مەجۇنى مىشكى ھار
مەجۇنى مىشكى ھار يۈرەكنى كۈچەيتىپ،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلگە خوشلۇق يەتكۈزۈش،قاننى جانلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ جىگەررەڭلىك مەجۇن بولۇپ،تەمى ئازراق تاتلىق.
نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى | نامى | مىقدارى |
---|---|---|---|---|---|
ئىپار | 4 گرام | ئودخام | 9.4 گرام | سۇمبۇل | 9.4 گرام |
بەسباسە | 9.4 گرام | بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى | 9.4گرام | زەنجىۋىل | 9.4 گرام |
پەرەنجىمىشكى | 9.4 گرام | قىرقىلغان پىلە | 9.4 گرام | رەيھان ئۇرۇقى | 9.4 گرام |
دۇرنەج ئەقرەبى | 9.4 گرام | سازەج | 9.4 گرام | بوزوغا | 9.4 گرام |
بىخ مارجان | 9.4 گرام | جويۇز | 9.4 گرام | مەستىكى | 9.4 گرام |
گاۋزىبان | 40.2 گرام | دارچىن | 9.4 گرام | ھېلىلە پوستى | 20.1 گرام |
كاۋاۋىچىن | 9.4 گرام | كەھرىۋا | 6.7 گرام | قاقىلە | 9.4 گرام |
پىلپىل | 6.7گ رام | سەئىدى كوفى | 9.4 گرام | زەپەر | 4 گرام |
يۇقۇرىدىكى 24 خىل دورىدىن، ئىپار، زەپەرلەر ئايرىم-ئايرىم يۇمشاق سوقۇلۇپ تەييارلىنىدۇ؛ پىلە غوزىكى 1 سائەتتىن 2 قېتىم قاينىتىلىدۇ، دورا سۈيى بىرلەشتۈرۈلۈپ سۈزۈلىدۇ، سۈزۈلمىنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇيۇلدۇرۇپ قىيام تەييارلىنىدۇ؛ باشقا 21خىل دورىنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ يۇقۇرىدىكى تالقان، قىيام بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، 1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
يۈرەك چالاڭغۇراش، يۈرەك ئاجىزلىق، نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 30گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا دىئاتومىد قوشۇپ، ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 40ml ئېتانول قوشۇپ،ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 30 مىنۇت تۇرغۇزۇپ،سۈزۈپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml ئېتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. سىننالدېھىد سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا µl1 دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمە تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، سىناق قىلىنغۇچى ئېرىتمىدىنµl20، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl2 شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (17∶3) نېفىت ئېتىرى -ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، دىنىترو بېنزولگىدرازىنو ئېتانول ئېرىتمىسى پۈركۈيمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.