بۆكەن
بۆكەن ئاساسلىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە، باش، بىلەك، قورساق قىسمى ھەم تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭدە، بوينىدا بىر ئاق چېكىت بار. تېنى قاۋۇل، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدىغان پۇتى بار، پۇتىدا تۆت بارمىقى بار بولۇپ يان بارمىقى بۇغا تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چېكىنىپ كەتكەن، يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۆكەن ئاساسلىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە، لېكىن باش، بىلەك، قورساق قىسمى ھەم تۆت پۇتىنىڭ ھەممىسى ئاق رەڭدە، بوينىدا بىر ئاق چېكىت بار. تېنى قاۋۇل، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدىغان پۇتى بار، پۇتىدا تۆت بارمىقى بار، لېكىن يان بارمىقى بۇغا تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چېكىنىپ كەتكەن، يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان. ئوت-چۆپ يېيىشكە ماسلاشقان. ئافرىقا سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ئىچىدە ياشايدۇ، قۇرغاقچىلىق پەسلىدە جەنۇبقا كۆچۈپ، يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، يامغۇر پەسلى بولغاندا، شىمال چېگرىسى ئىچىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ۋە ماكان بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايغان، پادا سانى تېخىمۇ تار. تارقالغان رايۇننىڭ غەربىي قىسىمدىكى موخولم ئاھۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى بۆكەن، شەرقىي قىسمدىكى قىزىل بويۇن ئاھۇ ئۈچ كەنجى تۈرى بار.
بۆكەن بېشىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 140 ~ 165 سانتىمېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 90 ~ 120 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 ~ 35 سانتېمېىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 40 ~ 75 كىلوگىرام.
بارلىق كىچىك بۆكەن ئىچىدە ئەڭ چوڭ، بۆكەننىڭ ئاز دېگەندە ئىككى كەنجى تۈرى بار، رەڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، شەرقتىكى كەنجى تۈرى قىزىل بويۇن بۆكەن، تېرىسى يورۇق جىگەر رەڭدە ھەمدە ئاق بويۇن.
بۆكەننىڭ تارقىلىش دائىرىسى شەرقتىن غەربكە قاراپ رەڭگىنىڭ قېنىقلىق دەرىجىسى ئاشقان، ئەڭ غەربىدىكى كەنجى موخولم ئاھۇ، يۇقىرىقى گەۋدىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ساغرا قىسمى پۈتۈنلەي دېگۈدەك قىزىل رەڭلىك. ئۇنىڭ گېلى تەرەپتە بىر ئاق رەڭلىك كىچىك داغ بار، قىزىل يۈزىدە ئاق داغ پارچىلىرى بار، كۆزىدىن ئاغزىغىچە بىر تال ئىنچىكە قارا سىزىق بار. بارلىق بۆكەنلەرنىڭ ئىنچىكە پۇتى ۋە ئۇزۇن ئىنچىكە بوينى بار، ۋە S شەكىللىك مۈڭگۈزى، ئەركەك بۇغىنىڭ تېخىمۇ زور تېخىمۇ پۇختا.
تېنى قاۋۇل، پۇتى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، پۇتىدا تۆت بارمىقى بار، لېكىن يان بارمىقى بۇغا تۈرىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چېكىنىپ، يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان.
ئۇتتۇر چىش ۋە ئوزۇق چىشىنىڭ ھەممىسى چېكىنگەن، لېكىن تۆۋەنكى قوزۇق چىشى ساقلاپ قېلىنغان، كۈرەك چىشى ئۈچ جۈپ ئۇدۇل ئالدىغا يانتۇ شەكىللىك بولۇپ، ئوتىغۇچ شەكلىدە، بىر قەدەر قاتتىق بولغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا، ئالدىنقى ئېزىق چىش ۋە ئېزىق چىشى ئېگىز قالپاقلىق، ئېمالى پۈرۈلمە، چىش تاجى ئۇپرىغاندىن كېيىن يۈزىدە مۇرەككەپ يوللۇق چىش يولى شەكىللەنگەن.
بۆكەن ئادەتتە ئوتلاقتا، يېرىم قۇملۇق رايونلاردا، تۈزلەڭلىك ۋە ئېگىزلىك، ئېدىرلىق ۋە تاغلىق رايونلاردىكى چېتىدىكى بەلۋاغلىرىدا ياشايدۇ.
ئافرىقا سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ئىچىدە ياشايدۇ، مەۋسۇملۇق كۆچىدۇ، بىر قەدەر چوڭ بولغان نەچچە يۈزى بىر توپ ھاسىل قىلغان، قۇرغاقچىلىق پەسلىدە جەنۇبقا كۆچۈپ بېرىپ يېمەكلىك ئىزدەيدۇ، يامغۇر پەسلى بولغاندا، شىمال چېگرىسى ئىچىگە قايتىپ كېلىدۇ.
ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ۋە ماكان بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئازايغان، پادا سانى تېخىمۇ تارلاشقان.
بۆكەننىڭ ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىسسىققا چىداملىق، نەچچە ھەپتە سۇ ئىچمەي يۈرەلەيدۇ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى يەنىلا ئۇلارغا نىسبەتەن غايەت زور، بەرداشلىق بېرىش ناھايىتى قىيىن. كىلىمات ئۆزگىرىشى بۆكەنلەرنىڭ يېمەكلىكلىكىنى ئازايتىۋىتىدۇ.
2004-يىلى بۆكەن نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، 10 يىل ئارىلىقىدا، ئۇنىڭ سانى %80 تىن تۆۋەنلەپ كەتكەن، ئىنتايىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى، ياۋا ئورۇندىكى سانى 100 تۇياقتىن كۆپ ئەمەس، ئومۇمىي چارۋا سانى 2000 تۇياقتىن ئاز. ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھايۋاناتلار باغچىسى ئىچىدىكى قوتاندا بار.
(IUCN) «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» :2008-يىلى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ قىزىل تىزىملىكىگە كىرگەن-(CR)-ئىنتايىن خەتەرلىك.
CITES «ۋاشىنگىتون ئەھدىنامىسى» 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.