ئاپېلسىن ۋە ماندارىن

ئاپېلسىن ۋە ماندارىن

ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلار دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرى ۋە يازنىڭ باشلىرىدا ئاق چېچەكلەيدۇ. مېۋىسى ياپىلاق ھەم يۇمىلاق شەكىلدە، قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، چۈچۈمەل ۋە تاتلىقلىقى ھەرقايسىسىنىڭ ئوخشاشمايدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاپېلسىن بىلەن ماندارىنلار سىرتقى تۈزۈلۈشى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. ئادەتتە مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىردىن چوڭ، مېۋە شۆپۈكى قىزغۇچ سېرىق ھەم يىرىك ۋە قېلىن، چوققىسىدا تۇمشۇقى بارلىرى «ماندارىن» دېيىلىدۇ؛ مېۋىسىنىڭ دىئامېتىرى 5 سانتىمېتىردىن كىچىك، مېۋە شۆپۈكى يۇمشاق، نېپىز ھەم ئوچۇق قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق، چوققىسىدا تۇمشۇقى يوقلىرى «ئاپېلسىن» دېيىلىدۇ.

ئاپېلسىن ۋە ماندارىن تۈرىدىكى مېۋىلەر (ئاپېلسىن، لىمون، ماندارىن قاتارلىقلار) ئېلىمىز خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەر بولۇپ، سۇزاپ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن يەر شارىدا 27 تۈر، پەقەت ئېلىمىزدىلا 21 تۈرى بار. ئەڭ چوڭى قاپاق ئاپېلسىن بولۇپ، دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ كىچىكى تاغ ئاپېلسىنى بولۇپ، دىئامېتىرى 1 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرىدىن قۇملۇق قاپاق ئاپېلسىنى، گۇاڭدۇڭنىڭ پېڭ گەن ماندارىنى، ۋېنجۇنىڭ مىجۈ ئاپېلسىنى، خۇاڭيەننىڭ چىلگە ئاپېلسىنى، نەنفېڭنىڭ مىجۈ ئاپېلسىنى، فوجيەننىڭ خۇڭجۈ ئاپېلسىنى، شىن خۇينىڭ تيەن چىن ئاپېلسىنى، لىمۇن، شياڭيۇەن، بەرغۇمۇت، دەي دەي، سېسىق ئاپېلسىن قاتارلىقلار بار. 

ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ساخاروزا، گلۇكوزا، فرۇكتوزا، لىمانات كىسلاتا ۋە ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قەنتلەر بىلەن كىسلاتالارنىڭ نىسبىتى 8 :1 بولغاچقا، ئالاھىدە بىر خىل تەمگە ئىگە. ئاپېلسىن بىلەن ماندارىنلارنىڭ تەركىبىدە يەنە 15 خىل ۋىتامىن ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي، كالىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بولىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىدە ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ مېۋە شۆپۈكى، مېۋە يىپچىلىرى، ئۇرۇقى ۋە مېۋە ئېتى قاتارلىقلارنى خېلى بۇرۇنلا دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق ۋە چۈچۈمەل بولۇپ، خىلىتلارنى ھاسىل قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىپ كەيپىياتنى ياخشىلاش، ئۆپكىنى نەمدەپ يۆتەل توختىتىش، مەستلىكنى يېشىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

ئاپېلسىن ۋە ماندارىنلارنى ھۆل پېتى يېگەندىن سىرت، يەنە ئۇلارنى پىششىقلاپ مېۋە مۇرابباسى، مېۋە ھارىقى، مېۋە شەربىتى ۋە مېۋە كونسېرۋاسى ياساشقا بولىدۇ. مېۋە پوستىنى تۇزلاپ ئىشلىتىشكە، بالقاق ياساشقا، مۇئەتتەر(خۇش پۇراق جەۋھىرى) ئېلىشقا، پېكتىن(مېۋە يېلىمى) ياساشقا بولىدۇ. ئۇرۇقىدا %32 ئەتراپىدا ماي بولۇپ، ماي ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#