كولىسكى يېرىم ئارىلى
روسىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان يېرىم ئارال، سىياسىي جەھەتتە روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇرمانسكى ئوبلاستىغا قارايدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
روسىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان يېرىم ئارال، سىياسىي جەھەتتە روسىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇرمانسكى ئوبلاستىغا قارايدۇ، شىمالىي تەرەپ بارېنتىس دېڭىزى بىلەن، جەنۇبىي تەرەپ ئاق دېڭىز سۇلىرى بىلەن يۇيۇلپ تۇرىدۇ. غەربىي تەرەپ كولىسكى دەرياسى، ئىماندىرا كۆلى ھەم نىۋا دەرياسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى تەخمىنەن 100 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
كان بايلىقلىرىدىن مىس، نېكىل، تۆمۈر قاتارلىقلار بار.
كولىسكى يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىگە توغرا كېلىدۇ، 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8-℃13، 7-ئايلىقى ℃8-℃14 كېلىدۇ. يىللىق ھكل-يېېغىن مىقدارى 300-750 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يازلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈندۈز، قىشلىقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كېچە بولىدۇ. دەريالىرى قىسقا، سۇ كۈچى بايلىقى مول، بېلىقچىلىقى تەرەققىي قىلغان.
كان سانائىتى بىلەن مېتاللۇرگىيە سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا قولتۇقلار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىد كولىسكى قولتۇقى ئەڭ چوڭ. كولىسكى يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان يىللىق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قىشلىقى دېڭىز قىرغاق سۇلىرى توڭلىمايدۇ. كولىسكى قولتۇقى ئاغزىغا جايلاشقان مورمانسكى پورتى قىشتا سۈيى توڭلىمايدىغان مۇھىم سودا، ھەربىي پورت ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە سۇنىڭ كۆتۈرۈلۈش، چۆكۈش كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ئالىدىغان بىرىنچى ئېلېكتر ئىستانسىسى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.