كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىغا ئائىت ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىغا ئائىت دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1144-يىغىنىدا ماقۇللانغان.


ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىغا ئائىت دېلولارنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理涉及计算机网络著作权纠纷案件适用法律若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2000) 84-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2000) 84-نومۇرلۇق ئېلانى 

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1144-يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

2000-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

كومپيۇتېر تورىدىكى ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىغا ئائىت دېلولارنى توغرا سوت قىلىش ئۈچۈن، «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى»، «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، بۇنداق دېلولاردا قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى:

1-ماددا توردىكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ماجىراسىغا ئائىت دېلو ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك جاي ياكى جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خلەق سوت مەھكىمىسىىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگەن جاي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ دەۋا قىلىنغان تور مۇلازىمەت ماشىنىسى، كومپيۇتېر تېرمىنالى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بار جاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگەن جاي بىلەن جاۋابكار تۇرۇشلۇق جاينى بېكىتىش تەس بولسا، دەۋاگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش مەزمۇنىنى سەزگەن كومپيۇتېر تېرمىنالى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بار جاي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگەن جاي ھېسابلانسا بولىدۇ.

2-ماددا «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدىغان ئەسەر «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 3-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ سانلىق شەكلىنى ئكز ئىچىگە ئالىدۇ. تور مۇھىتىدا «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 3-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ دائىرىسىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئىجادىي بولغان ھەمدە مەلۇم شەكىلدە كۆپەيتكىلى بولىدىغان باشقا ئەقلىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى خەلق سوت مەكھىمىسى قوغدىشى كېرەك

«ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدىكى ئەسەر ھوقۇقىغا كىرىدىغان ھوقۇقلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمە سانلىق ئەسەرلەردىكى ئەسەر ھوقۇقىغا تەتبىقلىنىدۇ. ئەسەرنى تور ئارقىلىق جامائەتكە تارقىتىش «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»دا بەلگىلەنگەن ئەسەردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەردىن شۇ ئۇسۇلدا پايدىلىنىش ياكى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ئىجازەت بېرىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھەق ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

3-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بېسىشقا، قىسقارتىپ بېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ياكى بۇ ئەسەرنى بېرىپ تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ بېسىشقا، قىسقارتىپ بېسىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغانياكى توردا تارقىتىلغان ئەسەرنى تور بېكىتى كۆچۈرۈپ بەرسە، قىسقارتىپ بەرسە ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە ھەق تۆلىسە، قەيەردىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك ھېسابلانمايدۇ. لېكىن، تور بېكىتى كۆچۈرۈپ بەرگەن، قىسقارتىپ بەرگەن ئەسەر ئالاقىدار گېزىت-ژۇرناللار كۆچۈرۈپ باسقان ئەسەر دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسە، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ بېكىتىش كېرەك. 

4-ماددا تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى تور ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشكە تور ئاقىلىق ئارىلاشسا ياكى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتسە، ياردەم بەرسە، خەلق سوت مەكھىمىسى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 130-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياكى ھوقۇققا بىۋاسىتە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنىڭ ھوقۇققا بىرلىكتە دەخلى-تەرۇز يەركۈزگەنلىك جاۋابكالرىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

5-ماددا مەزمۇن تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەر تور ئابونتلىرىنىڭ تور ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغانلىقىنى ياكى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئېنىق دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنىڭ چىقىرىۋىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىىڭ 130-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنىڭ بىلەن شۇ تور ئابونتىنىڭ ھوقۇققا بىرلىكتە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

6-ماددا مەزمۇن تور مۇلازىمىتى بىەن تەمىن ئەتكۈچىلەر ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىنىڭ جاۋابكالرىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلاردىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىنىڭ توردا رويخەتكە ئالدۇرغان ماتېرىيالىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئورۇنلۇق سەۋەبسىز رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 106-ماددىسىدىكى بەلگخلىمە بويىچە، ئۇلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەن مۇناسىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

7-ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك ئۇچۇرىنى بىلىپ، تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ياكى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىدىن توردا رويخەتكە ئالدۇرغان ماتېرىيالىنى تەلەپ قىلغان چاغدا، سالاھىيەت ئىسپاتى، ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىك ئىسپاتىنى كۆرسىتەلمىسە، ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىدى ياكى ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى دەپ قارىلىدۇ.

ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى يۇقىرىقى ئىسپاتلارنى كۆرسەتمىسە، تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى يەنىلا تەدبىر قوللانمىسا، دەۋا قىلغاندا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالدىن كېسىم چىقىرىپ، زىياننى توختىتىشنى، توسالغۇ ۋە تەسىرىنى تۈگىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىشى كېرەك.

8-ماددا تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەگەنلىكتىن ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچى ئەيىبلەنگەن مەزمۇننى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغاندا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلەنگۈچى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچىدىن خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغاندا، ئەيىبلىگۈچى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچى تەدبىر قوللانغانلىقتىن زىيانغا ئۇچراپ تۆلەم تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاگاھلاندۇرۇش بەرەۈچىنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم ئارقىلىق بۇيرۇشى لازىم.

9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى توردىكى ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش ماجىراسىغا ئائىت دېلولارنى سوت قىلىشتا، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، مۇنۇ قانۇنلارنى تەتبىقلىشى كېرەك:

1. ئېلانقىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئەسەر جىسمانىي ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى بېكىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 45-ماددىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛

2. جامائەتكە تارقىتىدىغان ئەسەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى بېكىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 45-ماددىسىنىڭ بەشىنچى تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛

4. ئۈن-سىن بۇيۇمى ئىشلىگۈچىلەر، ئويۇن قويغۇچىلار، رادىئو-تېلېۋىزىيە تەشكلاتلىرى قاتارلىقلارغا تۇتۇاشقان ھوقۇققا زىيان يەتكۈزۈشنى بېكىتىشتە ياكى ئەسەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ئۇچۇرىنى قەستەنچىقىرىۋېتىپ ياكى ئۆزگەرتىۋىتىپ پەيدا قىلغان ئاقىۋەت ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش بولىدىغانلىقىنى بېكىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 54-ماددىسىنىڭ سەككىزىنچى تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛

5. باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلاش، كۆچۈرۈۋېلىشنى بېكىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 46-ماددىسىنىڭ بىرىنچى تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

10-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلەرنىڭ تۆلەم سوممىسىنى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشتىن ئۇچرىغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىينا ۋە قولدىن كەتكەنمۆلچەرى مەنپەئەت بويىچە ھېسابلىسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگۈچىنىڭ ئېرىشكەن مەنپەئىتى بويىچە ھېسابلانسىمۇ بولىدۇ. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈگۈچى ئۆزىنىڭ تەننەرخى ياكى زۆرۈر خىراجىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەندە، ئۇنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ ئېرىشكەن كىرىمى ئېرىشكەن مەنپەئىتى ھېسابلىنىدۇ.

ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ زىيىنىنىڭ مىقدارىنى بېكىتكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تۆلەم سوممىسىنى زىيان دەرىجىسىگە قاراپ، خەلق پۇلى بويىچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا خەلق پۇلى بويىچە 500 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#