جۈيلۇ ئۇرۇشى

جۈيلۇ ئۇرۇشى

«جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشىش» دېگەن بۇ تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى جۈيلۇ ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن.

نامى جۈيلۇ ئۇرۇشى
ۋاقتى چىن نىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى207-يىلى)
ئورنى جۈلۇ (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى پىڭشياڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا)
خەنزۇچە نامى 巨鹿之战

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۈيلۇ ئۇرۇشىچىن نىڭ 2-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى208-يىلى) 9-ئايدا (چىن ۋە چىن سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى يىلى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى 10-ئايدىن ئىلگىرىكى 208-يىلدىن كېيىن 9 ئاي، بۇ يىل كەبىسە ئاي) ، چىن سانغۇن جاڭ خەن چۇ بىلەن چىن سۇلالىسىگە قارشى ھەققانىيەتچى قوشۇن سەركەردىسى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ئۆلتۈرگەن. نەچچە ئون مىڭ ئەسكەرنى باشلاپ قاتتىق تۆمۈر تۇرۇشلۇق جۈيلۇنىڭ شىمال تەرپىگە چىكىنگەن، مانا بۇ ئاتالمىش خېبېي ھەربىي ئارمىيەسى.

جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشىش 

جۈيلۇ ئۇرۇشىچىن نىڭ 3-يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى207-يىلى) چىن سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى جاڭ خەن بىرنەچچە 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيې رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇننى باستۇرۇشقا ئاتلىنىپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرىنى جۈيلۇدا (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى پىڭشياڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قورشىۋالدى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيې تاقابىل تۇرۇشقا كۈچى يەتمەي، ئەلچى ئەۋەتىپ چۇ خۇەيۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن ياردەم سورىدى. چۇ خۇەيۋاڭ سۇڭ يۈينى ئالىي سانغۇن، شياڭ يۈينى ئورۇنباسار سانغۇن قىلىپ تەيىنلەپ، قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيېنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەرقايسى تارماق قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى سۇلالىسى چىن قوشۇنلىرى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا پېتىنالمىدى. سۇڭ يىمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ ئەنياڭ(ھازىرقى خېنەنگە تەۋە) غا كەلگەندىن كېيىن، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىن قورقۇپ، قەستەن توختىۋېلىپ 46 كۈنگىچە بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلمەي، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ يېتىۋالدى. شياڭ يۈي سۇڭ يىنى ئۆلتۈرۈپ لەشكىرىي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ، قوشۇننى باشلاپ جاڭشۇي دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن لەشكەرلەرگە قازان-قومۇچلارنى چېقىپ، كېمىلەرنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، قارارگاھلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھەربىر كىشى ئۈچ كۈنلۈكلا ئوزۇق-تۈلۈك ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە جەڭ قىلىشتەك تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

شياڭ يۈي قوشۇننى باشلاپ يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان-سۈرەن بىلەن ئۇدۇل جۈيلۇغا قاراپ ئاتلاندى، لەشكەرلەر بەس-بەستە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، بىرى ئونغا تېتىدى، توققۇز قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن چېكىندۈردى، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيېغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن باشقا قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ جەڭنى كۆردى، بۇ قېتىمقى جەڭدە چىن سۇلالىسى سەركەردىسى سۇ جياۋ ئۆلتۈرۈلدى، ۋاڭ لى ئەسىرگە چۈشتى، شې جيەن ئۆلۈۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي، چىن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى جاڭ خەن مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، خەنشۇي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يىن خارابىلىكىدە) ھازىرقى خېنەندىكى ئەنياڭدا200 مىڭ كىشىلىك چىن سۇلالىسى قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.

جۈيلۇ ئۇرۇشى بۇ قېتىمقى جەڭدە چىن سۇلالىسى سەركەردىسى سۇ جياۋ ئۆلتۈرۈلدى، ۋاڭ لى ئەسىرگە چۈشتى، شې جيەن ئۆلۈۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي، چىن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى جاڭ خەن مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، خەنشۇي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يىن خارابىلىكىدە) ھازىرقى خېنەندىكى ئەنياڭدا200 مىڭ كىشىلىك چىن سۇلالىسى قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.

جۈيلۇ ئۇرۇشى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ 300 مىڭغا يېقىن ئادىمىنى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن چىن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرى بەلگىلەندى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#