لاتقا-شېغىللىق ئېقىن

لاتقاشېغىللىق ئېقىن

لاتقا-شېغىللىق ئېقىن تاغلىق رايونى ياكى باشقا جىلغا قاتارلىق رايونلاردا، يامغۇر، قېلىن قار، ياكى باشقا تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، ھەمدە نۇرغۇن لاي -لاتقا ۋە تاش بولغان ئالاھىدە ئېقىننى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى لاتقا - شېغىللىق ئېقىن
چەتئەلچە ئاتىلىشى mudslide
خەنزۇچە ئاتىلىشى 泥石流

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لاتقاشېغىللىق ئېقىنلاتقا-شېغىللىق ئېقىن تاغلىق رايونى ياكى باشقا جىلغا قاتارلىق رايونلاردا، يامغۇر، قېلىن قار، ياكى باشقا تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، ھەمدە نۇرغۇن لاي -لاتقا ۋە تاش بولغان  ئالاھىدە  ئېقىننى كۆرسىتىدۇ. لاتقا - شېغىللىق ئېقىن تۇيۇقسىز بۇلۇش،ئېقىش سۈرئىتى تېز، ئېقىم مىقدارى چوڭ، ماددىي سىغىمى چوڭ ۋە ۋەيران قىلىش كۈچى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يۈز بەرگەندىن دائىم تاشيول، تۆمۈر يول قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى، ھەتتا يېزا - بازار قاتارلىقلار بۇزۇلۇپ زور زىيان كېلىپ چىقىدۇ.

لاتقا-شېغىللىق ئېقىننىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئادەتتە پەقەت بىر قانچە سائەت، قىسقىلىرىنىڭ نەچچە مىنۇت كېتىدۇ، بىر خىل كەڭ تارقالغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئالاھىدە يەر شەكلى رايونىدىكى تەبىئىي ئاپەت. بۇ تاغلىق رايوندىكى جىلغا ياكى تاغ يانتۇلۇق يۈزىدە، قارا يامغۇر، قار-مۇزلار ئېرىگەندە سۇ مەنبەسى ئۇرغۇتۇپ، تەركىبىدە كۆپ مىقداردىكى لاي-تاش، تۇپراق، سۇ، گاز بولغان ئېقىمدۇر. تاغلىق رايونلاردا كەلكۈن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتىكى كەلكۈندىن پەرقى شۇكى،لاتقا-شېغىللىق ئېقىن تەركىبىدە يېتەرلىك مىقداردا لاي تاش قاتارلىق قاتتىق پارچە ماددىلار بار، ئۇنىڭ ھەجىم مىقدارى ئاز بولغاندا %15، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %80 ئەتراپىدا بولغاچقا،تېخىمۇ چوڭ ۋەيران قىلىش كۈچىگە ئىگە. 

لاتقاشېغىللىق ئېقىنلاتقا-شېغىللىق ئېقىن بولغان ئاساسلىق زىيىنى بولسا، شەھەر-بازار، كارخانا ۋە كەسپىي ئىدارىلەر، زاۋۇت، كان، كەنتلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۆي ۋە باشقا قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دەل-دەرەخ ۋە تېرىلغۇ يەر،دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن بەزىدە دەريا يوللىرىنى توسۇۋېلىپ، سۇ تىرانسپورتىنى  ئۈزۈپلا قالماستىن، يەنە سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. لاتقا-شېغىللىق ئېقىننىڭ كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن، لاتقا-شېغىللىق ئېقىننىڭ سىغىمى، ئېقىم تېزلىكى، ئېقىم مىقدارى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە ، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئېقىم مىقدارى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىنىڭ دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كۆپ خىل سۈنئىي پائالىيەتلەرمۇ كۆپ تەرەپلىمە كۈچىيىپ، يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ رولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ھاسىل قىلىدۇ. 

لاي-تاش ئېقىنى دائىم جىلغا ۋە يەر تەۋرەش رايونى، يانار تاغ رايونىدا ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئۇ بىر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بېرىدىغان، تاغلىق رايونلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.

لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئادەتتە يېرىم قۇرغاق تاغلىق رايونلار ياكى ئېگىزلىكتىكى مۇزلۇق رايونلاردا يۈز بېرىدۇ. بۇ جايلارنىڭ يەر شەكلى ناھايىتى تىك، لاتقا-شېغىل ۋە تاش پارچىلىرى قاتارلىق دۆۋىلەنمە ماددىلار بىرقەدەر كۆپ، دەل-دەرەخلەر ناھايىتى ئاز بولىدۇ. قارا يامغۇر ياغسىلا ياكى مۇزلۇقلار ئېرىسە، چوڭ-كىچىك تاش پارچىلىرى يېتەرلىك سۇغا ئېرىشىپ، يانتۇلۇقنى بويلاپ تۆۋەنگە سىيرىلىپ لاتقا–شېغىللىق ئېقىننى شەكىللەندۈرىدۇ. 

تىنچ ئوكىياننى چۆرىدىگەن بەلباغ ( تاغ)، ئالپ - ھىمالايا پۈرۈلمە بەلۋىغى، ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بەزى پۈرۈلمە تاغ رايونى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلار بولۇپ، دۇنيادىكى 50 نەچچە دۆلەتتە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن يوشۇرۇن تەھدىتى مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىرىدىن كولومبىيە، پېرو، شىۋېتسارىيە، جوڭگو، ياپونىيە قاتارلىقلار بار.

لاتقاشېغىللىق ئېقىنماددى تەركىبىگە ئاساسەن ئايرىش 

1. كۆپ مىقداردىكى يېپىشقاق توپا ۋە دانچە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قۇم، تاشتىن تەركىب تاپقىنى لاتقا-شېغىللىق ئېقىن دەپ ئاتىلىدۇ؛ 

2. يېپىشقاق توپىنى ئاساس قىلغان، تەركىبىدە ئاز مىقداردا قۇم، چاسا تاش بار بولغان، يېپىشقاقلىقى چوڭ، رەڭگى قويۇق بولغىنى لاي ئېقىن دەپ ئاتىلىدۇ؛ 

3. سۇ ۋە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قۇم، تاشتىن تەركىب تاپقىنى سۇ-تاش ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

لاتقا - شېغىللىق ئېقىن شەكىللىنىش شەرتلىرى : يەر شەكلى تىك، بوش دۆۋە نەرسە مول، ئۇدا قارا يامغۇر يېغىش تۈپەيلىدىن ياكى كۆپ مىقداردا مۇز ئېرىشتىن سۇنىڭ ئېقىپ چىقىشى. 

لاتقاشېغىللىق ئېقىنسانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش دەرىجىسى ۋە كۆلىمىمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.ئىنسانىيەت ئىقتىسادىي پائالىيىتى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغاندا، مۇقەررەر ھالدا تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىشى، بەزى لاي-لاتقا ئېقىنى يۈز بېرىشى، ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق ئېچىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈشتىن بۇيان، سۈنئىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان لاتقا–شېغىللىق ئېقىن سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. لاتقا-شېغىللىق ئېقىن پەيدا قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

تەبىئىي سەۋەب 

نامۇۋاپىق ئېچىش  

تاشلاندۇق توپا، داشقال، تاش 

قالايمىقان بوز يەر ئېچىش 

ئەگەشمە ئاپەت [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#