قانۇن ياردىمى نىزامى

قانۇن ياردىمى نىزامى

«قانۇن ياردىمى نىزامى» 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى قانۇن ياردىمى نىزامى
تولۇق نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن ياردىمى نىزامى
قوللىنىلغان ۋاقتى 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 法律援助条例
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«قانۇن ياردىمى نىزامى» ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالارنىڭ زۆرۈر قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى (385-نومۇرلۇق)

«قانۇن ياردىمى نىزامى» 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2003-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالارنىڭ زۆرۈر قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان پۇقرالار مۇشۇ نىزام بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش قاتارلىق ھەقسىز قانۇن مۇلازىمىتىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

3-ماددا قانۇن ياردىمى بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى مالىيە جەھەتتىنقوللىشى، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە ماس تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى جايىغا ئىشلىتىش، مالىيە ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ كېرەك.

4-ماددا گوۋۇيۈەن نىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ناشقۇرىدۇ.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، مۇشۇ نىزامغا ئاساسەن يولغا قويغان قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

5-ماددا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايون بار شەھەرلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى ئېھتىياجغا قاراپ بېكىتىدۇ.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە توشىدىغان پۇقرالارغا قانۇن ياردىمى بېرىشكە خادىم ئەۋەتىدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

6-ماددا ئادۋوكاتلار قانۇن ياردىمى بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادۋوكاتلار قانۇنى ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىپ، ياردەم بېرىلگۈچىگە ئۆلچەملىك قانۇن مۇلازىمىتى قىلىشى، ياردەم بېرىلگۈچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى، ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ۋە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

7-ماددا دۆلەت جەمئىيەتتىكىلەرنى قانۇن ياردىمى پائالىيىتىگە ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

8-ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كوللېكتىپ، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۇقرالارغا قانۇن ياردىمى بېرىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدۇ.

9-ماددا مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇن ياردىمى خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

2-باب قانۇن ياردىمى بېرىش دائىرىسى

10-ماددا پۇقرالاردىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلالمىغانلىرى قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) دۆلەت تۆلىمىنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىش؛

(2) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلىش؛

(3) نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلىش؛

(4) قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلىەش ھەققى، بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىش؛

(5) ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛

(6) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىش.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قانۇن ياردىمى ئىشلىرى ھەققىدە قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

پۇقرالار مۇشۇ ماددىنىڭ 1- ۋە 2-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا قانۇن مەسلىھەتى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىما سقىلسا بولىدۇ.

11-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەندە، پۇقرالار قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

(1) جىنايەت گۇماندارىنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان 1-قېتىم سوراق قىلغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭغا مەجبۇرلارش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ، جىنايەت گۇماندارى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلمىغان بولسا؛

(2) ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگخلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇغقىنى دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا؛

(3) بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا.

12-ماددا ئەيىبلىگۈچى سوتقا چىقىپ ئەيىبلەيدىغان دېلودا جاۋابكار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىشتە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

جاۋابكار ئەما، گاس، گاچا بولغانلىقتىن ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكتىن ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا ياكى جاۋابكار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بولسىمۇ ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىشتە، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جاۋابكارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەكشۈرمەيلا قانۇن ياردىمى بېرىشى كېرەك.

13-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى بىلەن بىردەكبولمىسا، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

3-باب قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش

14-ماددا پۇقرالار مۇشۇ نىزامنىڭ 10-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:

(1) دۆلەت تۆلىمى تەلەپ قىلىشتا، تۆلەم مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛

(2) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىنتاى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى بېرىشنى تەلەپ قىلىش ياكى نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى ياكى نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛

(3) قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلىەش ھەققى ۋە بېقىش ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، قاراش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلىەش ھەققى، بېقىش ھەققى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛

(4) ئەمگەك ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا، ئەمگەك ھەققى بېرىش مەجبۇرىيىتى بار كىشى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش؛

(5) ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تەشەببۇس قىلىشتا، تەلەپ قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىش.

15-ماددا بۇ نىزامنىڭ 11-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن كىشىلەردىن قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدغانلىرى دېلونى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قاماپ تۇرۇلىۋاتقان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىلتىماسىنى سولاقخانا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا 24 سائەت ئىچىدە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سولاقخانا ئىلتىماس قىلغۇچىنى قانۇندا بەلگخلەنگەن ۋاكالەتچىسىگە ياكى يېقىن تۇغقانلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تاپشۇرىدىغان ئالاقىدار گۇۋاھنامە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تېپىپ بېرىشنى ئۇقتۇرىدۇ.

