كلۇژ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋروپادىكى رۇمىنيىنىڭ غەربىي شىمالىغا، سومىش دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 260 مىڭدىن ئاشىدۇ. كلوژدا مىلادىيە 10-ئەسىردىلا كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان مەھەللەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. 16-ئەسىردە مېتالچىلىق سانائەت ئورۇنلىرى بارلىققا كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا كلۇژ «گۆھەر شەھەر» دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ شەھەرنىڭ ئايرىم جايلىرىدا كونىشەھەر خفرابىلىرى ساقلانماقتا.
كلوژ رۇمىنىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، ئۇ خىمىيە سانائىتى رۇمىنىيە بويىچە خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا خىمىيە سانائىتىگە زۆرۈغر بولغان تەبىئىي گاز، ئاشتۇزى قاتارلىق كان بايلىقلىرى مول. كلۇژ شەھىرىدە خىمىيە سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، توقۇمىچىلىق، يېمەك-ئىچمەك، ئاياغ كىيىم، فارفۇر قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. كلۇژ رۇمىنىيىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ جايدا نۇرغۇن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، 1872-يىلى قۇرۇلغان كلۇژ داشۆسى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، ئاتاقلىق دوختۇرخانىلار، تىياتىرخانىلار، تراسلۋانىيە مۇزېيخانىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسى، 15-ئەسىردە سېلىنغان گات شەكىللىك چېركاۋلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.