بارىكۆل كۆلى
بارىكۆل كۆلى شىنجاڭ بارىكۆل ناھىيەسى نىڭ 18 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بىر ئېگىزلىك كۆلى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1585 مېتىر، تۆت ئەتراپى پەس بولۇپ، سۇ ۋە چۆپلىرى مول، كۆل زۇمرەتتەك سۈزۈك بۇلۇپ، مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بارىكۆل كۆلى شىنجاڭ بارىكۆل ناھىيەسى نىڭ 18 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، بىر ئېگىزلىك كۆلى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1585 مېتىر؛ يازدا بۇ يەردە تاغ ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادەتتىن تاشقىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ كۆل بويىدىكى كىگىز ئۆيلىرى، كالا، قوي توپ-توپ يۈرگەن بۇلۇپ، يازلىق ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي. باركۆل كۆلى ئەتراپتىكى تەبىئىي بۇلاق سۈيى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر، جەنۇب شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر، سۇ يۈزى كۆلىمى 112.15 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1585 مېتىر، تۆت ئەتراپى پەس.
كۆلنىڭ شەرقىدە كەڭ سازلىق نەم يەر بار، كۆل ئەتراپى بولسا بىپايان چارۋىچىلىق مەيدانى.
بارىكۆل كۆلىبارىكۆل كۆلى تارىخى كىتاب ئىچىدە «باركول» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ شەرقىي تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان «دېڭىز» كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يىللار ئۆزگىرىشى، يامغۇر ئازىيىپ كىتىشىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ تەسىرىدە يىللىرىدىن بېرى بارىكۆل كۆلى كۆل سۈيى كۆلىمى 140 كۋادىرات كىلومېتىرغا تۆۋەنلەپ كەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.