مەجۇنى مۇبەھھى ئەلا
مەجۇنى مۇبەھھى ئەلا بۆرەكنى كۈچەيتىپ، باھنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ قىزغۇچ قوڭۇررەڭلىك مەجۇن بولۇپ، تەمى ئاچچىق.
مىقدرى | نامى | مىقدرى | نامى | مىقدرى | نامى |
---|---|---|---|---|---|
ھىڭ | 8 گرام | جويۇز | 4 گرام | جەدۋار | 8 گرام |
خولىنجان | 4 گرام | كۇچىلا | 8 گرام | قارىمۇچ | 4 گرام |
پىلپىل | 4 گرام | شاقاقۇل | 4 گرام | كاۋاۋىچىن | 4 گرام |
زەپەر | 2 گرام | زەنجىۋىل | 4 گرام | ياڭاق مېغىزى | 400 گرام |
دارچىن | 4 گرام | ئۇرۇقسىز ئۈزۈم | 200 گرام | ئاقىر قەرھا | 4 گرام |
تۇخۇم سېرىقى | 80 گرام | قەلەمپۇر | 4 گرام |
يۇقۇرىدىكى 17 خىل دورىدىن،ياڭاق مېغىزى،ئۇرۇقسىز ئۈزۈم،تۇخۇم سېرىقى، زەپەر قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ؛باشقا دورىلارنى سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ يۇقۇرىدىكى تالقان ۋە چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ، 1000 گرام مەجۇن تەييارلىنىدۇ.
ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق، مەنى بالدۇر كېتىش(سۈرئىتى ئىنزال) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا مەجۇن ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دورا ئۆلچىمى ئۇيغۇر تىبابەت دورا قىسمى،قوشۇمچە I) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
دورىدىن 40 گرام ئېلىپ،مۇۋاپىق مىقداردا دىئاتومىد قوشۇپ،ئېزىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،50ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، سۈزۈپ،سۈزۈلمىنى سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز. ئېۋگېنول سېلىشتۇرما دورىسىدىن ئېلىپ،ھەر 1ml دورىداµl16 دىن دورا سۇيۇقلۇقى تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،سېلىشتۇرما دورا ئېرىتمىسىدىن µl10،سېلىشتۇرۇلىدىغان دورا ئېرىتمىسىدىنµl5شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل گرام لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ، (9∶1) نېفىت ئېتىرى-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ،%5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ،℃105 لۇق ھارارەتتە داغ توچكىلىرى ئېنىق كۆرۈنگىچە قىزدۇرىمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا، سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.