لاجىۋەرد
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈش، ﻣﯧﯖﯩﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪش، ﻏﻪم ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻗﻮﻳﯘق ﮔﺎزلارﻧﻰﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﻰ ﺧﯘش ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪش، ﮬﻪﻳﺰ ۋە ﺳﯜﻳﺪۈﻛﻨﻰ راۋاﻧـلاﺷﺘﯘرۇش، ﻛﯚزﻧﻰ روﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈش، داغ ﺳﻪﭘﻜﯜن ﻳﯘﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎن ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﻗﻮرۇش.
ئىشلىتىلىشى
يۇيۇپ لايىقلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ
[لاﺟﯘۋەردﻧﻰﻳﯘﻳﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ] ﺋﺎۋۋال لاﺟﯘۋەردﻧﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎق ﺋﯧﺰﯨﭗ، ﺋﺎزراق ﺳﯘ ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ زەﻳﺘﯘن ﻳﯧﻐﻰﻗﯘﻳﯘپ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻗﺎزاﻧﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﺋﺎزﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﺴﺎ لاﺟﯘۋەرد ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﺋﻮرﻧﺎﻳﺪۇ، ﻳﺎغ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﯚﻛﯜپ ﺗﺎﺷـلاپ، ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﺋﻮرﻧﯩﻐﺎن لاﺟﯘۋەردﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻣﺸﺎق ﺳﻮﻗﯘپ ﺑﯩﺮﺋﺎز ﺳﯘﻗﻮﺷﯘپ، ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ زەﻳﺘﯘن ﻳﯧﻐﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗﺗﯧﻪﯨﮕﻪ ﺋﻮرﻧﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯘرۇﺗﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ«ﻳﯘﻳﯘﻟﻐﺎن لاﺟﯘۋەرد» ﻳﺎﻛﻰ «لاﺟﯘۋەرد ﻣﻪﻏﻤﯘل» دﯦﻴﯩﻠﯩﺪۇ.
[لاﺟﯘۋەردﻧﻰﻛﯘﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ] 1. 15 ﮔﺮام لاﺟﯘەردﻧﻰ 150 ﮔﺮام ﺳﻪﺑﺮى ﻟﻮﺋﺎﺑﻰﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮزﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﮔﯩﻠﻰ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ 15 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮام ﻛﺎلا ﺗﯧﺰﯨﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﻣﯜپ ﺋﻮت ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺧﺎم ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ داۋاﻣـلاﺷﺘﯘرۇﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻣﺸﺎق ﺳﻮﻗﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ. 2. 12 ﮔﺮام لاﺟﯘۋەردﻧﻰ 60 ﻣﯩﻠﻠﯩﻠﯩﺘﯩﺮ ﺋﯚﭼﻜﻪ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮزﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗﮔﯩﻠﻰ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ، 15 ﻛﯩﻠﻮﮔﺮام ﻛﺎلا ﺗﯧﺰﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮت ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗﺳﺎلاﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ.
1. 1.5 ﮔﺮام لاﺟﯘۋەردﻧﻰ ﺳﻮﻗﯘپ ﺳﯘﭘﯘﭘﯩﻨﻰ ﺑﯘرۇﻧﻐﺎ ﭘﯜرﻛﯩﺴﻪ، ﺑﯘرۇن ﻗﺎﻧﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
2. ﺋﯜچ ﮔﺮام لاﺟﯘۋەرد ﻛﯜﺷﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺷﻪرﺑﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪرﻗﻰ ﮔﺎۋزﯨﺒﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪپ، ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ ﺧﯘﺷﻠﯘق ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎن ﻗﺎن ﺗﻮﻣﯘر ﻗﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
3. 1.5 ﮔﺮام لاﻗﯘۋەردﻧﻰ ﺳﻮﻗﯘپ زەﻳﺘﯘن ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺳﯚﮔﻪل ۋە ﺑﻪرەﺳﻜﻪﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
4. 1.5 ﮔﺮام لاﺟﯘۋەرد ﻛﯘﺷﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﺮام ﻣﻪرۋاﻳﯩﺖﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯚزﮔﻪ ﺗﺎرﺗﺴﺎ، ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
ﮬﻪﺑﺒﻰ لاﺟﯘۋەرد، ﻣﻪﺟﯘﻧﻰ ﭼﯚﭘﭽﯩﻦ، تەرياقى كەبىر.
كېسەللىك مىسالى
ﺑﯘرۇن ﻗﺎﻧﺎش، ﻣﺎﻟﯩﺨﻮﻟﯩﻴﺎ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯚز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﺮى، ﻛﯩﺮﭘﯩﻚ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜش، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻳﯜرەك ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮى، ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎن ﻗﺎن ﺗﻮﻣﯘر ﻗﯧﺘﯩﺶ، ﻧﯧﺮۋا ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﺟﯘﻧﯘن، ﺋﯘﻧﯘﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻖ، داغ، ﺳﻪﭘﻜﯜن، ﮬﻪﻳﺰﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺳﯚﮔﻪل، ﺳﯩﻔﻠﯩﺲ، ﺳﯚزﻧﻪك، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺋﻪزا ﻳﺎرﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم (سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.