لى نىڭ گۇاڭشى ليۇجۇلۇق. 1963-يىلى بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئەرلەر گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى نىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇاڭشى
بوي ئېگىزلىكى 1.64 مېتىر
تەنھەرىكەت تۈرى گىمناستىكا
خەنزۇچە ئىسمى 李宁
مىللىتى جۇاڭزۇ مىللىتى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1963-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
كەسپى تەنھەرىكەتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى نىڭ گۇاڭشى ليۇجۇلۇق. 1963-يىلى بىر مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ موللاق ئېتىشقا، بېشىچىلاپ تىكلىنىشكە، تەنتەربىيەگە بەكلا ئامراق ئىدى. سەككىز ياش ۋاقتىدا لى نىڭ گۇاڭشى گىمناستىكا كوماندىسىغا تاللىنىپ تەربىيەلىنىدۇ. ترېنېرنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئارقىسىدا تىرىشىپ جاپالىق مەشىق قىلىپ، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلەيدۇ. ئون يېشىدا مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر گىمناستىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەركىن گىمناستىكىدا چېمپىيون ۋە قوش تورنىكتا تۆتىنچى بولىدۇ. 1977-يىلى مەملىكەتلىك گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە ئەركىن گىمناستىكىدا ئىككىنچى بولىدۇ. 1980-يىلى مەملىكەتلىك گىمناستىكا رايونلار مۇسابىقىسىدە (چېڭدۇ) ھالقىلىق ئاتتا چېمپىيون، مەملىكەتلىك گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي ماھارەتتە ئۈچىنچى بولىدۇ. لى نىڭ كۆرسەتكەن قالتىس ماھارىتى بىلەن يىل ئاخىرىدا مەملىكەتلىك گىمناستىكا كوماندىسىغا تاللىنىدۇ. بۇ يەردە ئۇ تەدرىجىي ھالدا تېخنىكىسى ئەتراپلىق، بەدەن سۈپىتى ياخشى، كۈچلۈك، ھەرىكىتى يەڭگىل، تەبىئىي، تۇراقلىق، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان تەنھەرىكەتچى بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ.

1982-يىلى «دۇنيا لوڭقىسى» گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە لى نىڭ بىر ئۆزى يالاڭ تورنىك، ئەركىن گىمناستىكا، ياغاچ ئاتتىن سەكرەش، ھالقىلىق ئات، ئاسما ھالقا ۋە ئومۇمىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئالتە تۈردە چېمپىيون بولۇپ، «دۇنيا لوڭقىسى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئەرلەر گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان ھەمدە «گىمناستىكا شاھزادىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن. 1984-يىلى لوس-ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا لى نىڭ يەنە ئالتە مېدال ئېلىپ (ئۈچ ئالتۇن، ئىككى كۈمۈش، بىر مىس مېدال)، ئېلىمىزنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئەڭ كۆپ مېدالغا ئېرىشكەن تەنھەرىكەتچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ ئىجاد قىلغان «ئاسما ھالقىغا ئوڭ ئېسىلىپ، دۈمبىچىلەپ ساڭگىلاپ ئالدىغا ئۇچۇپ چىقىپ، ئۇلاپلا تىك بۇلۇڭ ھالىتىدە تايىنىپ تۇرۇش» ۋە «جۈپ تورنىكتا چوڭ ئايلىنىپ بەدەننى 180 گرادۇس بۇراپ، قول بىلەن تىك تۇرۇش» ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#