يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىگە قويۇلىدىغان چەك ئادەتتىكى تاشيوللاردىكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئادەتتىكى تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 40 ~60 كىلومېتىر بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 110 كىلومېتىرغا يېتىشى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تېجىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول
خەنزۇچە نامى 高速公路

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولماشىنىلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پۇختا، چىداملىق، تەكشى، تېيىلىشتىن ساقلىنىدىغان قىلىپ ياسالغاندىن سىرت، يەنە قوش يوللۇق، كەڭ، تولۇق ھىملاشقان شەكىلدە بولىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تۆتتىن سەككىزگىچە ماشىنا يولى بولىدۇ. بۇ يوللارنىڭ يېرىمىدا ماشىنىلار ئۇياققا ماڭسا، يېرىمىدا بۇياققا ماڭىدۇ، ئارىلىقىدا 4 ~6 مېتىر كەڭلىكتە «مەركىزىي ئايرىش بەلۋېغى» قالدۇرۇلۇپ كۆچەت تىكىلىدۇ ياكى بالداق ئورنىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر تەرەپتىن، ھەر خىل يوللار ئايرىۋېتىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، كېچىدە قارشى تەرەپتىن كەلگەن ماشىنا چىرىغى شوپۇرنىڭ كۆزىنى چېقىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا «جىددىي ماشىنا توختىتىش ئورنى» تەسىس قىلىنىدۇ، چاتاق چىققان ماشىنىلار بۇ يەردە ۋاقىتلىق توختايدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مەخسۇس كىرىش-چىقىش ئېغىزى بولىدۇ، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى، كونا ۋە سۈرئىتى ئاستا قاتناش قوراللىرى ھەم ھايۋانلارنىڭ يولغا كىرىشىگە بولمايدۇ. تاشيولنىڭ سىرتقى ئىككى يېنىدا مېتال توسۇق ئورنىتىلىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ھىملىنىدۇ. باشقا يوللار بىلەن كېسىشكەن يەرلەردە «ئۆتۈشمە كۆۋرۈك» ياسىلىدۇ، بارلىق ماشىنىلار مۇشۇ يەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن چىقىدۇ. مۇنداق ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەردىن ھەر 50 كىلومېتىردا بىرى بولىدۇ. تاشيول ئىچىدە ھەق ئېلىش پونكىتى، ماي قاچىلاش پونكىتى، رېمونت پونكىتى، دەم ئېلىش ئىشخانىسى، ماگىزىن، ئاشخانا، سۇ ئۈزۈش مەيدانى ۋە مېھمانخانىلار بولىدۇ. يەنە قاتناشنى تەكشۈرۈش رولىنى ئوينايدىغان «ئېلېكترونلۇق تەكشۈرۈش مەركىزى» بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور ۋە سىملىق-سىمسىز ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇئەييەن ئارىلىقلاردا ئاسما كۆۋرۈك ۋە يەر ئاستى يوللىرى بولىدۇ، بۇلار پىيادە، ۋېلىسىپىتلىك كىشىلەر ئۆتىدىغان «يول» دۇر. 

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوليۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سۈرئىتىگە قويۇلىدىغان چەك ئادەتتىكى تاشيوللاردىكىنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئادەتتىكى تاشيولدا ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 40 ~60 كىلومېتىر بولسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 110 كىلومېتىرغا يېتىشى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تېجىلىدۇ. 

مۇنداق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىلار ناھايىتى يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭالايدۇ، شۇنداقتىمۇ بىخەتەرلىككە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىغاچقا، ئىنژېنېرلار ئۇنىڭغا ئېلېكترونلۇق «كۆز-قۇلاق» ئورناتقان. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىش تاختىلىرى ۋە يول يۈزى بەلگىلىرى بولۇپ، ئۇلار «قوماندانلىق كالتىكى» سۈپىتىدە ماشىنىلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنە ئايروپىلان، تېلېكامېرا، سەييارە تەكشۈرۈش ماشىنىلىرى «كۆز-قۇلاق» سۈپىتىدە تەكشۈرگەن ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىكى ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدۇ، كومپيۇتېر تەھلىل قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، بەلگىلەنگەن تەدبىرلەرنى «ئېغىز» − ئۆزگەرمە بەلگىگە يوللاپ كۆرسىتىدۇ ياكى رادىئو ئارقىلىق، شوپۇرلارغا «ئالدىدا ئاۋارىيە بار، ئايلىنىپ يۈرۈڭ» ، «بوران-چاپقۇن يېقىنلاشتى، سۈرئەتنى ئاستىلىتىڭ» ، «ئالدىدا قاتناش تىقىلمىسى بار، كىرىش ئېغىزى ۋاقىتلىق تاقالدى» دېگەندەك مۇناسىپ تەدبىرلەر ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. 

بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ توشۇش مىقدارى بەش تۆمۈريولنىڭ توشۇش مىقدارىغا باراۋەر كېلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يەنە ماشىنىلارنىڭ توشۇش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇ زامانىۋىلاشقان يولدۇر.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#