گېلاۋ مىللىتى

گېلاۋ مىللىتى

لياۋلار خەن دەۋرىدىكى يېلاڭ بەگلىكىدىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «گېلاۋ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، گېلاۋلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھازىر گۇيجۇ ئۆلكىسىدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى گۇاڭشى ۋە يۈننەنگە تارقالغان. 

ئۇيغۇرچە نامى گېلاۋ مىللىتى
چەتئەلچە نامى Gelo ethnicity
خەنزۇچە نامى 仡老族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گېلاۋ مىللىتىگېلاۋلارنىڭ تاغلىق كەنتىدە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئانىنىڭ ئورنىدا ئاتىسى قىرقىنى ئۆتكۈزىدىغان ئادەت ساقلىنىپ كەلگەن. ئانا بولغىنىغا ئەمدىلا نەچچە كۈن بولغان ئانا ئېتىزغا بېرىپ ئىش قىلىدىكەن، بالىنىڭ ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئاتىسى كارىۋاتتا يېتىپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى باقىدىكەن ھەمدە ئالاھىدە غەمخورلۇق ۋە كۆيۈنۈشتىن بەھرىمەن قىلىدىكەن، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئاتا بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئوتتۇرىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئاتىلىق ھوقۇقنى بېكىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. 

گېلاۋ مىللىتى قەدىمكى دەۋردە ھازىرقى گۇيجۇ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق لياۋلارنىڭ پۇشتى. لياۋلار خەن دەۋرىدىكى يېلاڭ بەگلىكىدىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن «گېلاۋ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، گېلاۋلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھازىر گۇيجۇ ئۆلكىسىدە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى گۇاڭشى ۋە يۈننەنگە تارقالغان. 

گېلاۋ مىللىتىگېلاۋلار ئۇزاق مەزگىل خەنزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، تۇرمۇش ئادىتى ئۇلارنىڭكىگە بىرقەدەر ئوخشاپ كېتىدۇ. گېلاۋ ئاياللىرى ئەسلىدە كىيىدىغان چاپان، يوپكا، ئۇچلۇق ئاياغ، بۇنىڭدىن 80—90-يىل بۇرۇنلا كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ قالغان. گېلاۋلار كۆممىقوناق، گۈرۈچنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىدۇ، ئاق ئۇن، تېرىق، قوناق قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ، ئاچچىق-چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى، قاتۇرماچ زەنبانى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. توپا قۇرۇلمىلىق ئۆي، بامبۇك ئۆي ياكى تاش ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. بەزى جايلاردا قەدىمكى دەۋردىكى لياۋلاردىن قالغان ئادەتلەر تېخىچە ساقلىنىپ كەلگەن، قىزلار ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈستى تەرىپىدىكى بىر-ئىككى تال قوۋزۇق چىشى چېقىۋېتىلىدىكەن، بۇ ئادەت «چىش چاقىدىغان گېلاۋ» دەپ ئاتىلىدىكەن.

گېلاۋ مىللىتى گېلاۋ تىلىنى ئىشلىتىدۇ، خەنزۇ يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدۇ.

 ئەل ئارىسىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن «خۇالۇڭ ئېتىشىش» ، «شېشىق تۇخۇم ئېتىشىش» بار. خۇالۇڭ بامبۇك ياپراقچىدىن توقۇلغان كىچىك توپ بولۇپ، ئىچىگە چاقچۇق پارچىسى ۋە بىر-ئىككى دانە مىس پۇل سېلىنىپ، ئىككى گۇرۇپپا ئادەم ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن، شېشىق تۇخۇم خۇالۇڭدىن سەل چوڭراق بولىدۇ، ئىچىگە لىق شال پاخىلى قاچىلانغان، ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ، قول بىلەن ئېتىپ، پۇت بىلەن تېپىپ ئوينايدۇ، بەدەنگە تەگسە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#