كرېمل سارىيى

كىرىمىل سارىيى

كرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كرېمل سارىيى
ئىنگىلىزچە نامى Moscow Kremlin
جۇغراپىيىلىك ئورنى رۇسىيە مۇسكۇۋا
خەنزۇچە نامى 克里姆林宫
رۇسچە نامى Московский Кремль
سېلىنغان ۋاقتى 1256-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كرېمل سارىيىكرېمل سارىيى تارىختىن بۇيان رۇسىيىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ موسكۋا شەھەر مەركىزىگە، موسكۋا دەرياسىنىڭ سول تەرىپىگە جايلاشقان. ساراي تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2235 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 19 مېتىرغىچە، قېلىنلىقى 3 يېرىم مېتىردىن 6 يېرىم مېتىرغىچە، ساراي كۆلىمى 280 مىڭ كۋادىرات كىلومېتى كېلىدۇ. سارايغا تۆت دەرۋازا ۋە 19 دانە قوڭغۇراق مۇنارى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى 12-ئەسىردىكى موسكۋا كېنەزى دورگېلىك ياغاچتىن سېپىل ياسىتىپ سالغان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە كىرىمىل سارىيىنىڭ ئەۋزەل سەنئەت ئاساسى 1485-يىلىدىن 1495-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىتالىيىلىك بىناكارلىق ئۇستىلىىرى سالغان چېركاۋنى چۆرىدەپ بارلىققا كەلگەن. روسىيە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كىرىمىل سارىيى پادىشاھلارنىڭ تۇرىدىغان ئورنى بولۇپ كەلگەنلىكتىن كىرىملىن سارىيى يەنە روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. 

   كرېمل سارىيى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭ بىر ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ھەر بىرىدە يەتتە دانە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان توپ مۇنارى بار. كرېمل سارىيىنىڭ شىمالى بۇرجىكى روسىيىنىڭ قەدىمكى قورال ياراغ ئىسكىلاتى بولۇپ بۇ يەردە 1812-يىلى روسىيە ناپالىيوندىن ئولجا ئالغان بىر قانچە يۈز زەمبىرەك قويۇلغان. ساراينىڭ غەربى تەرىپى مۇزىي بولۇپ روسىيىنىڭ ئىۋاننىڭ تاجى ۋە تەختى، ئايال پادىشاھ يېكاتېرنانىڭ توي كۆينىكى، 17-ئەسىردىكى رۇس تىلىغا تۇنجى تەرجىمە قىلىنغان، مۇقاۋىسىغا 3017 دانە ياقۇت ئىشلىتىلگەن ئىنجىل قاتارلىق قىممەتلىك تارىخى مىراسلىرى ساقلانغان. سىرتىدا بولسا داڭلىق ئالىكساندېر گۈللۈكى ۋە ياشلارنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئورنىغا ئايلىنىپ كەتكەن نامسىز قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى بار. ساراينىڭ شەرقى تەرىپىدە كرېمل سارىيىنىڭ 

سىمۋولى بولغان سىپاسكايا سائەت مۇنارى بولۇپ، مۇنارنىڭ تۆت تەرىپىدىكى  ئالتۇن تىللىق قارا سائەت دۇنيادىكى ئاز سانلىق رەسەتخانا بىلەن ماس قەدەمدە ھەركەتلىنىدىغان توغرىلىق قىممىتى يۇقىرى سائەتلەرنىڭ بىرى.كرېمل سارىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالتۇن مۇنارلىق ئۈچ چوڭ چېركاۋ بار بولۇپ، 76 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئىۋان قوڭغۇراق راۋىقى كرېمل سارىيى بويىچە ئەڭ ئىگىز بىنا ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردە يەنە 1586-يىلى ياسالغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەمبىرەك بار بولۇپ ئېغىرلىقى قىرىق توننا كېلىدىغان، ئوق ئېغىزىغا 2-3 ئادەم ئۆمىلەپ كىرگىلى بولىدىغان بۇ زەمبىرەكنىڭ توپ چاقى ئېگىزلىكى 2مېتىر كېلىدۇ. كرېمل سارىيىنىڭ ئالدىدا قىزىل مەيدان دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى چوڭ مەيدان بولۇپ رۇسىيىنىڭ چوڭ پائالىيەت ۋە پاراتلىرى ئاساسەن مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزىلىدۇ. رۇسىيىنىڭ تارىختىن بېرىقى ئىمپىراتۇرلىرىنىڭ شۇنداقلا لېنىننىڭ قەبرىسى قىزىل مەيدانغا جايلاشقان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بەيدۇ قامۇسى:克里姆林宫 

http://baike.baidu.com/view/27732.htm

0.

بەشتاش تورى:كىرىمىل سارىيى 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18279.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    25%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#