لەپەر
لەپەر ــ ئۇيغۇر مىللىي سەھنە سەنئىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. لەپەر ئۆزىنىڭ جانلىقلىقى، شوخلۇقى، كومىدىيەلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، جەلپ قىلىش، ئىنتىلدۈرۈش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدۇر.
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لەپەر ــ ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى بىرلەشتۈرۈلگەن سەھنە سەنئىتى بولۇپ، كۆپىنچە ئەر بىلەن ئايال بىر – بىرىگە كومېدىيەلىك سۆز تاشلاش، ئۇسسۇل ئويناش شەكلى بىلەن ئوينىلىدۇ. لەپەرگە ناخشا ۋە ئۇسسۇلنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى مۇجەسسەملەشكەن، ئەمما ئۇ نوقۇل ھالدىكى ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئۇسسۇلچى بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوبراز ياراتسا، ناخشىچى ئاۋاز سەنئىتى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدۇ. لەپەرھەم ئاۋاز ھەم ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان سەھنە سەنئىتى بولغاچقا، ئۇنىڭدا يارىتىلغان ئوبراز ناخشا ۋە ئۇسسۇلدا يارىتىلغان ئوبرازلارغا قارىغاندا مۇكەممەل، تەسىرلىك، جانلىق، كونكرېتلىققا ئىگە بولىدۇ. تاماشىبىنلارنىڭ لەپەردىن ئالىدىغان ئېستېتىك زوقىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.
لەپەر باشقا سەنئەت تۈرلىرىگە ئوخشاش پەسىيىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. لەپەر 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا سەھنە سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە بىر مەھەل سۇسلاپ قالدى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ سەنئەت شەكلى يەنە سەھنىلىرىمىزدە قايتا نامايان بولدى. بۇ سەنئەت شەكلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پېشقەدەم ئارتىسلىرىدىن سۇلايمان روزى بىلەن سۇدىيە مەخمۇتنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك. بۇلار ئورۇنلىغان ‹‹ئەمگەك مۇھەببىتى›› ناملىق لەپەر سەھنىدە يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئوينالدى. چۈنكى بۇ لەپەرنىڭ ۋەقەلىكى رېئال تۇرمۇشتىن ئېلىنغان، لەپەردە يارىتىلغان نۇرىخان ئوبرازى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا بېيجىڭغا بېرىپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ھەم مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى ئارتىس سەھنە ھاياتىدا ئىزچىل لەپەر ئويناپ، بۇ سەنئەت تۈرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.
بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى ئەسقەر رېقىپ بىلەن دىلنار ئابدۇللا ‹‹سۆيگۈ›› ناملىق لەپەرنى ئورۇنلاپ، لەپەر سەنئىتىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. بۇ لەپەر مەيلى تېكىست ياكى ئارتىسلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى جەھەتتىن بولسۇن، مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان.
لەپەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ كومېدىيەلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىدا. لەپەرنىڭ تېكىستىگە چوڭقۇر ھېسسىيات، قويۇق كومېدىيەلىك خۇسۇسىيەت، كۈچلۈك مىللىي تۇرمۇش پۇرىقى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئارتىسلارنىڭ چاققان گۈزەل بەدەن ھەرىكىتى، شوخ، جۇشقۇن ناخشىسى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈلۈپ، كومېدىيەلىك سۆز تاشلاش شەكلى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىپ، تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.