ئېۋكلىد

ئېۋكلىد

ئېۋكلىد يازغان «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» ئىشلىتىلىۋاتقىلى 2000 يىلدىن ئاشتى. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ ياخشى دەرسلىك كىتاب. ئېۋكلىدنىڭ نيۇتونغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايىتى زور ھەم ئىنتايىن روشەن ئىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېۋكلىد
باشقا نامى Euclid
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 325-يىلى
كەسپى ماتېماتىك
خەنزۇچە ئىسمى 欧几里得
دۆلەت تەۋەلىكى قەدىمكى گرتسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 265-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېۋكلىدئېۋكلىد يازغان «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» ئىشلىتىلىۋاتقىلى 2000 يىلدىن ئاشتى. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ ياخشى دەرسلىك كىتاب. ئېۋكلىدنىڭ نيۇتونغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايىتى زور ھەم ئىنتايىن روشەن ئىدى.

بۇ ئىسىملىكتە، قەدىمكى گرتسىيە ماتېماتىكى ئېۋكلىدتەك مەڭگۈلۈك شۆھرەت قازانغانلار ناھايىتى ئاز. گەرچە ناپولېئون، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، مارتېن، ليۇتېردەك نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى شۆھرىتى ئېئوكلىدنىڭكىدىن تونۇشلۇق بولسىمۇ، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېئوكلېدنىڭ شۆھرىتى ئۇلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. 

گەرچە ئېۋكلىدنىڭ داڭقى دۇنياغا مەشھۇر بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىزدە يوق دېيەرلىك. بىز ئۇنىڭ تەخمىنەن مىلادىدىن 300 يىل بۇرۇن ئىسكەندەرىيە ۋە مىسىرلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىراق ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر يىل، ئاي، كۈنلىرى، قايسى يەردە، ھەتتا قايسى قىتئەدە تۇغۇلغانلىقىنى بىلمەيمىز. گەرچە ئۇ نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان، بۇنىڭ بىر قىسمى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىنى بېكىتىپ تۇرغىنى ئۇنىڭ گېئومېتىرىيىگە ئائىت كىتابى- «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» دۇر. 

«گېئومېترىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئېۋكلىد ئوتتۇرىغا قويغان گېئومېترىيە تېئورېمىلىرىدا ئەمەس، چۈنكى كىتابتىكى نۇرغۇن تېئورېمىلارنى كىشىلەر ئېۋكلېدتىن بۇرۇنلا بىلىپ بولغان، پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن دەلىللەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئېئوكلىدنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن ماتېرىياللارنى جەملىدى ۋە رەتلەپ چىقتى، ئۇ ئەجدادلارنىڭ خىزمەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ چىقتى ۋە بۇنىڭ ئاساسىدا يېڭى دەلىللەش ئۇسۇللىرىنى كەشىپ قىلىپ، «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتابنى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتاب ئالدى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئاكسيوما ۋە توغرا قىياسنى تاللاش، ئاندىن تېئورېمىلارنى رەتلەپ تىزىپ چىقىش، بىر تېئورېمانى مۇۋاپىق ھالدا يەنە بىر تېئورېما بىلەن ماسلاشتۇرۇش، زۆرۈر بولغاندا يوقالغان ھالقا ۋە ئىسپاتلارنى چىقىرىۋېلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتاب ئەمەلىيەتتە پلانمېترىيە ۋە ستېرېئومېترىيىنىڭ نېگىزى، بىراق، ئۇ يەنە بىر قىسىم ئالگېبرا ۋە سانلار نەزەرىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. 

«گېئومېترىيە ئاساسلىرى» ئىشلىتىلىۋاتقىلى 2000 يىلدىن ئاشتى. بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ياخشى دەرسلىك كىتاب. بۇ كىتاب گرېك يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، كېيىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرى تەخمىنەن مىلادى 1482-يىلى چىققان. بۇ مەتبەئە تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەنلىكىگە ئۈچ يىل بولغان ۋاقىت ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ كىتابنىڭ 2000 خىلدىن ئارتۇق نۇسخىسى نەشىردىن چىقتى. 

«گېئومېترىيە ئاساسلىرى» ئادەمنىڭ مېڭىسىنى توغرا تەپەككۈر ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا يېتەكلىشى، ئارېستوتىلنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرغا ئائىت ھەرقانداق بىر پارچە ماقالىسىنىڭ رولىدىن زور. ئۇ ئەقلىي خۇلاسە قىلىشنىڭ جانلىق مىسالى. ئۇ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۈرلەرنى جەلپ قىلىۋالدى.

ئېۋكلىدشۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئېۋكلىد يازغان «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى يېڭى پەننىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىلىم-پەن ھەرگىزمۇ بىر قىسىم كۆزىتىش خاتىرىلىرى ۋە ئادەتتىكى قائىدىلەرنى يىغىپ قويۇش ئەمەس، يېڭى پەننىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى بىر جەھەتتىن تەجرىبىلەرنى يىغىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە زور مىقداردا ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر جەھەتتىن توغرا ئانالىز قىلىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىشتىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

بىز يېڭى پەننىڭ ياۋروپادا كۆتۈرۈلۈشى نېمە ئۈچۈن جۇڭگودىن بۇرۇن بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىراق شۈبھىسىزكى، بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، نيۇتون، گالىلېي، كوپېرنىكتەك شەخسلەرنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىراق بۇ شەخسلەرنىڭ كەينىدە يوشۇرۇن ئامىللار بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ گرېتسىيە قالدۇرغان ئەقىل ئۇلى ئاستىدىكى ئىلىم-پەن ئاساسى، ئۇنىڭغا گرېتسىيىدىن قالغان ماتېماتىكا بىلىملىرى قوشۇلغانىدى. مانا بۇلار ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى.

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، جۇڭگو گەرچە پەن-تېخنىكا جەھەتتە، ئېۋكلىددىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى بولسىمۇ، ۋەھالەنكى، جۇڭگومۇ بۇرۇنقى ياۋروپانىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش، ماتېماتىكا بىلىملىرىنىڭ نەزەرىيىۋى قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىمىدى. جۇڭگودا ئېۋكلىددەك ماتېماتىك چىقمىدى. جۇڭگولۇقلار بىناكارلىققا ناھايىتى ماھىر، بىراق ئۇلارنىڭ بىلىمى پەقەت بىناكارلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گېئومېترىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرمىدى. 

ياۋروپالىقلارغا نىسبەتەن، بارلىق ھەرخىل فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش ھەيران قالارلىق ۋە ناتونۇش ئىش ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى، بۇرۇنلا ئېۋكلىددەك ئالىملارنىڭ بولغانلىقى، ئادەتتە، ياۋروپالىقلار ئېۋكلىد گېئومېترىيىسىنى يەككە بىر سىستېما دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئېئۇكلىد قانۇنى بىلەن قىياسنى ئەتراپتىكى دۇنيانى كۆزىتىشتىكى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ.

ئېۋكلىدنىڭ نيۇتونغا كۆرسەتكەن تەسىرى ناھايىتى زور ھەم ناھايىتى روشەن. نيۇتوننىڭ ئۆزى يازغان «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پرىنسىپلىرى» دېگەن كىتابىدىكى پىكىر يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى ئېۋكلىدنىڭ «گېئومېترىيە ئاساسلىرى» دېگەن كىتابى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#