچ دوكتۇر 2 - دەرىجىلىك پەنلەر تەربىيەلەش نىشانى، بەش ماگىستىر 1 - دەرىجىلىك پەنلىرى ھوقۇقى، 27 ماگىستىر 2 - دەرىجىلىك پەنلەر ھوقۇق بېرىش نۇقتىسى، توققۇز ماگىستىر كەسپىي ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرى؛ 6 تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن، توققۇز تۈر مەكتەپ دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن قاتارلىقلار بار.

ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش 

مەكتەپ ۋە جۇڭگو خەلق ئالىي مەكتىپى، شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇب مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭنەن مالىيە-ئىقتىساد سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھەمدە ئامېرىكا بىلەن شيېخې ئونۋېرستىتى، ياپونىيە ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، قازاقىستان ئاقتۆپە دۆلەتلىك پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. 

پەن تەتقىقات ئاپپاراتى 

مەكتەپ مەركەز بىلەن بىللە قۇرغان تەجرىبىخانىسىدىن 2، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فىلولوگىيە - ئىجتىمائىي پەنلەر نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسىدىن 3، مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات ئاپپاراتىدىن بىر بار. 

پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيىتى

 مەكتەپ يېقىنقى ئۈچ يىلدا جەمئىي 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 50 نەچچە تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى ئوقۇتۇش، پەن - تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەكتەپ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن مۇكاپاتى بويىچە، 31 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 3 تۈر بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 7 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 9 تۈر 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.  

ساقلانما بايلىقى 

 2011 - يىلىغا قەدەر، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان كىتاب ۋە ھۆججەتلەر ئومۇمىي سانى 136 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان كىتاب 980مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب 380 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. يىللىق يېڭى كىتاپلار  40 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق، يىللىق زاكاس قىلىنغان چەت ئەل يېزىقى گېزىت - ژۇرناللىرى 1500 خىلغا يېقىن. كىتاب پەن ساھەسىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىساد ئىلمى، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىق پەنلەرنى يىغىپ ساقلاش بىر قەدەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. 28 دانە ئىشلىتىشكە بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنال 1700 نەچچە خىل چەت ئەل تىلى تولۇق تېكىستى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 9100 خىلدىن كۆپ تولۇق تېكىستى خەنزۇچە ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنال، 100 نەچچە مىڭ پارچە ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى. ئۆزى قۇرغان توققۇز ئالاھىدە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىقلار. 

قەرەللىك ئىلمىي ژۇرنال 

« شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىسادى » ۋە « شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى نۇسخا جەمئىي تۆت خىل ژۇرنال، ھەممىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاشكارا تارقىتىشقا يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى خەنزۇچە ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى « جۇڭگودىكى ئىلمىي ژۇرناللارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ئامبىرى »، « جۇڭگو مۇھىم قەرەللىك ( تاللاش ) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى »، « جۇڭگو ژۇرنال تورى »، «  جۇڭگودىكى ئىلمىي ژۇرناللار تور بىتى »،« جۇڭگو ئىلمىي رەقەملىك ژۇرنال » قاتارلىقلارغا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تولۇق تېكىستى كىرگۈزۈلگەن. 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرلىرى : سۈي گۇۋاڭ لىيەن 

پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : مەۋلۇت مەنسۇر 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : ئوسمان داۋۇت  

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : فەن سۇڭ دىياۋ 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى : ئالىم ياكفرىن 

پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : داڭ جىنوڭ، ئەي گۇاڭخۇي، جياڭ شىمىن،شى شۇچىڭ،سۈنگوخۈي 

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى : ئالىم ياكفرىن

كۆزەتكۈچى : لياڭ جېڭ، ليۇ شىراڭ [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#