دەنشياشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

دەنشياشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رېنخۇا، چۈجياڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە، دەنشياشەن تېغى، شاۋشىشەن تېغى، داشىشەن تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەنشياشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى رېنخۇا، چۈجياڭ ناھىيىلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە، دەنشياشەن تېغى، شاۋشىشەن تېغى، داشىشەن تېغىدىن ئىبارەت ئۈچ مەنزىرىلىك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن  180 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرىلىك رايوندىكى قىزىل قۇم شېغىل قاتلىمى ئۆزگىچە يەر تۈزۈلۈشىنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، ئۇ يەردە سانجاق-سانجاق ئاجايىپ چوققىلار، قىزىل رەڭلىك تىك قىيالىقلار كۆپ. گېئولوگىيىدىكى «دەنشيا يەر تۈزۈلۈشى» دېگەن سۆز دەل مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. 

دەنشياشەن تېغىدا ئوتتۇرا سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلىرى كۆپ، قىزىل قىيالاردا دەرەخلەر ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى ئاجايىپ گۈزەل. مەنزىرىلىك رايوندا جىنجياڭ دەرياسى سۈيى چوققىلار ئارىسىدىن تولغىنىپ ئۆتىدۇ، قىيا ئۆڭكۈرلىرى، قەدىمكى غار، بۇلاق ۋە شارقىراتمىلار ھەممىلا جايدا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

 ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكىدەك داڭلىق بۇتخانىلار، چىرايلىق تاشلاردىن ياسالغان (راھىبەخانا) ھەمدە جىنگۇييەن، ۋۇشيەنيەن، يەنيەن قاتارلىق قىيالاردا ئىبادەتخانا ۋە يادىكارلىقلارنىڭ خارابىسى، شۇنىڭدەك پادىشاھ شۈندى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى ئىزنالار ۋە نۇرغۇن قىيا تاش ئويمىسى قاتارلىق گۇمانىتار كۆرۈنۈشلەر بار. مەنزىرە رايونىنىڭ سىرتىدا جىنجىلىڭ تېغى، جيۇلۇڭ شىباتەن ساھىلى، نەنفۇ ئىبادەتخانىسى، گۇفو بۇتخانىسى، مابالار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي تارىخىي يادىكارلىقلار بار.






ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#