دۆڭمازار بازىرى

دۆڭمازار بازىرى

دۆڭمازار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى غۇلجا ناھىيەسى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ مەركەزىگە، غۇلجا شەھىرى گە 46 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دۆڭمازار بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 27.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 墩麻扎镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
نوپۇسى 15 مىڭ ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى dūn má zhā zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۆڭمازار بازىرىدۆڭمازار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى دىكى غۇلجا ناھىيەسى ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ مەركەزىگە، غۇلجا شەھىرى گە 46 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 27.5 كۋادرات كىلومېتىر، 2009-يىلى، بازاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يەتكەن، ئىلى ئوبلاستى غا بىۋاسىتە قاراشلىق 2-چوڭ بازار، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق كىچىك شەھەر-بازارلارنى قۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دۆلەت يولى 218-، 315-ئۆلكە يولى، 220-ئۆلكە يولى كېسىشكەن جايدا، غۇلجا دۆڭ يۇقىرى سۈرئەت تاش يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈر يولى ئەڭ چوڭ تۆمۈر يول پونكىتى بۇلۇكەينىڭ بازار مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر، ئۇ شەرقتە كۈنەس، جەنۇپتا توققۇز تارا، تېكەس، موڭغۇلكۈرە، ئارقا تەرىپىدە نىلقا بىلەن تۇتاشقان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى.

دۆڭمازار بازىرىدۆڭمازار بازىرى 1984-يىلى قۇرۇلغان. ئىلى ئوبلاستى بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى ئىشتاتلىق بازارلارنىڭ بىرى.

2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن بازاردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسى 15 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 10966 ئادەم، غەيرىي يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 3608 ئادەم، بازارغا قاراشلىق بولمىغان دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 425 ئادەم، كۆچمە ئاھالىلەر ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 ~ 200 ئادەم، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، توگو، سىببې، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق توققۇز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 7875 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪52.5 نى، خەنزۇ لار 3405 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %22.7 نى، باشقا مىللەتلەر %24.8 نى ئىگەللىگەن.

دۆڭمازار بازىرى شىمالىي قىسمى تاغ، شەرقىي قىسمى سۇغا تايانغان، غەربىي جەنۇبى كەڭ تىنما تۈزلەڭلىك، ياشلار ئۆستىڭى پۈتۈن تەۋەلىكىنى كېسىپ ئۆتكەن. پۈتۈن بازاردىكى ئەلا سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر 26 مىڭ موغا يەتكەن، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، قوناق، قىزىلچا قاتارلىقلار بار.

دۆڭمازار بازىرى2005-يىلى بازار بويىچە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 160 مىليون يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 105 مىليون يۈەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتى 0.55 مىليون يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2907 يۈەن بولغان.

پۈتۈن بازاردىكى ھەرخىل كەسىپتىكىلەر ئىچىدە 1-كەسىپ %83.64، 2-كەسىپ %80، 3-كەسىپ %13.39 نى ئىگىلىگەن.

شەھەر-بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى 4700 يۈەن، شەھەر-بازارلاردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىقتىسادىي كىرىم 3810 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىل ئاخىرىدىكى ئامانەت پۇل قالدۇقى 1044.5 يۈەن بولغان.

قاتناش رايونى ئورن ئەۋزەللىكى بولسا دۆڭمازار بازىرىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. ئۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، غۇلجا شەھىرىگە، غۇلجا ناھىيەسىگە موڭغۇلكۈرە، تېكەس، توققۇز تارا، كۈنەس، نىلقا قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ مۇھىم تاشيول ئۆتۈشمىسى.

دۆڭمازار بازىرىئىلى يولۇچى توشۇش ترانسپورت شىركىتىنىڭ دۆڭمازار بازار بېكىتىدە ھەر خىل 400 دانە ئۇزۇن-قىسقا مۇساپىلىك ئاپتوموبىل بار.

بۇنىڭ ئىچىدە، غۇلجا شەھىرىگە، غۇلجا ناھىيەسىگە ماڭىدىغان لىنىيەلىك ئاپتوموبىل ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىم قاتنايدۇ، كۈنەس، نىلقا ناھىيەلىرىگە قاتنايدىغان لىنىيە ئاپتوموبىلى ھەر 30 مىنۇتتىن بىر قېتىم ماڭىدۇ، ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان لىنىيە ئاپتوموبىلى ھەر كۈنى تۆت قېتىم ماڭىدۇ، قاتناش ئىنتايىن قۇلايلىق.

يېڭىدىن جىڭ-غۇلجا-قورغاس تۆمۈر يولى بازارنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوندىن ئۆتىدۇ، پويىز پونكىتلىرى بازىرى رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا 15 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، يىللىق مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 3 مىليۇن توننىدىن ئاشقان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#