ئۇزبەر

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۇزبەر بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى «ئۇزبەر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇزبەر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 荆芥

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئۇزبەر بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى «ئۇزبەر» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسلىق تەركىبى ئۇچۇچان مايدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆسۈملۈكىدە %2.05~0.43، باشىقىدا %4.11~0.51، يوپۇرمىقىدا %2 گىچە ئۇچۇچان ماي بار، يىلتىزى ۋە ئۇرۇقىدا ئۇچۇچان ماي يوق.

قىزىتما قايتۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يۈرەك رىتىمىنى تىزلىتىش، زىققىنى پەسەيتىش، بالىياتقۇ مۇسكۇلىنى قورۇش، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قەنت سىيىش كېسىلىنى داۋالاش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق رولى بار. 

بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ئاغرىق پەسەيتىش، تارتىشىپ قېلىشنى قايتۇرۇش، قان توختىتىش.

سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىش، بۇرۇن قاناش، تۇغۇتتىن كىيىنكى تارتىشىپ قېلىش، يېرىم باش ئاغرىقى، يەلتاشما (ئېشەكيېمى) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. ئۇزبەر، كەۋرەك، زۇپا 12 گىرامدىن، خام زەنجىۋىلدىن تۆت گىرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يېرىم باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. ئۇزبەردىن 70 گىرام ئېلىپ تالقان قىلىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گىرامدىن كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى ياكى قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە بۇرۇن قاناش، تۇغۇتتىن كېيىنكى پۇت - قول تارتىشىپ كىرىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. ئۇزبەر ۋە خام گەجلەرنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

4. ئۇزبەردىن 35 گىرام ئېلىپ قازاندا قورۇپ، لاتا خالتىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ئاغرىق ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە يەلتاشمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6~12 گىرام.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە باش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

گۈل بىنەپشە.

چۈچۈكبۇيا يىلتىزى.

غۇلجا، كۈنەس، ماناس، شىخەنزە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#