كەپتەر گۆشى

كەپتەر گۆشى

بۇ پاختەك، كەپتەر ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ياۋا كەپتەر، ئۆي كەپتىرى ۋە قىيالىق كەپتەرلىرىنىڭ گۆشى ياكى پۈتۈن تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ خىل كەپتەرنىڭ گۆشى، يېغى، تۇخۇمى، تاشلىقى ۋە مايىقى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

دورا نامى كەپتەر گۆشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鸽子肉

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ پاختەك، كەپتەر ئائىلىسىدىكى ھايۋانات ياۋا كەپتەر، ئۆي كەپتىرى ۋە قىيالىق كەپتەرلىرىنىڭ گۆشى ياكى پۈتۈن تېنىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ ئۈچ خىل كەپتەرنىڭ گۆشى، يېغى، تۇخۇمى، تاشلىقى ۋە مايىقى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

كەپتەر گۆشى تەركىبىدە %75 سۇ، %22 ئاقسىل، يەنە ماي ماددىلىرى بار.

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

«تەبىئەت» نى، باھنى، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تۇسالغۇلارنى ئېچىش، ئىششىق ياندۇرۇش، پەي - مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، يارىلارنى ئېغىز ئالدۇرۇش.

ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، ئەزالار تىترەش، كونا باش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى، پۇت - قول ئاغرىقى، بۆرەك ۋە دوۋساق تاش كېسەللىكى، چاقا، غەلۋىرەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. كەپتەر گۆشى، كەكلىك گۆشى، پاقلان گۆشى، قۇشقاچ گۆشى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 30 گىرامدىن ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇ بىلەن قائىدە بويىچە مائۇل لەھمى تەييارلاپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق، پالەچ، لەقۋا قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. كەپتەرنىڭ باچكىسىنى پىشۇرۇپ ياكى كاۋاپ قىلىپ يەپ بەرسە، ھاشارات ۋە يىلان چاققاندىكى زەھەرنى قايتۇرىدۇ.

3. باچكىنىڭ گۆشىنى كۈنجۈت يېغىدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە ياكى ياۋا كەپتەرنىڭ مايىقىنى سارغايتىپ قورۇپ، سوقۇپ تۇرۇپ سۈيى بىلەن ئىچسە، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىدۇ.

4. كەپتەر مايىقىنى قىچا بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، كونا باش ئاغرىقى، بىقىن ئاغرىقى ۋە بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. كەپتەر مايىقىنى ئارپا سۈيىدە خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، قاتتىق ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ.

6. كەپتەر مايىقىدىن 15 گىرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ كۆيگەن جايغا چاپسا، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

7. كەپتەرنىڭ بېشىنى تۈكلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۆزگە تارتسا، كۆزدىكى پەردە، قاراڭغۇلۇق، شەپكورلۇقنى يوقىتىدۇ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ.

مۇۋاپىق مىقداردا.

ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ، باشنى ئاغرىتىدۇ.

يۇمغاقسۈت، سىركە، غورا سۈيى.

پاختەك گۆشى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.

مائۇل لەھمى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#