چېن جياگېڭ

چېن جياگېڭ

چېن جياگېڭ (1874-1961-يىللار) ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات. 

ئۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىمېي بازىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپتە تەلىم ئېلىپ، 17 يېشىدا دادىسى بىلەن سىنگاپورغا بېرىپ تىجارەت قىلغان، 30 يېشىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن جياگېڭ
باشقا نامى Tan Kah Kee
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1874-يىلى
كەسپى كارخانىچى، مائارىپچى، جامائەت ئەربابى
خەنزۇچە ئىسمى 陈嘉庚
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىمېي بازىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1961-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن جياگېڭچېن جياگېڭ (1874-1961-يىللار) ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات. 

ئۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىمېي بازىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپتە تەلىم ئېلىپ، 17 يېشىدا دادىسى بىلەن سىنگاپورغا بېرىپ تىجارەت قىلغان، 30 يېشىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن. سودىغا ماھىر بولغاچقا بارا-بارا كاتتا بايغا ئايلانغان. بىراق، ئۇ كرىزىسقا پېتىپ قالغان ۋەتىنىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

چېن جياگېڭ ۋە ماۋزېدوڭ 1910-يىلى ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ، سۈن جۇڭشەن نىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، يۇرتىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ دارىلمۇئەللىمىن ۋە سودا، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز ئىشلىرى، دېھقانچىلىق قاتارلىق مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئاچقان. سىنگاپوردا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى دارىلمۇئەللىمىنى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بەرگەن. 1918-يىلى، ئۇ يەنە شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان. كېيىن، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، كارخانىسى تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ چىشىنى چىڭ چىشلەپ جىمېي مەكتىپى بىلەن شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەربىيىلەش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا شەرت بىلەن كارخانىسىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ھەر ساھەدىكى زاتلار ئۇنى: «كارخانىسىنى ۋەيران قىلىپ، مائارىپنى گۈللەندۈرگەن كارخانىچى» دەپ تەرىپلىگەن. 

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، چېن جياگېڭ جەنۇبىي ئوكيان جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتەن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ توپلىغان. ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى ياپونىيىگە تەسلىم بولۇشنى مەخپىي پىلانلىغاندا، ئۇ سىياسىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن» دۈشمەن چېكىنمەي تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلغانلىق بولىدۇ «دېگەن تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلارغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن. زۇ تاۋفېن بۇنى «قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئۇلۇغۋار تەكلىپ لايىھەسى» دەپ تەرىپلىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ «مۇھاجىرلار گېزىتى» نى چىقىرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان ھەمدە جەنۇبىي ئوكياندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمېنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ جياڭ جيېشىغا ياردەم بېرىپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇرغان. 

چېن جياگېڭجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چېن جياگېڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 

ئۇ گەرچە كاتتا باي بولسىمۇ، ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1961-يىلى كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىرىگە ئېيىغا 25 يۈەن ئىشلىتىشنى، مائاشى بارلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى مۇناسىپ ئازايتىشنى، جۇڭگودىكى بانكىلارغا ئامانەت قويغان 3 مىليون يۈەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تەقدىم قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولغان. ماۋ زېدۇڭ ئۇنى: «جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ بايراقدارى»، «مىللەتنىڭ نۇرى» دەپ مەدھىيىلىگەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#