16-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشى ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.

ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق كىشى ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بىلەن ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ئوتتۇرىسىدا دەۋا ياكى باشقا مەنپەئەت ماجىراسى تۇغۇلۇپ، قانۇن ياردىمى بېرىشكە توغرا كەلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەردىن تالاشتا قالغان شۇ ئىش بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىغانلىرى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.

17-ماددا پۇقرالار ۋاكالەتچىلىك قىلىش، جىنايى ئىشلاردا ئاقلاش، قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى گۇۋاھنامە، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) كىملىكى ياكى كۈچكە ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يەنە ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛

(2) ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛

(3) قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت دېلو ماتېرىيالى.

ئىلتىماس يازما بولۇشى، ئىلتىماس جەدىۋىلى تولدۇرۇلۇشى كېرەك؛ يازما ئىلتىماس قىلىشتا قىيىنچىلىقى بارلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرى ياكى ئىلتىماسنى ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان مۇناسىۋەتلىك ئاپپارات خادىملىرى خاتىرىلەپ قويىدۇ.

18-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋاھنامە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تولۇق ئەمەس، دەپ قارىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تولۇقلاشنى ياكى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تەەلەپ بويىچە تولۇقلىمىسا ياكى چۈشەندۈرمىسە، ئىلتىماسنى بىكار قىلدى، دەپ ھېسابلايدۇ؛ ئىلتىما سقىلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋاھنامە، ئىسپات ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئورۇنلاردىن تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدۇ.

قانۇن ياردىمى شەرتىگە توشسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىشنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى كېرەك؛ قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمىسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئاساسىنى يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

19-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا باشقىچە پىكىرى بولغانلىرى پىكىرىنى شۇ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى بېكىتكەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى باشقىچە پىكىرنى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنى قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشىدىكەن، دەپ قارىسا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنى شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقتىدا قانۇن ياردىمى بېرىشكە يازما بۇيرۇشى كېرەك.

4-باب قانۇن ياردىمى بېرىش

20-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتكەن دېلودا، خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىشتىن 10 كۈن ئىلگىرى ئاقلاشنى بېكىتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى ھۆكۈمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا سوت قىلمىسا، ئاقلاشنى بېكىتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە ئەيىبنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ياكى ھۆكۈمنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى سوت قىلىدىغان جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا تاپشۇرسا بولىدۇ.

21-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ئورنىنى ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرۇشقا بېكىتسە ياكى ئۆزىنىڭ خادىمىنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ؛ باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئۆزىگە قاراشلىق خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتكەن دېلودا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى سوت ئېچىلىشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى بەلگىلىگەن بېجىرگۈچى خادىمنىڭ ئىسىملىكىنى ئاقلاشنى بېكىتكەن خەلق  سوت مەھكىمىسىگە خەۋەر قىلىشى كېرەك.

22-ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرگۈچى خادىملار كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، قانۇن ياردىمى بېرىشتە پۇل-مال ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

23-ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرگۈچى خادىملار تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇققاندا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا دولكلات قىلىشى، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئېنىقلاپ، شۇ قانۇن ياردىمىنى توختىتىۋېتىشى كېرەك:

(1) ياردەم بېرىلگۈچى ئىقتىسادىي كىرىم ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغان بولۇپ قالسا؛

(2) دېلونىڭ سوتى ئاخىرلاشقان ياكى دېلو بىكار قىلىنغان بولسا؛

(3) ياردەم بېرىلگۈچى دېلونى ئادۋوكاتقا ياكى باشقا ۋاكالەتچىگە ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىۋەتكەن بولسا؛

(4) ياردەم بېرىلگۈچى قانۇن ياردىمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا.

24-ماددا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى ڭبېجىرىشكە بېكىتىلگەن ئادۋوكات ياكى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىمى دېلو ئاخىرلاشقاندا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى، شۇنىڭدەك دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە بېكىتىلگەن ئاۋوكاتقا ياكى قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلات خادىمىغا قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش ياردەم پۇلى بېرىشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسىگە قاراپ، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى بېجىرگەن قانۇن ياردىمى دېلولىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەننەرخى قاتارلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ بېكىتسە ھەم ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ.

25-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى پۇقرالار قانۇن مەسلىھەتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشلارنى ۋاقتىدا بېجىرىشى كېرەك؛ مۇرەككەپ ۋە چېگىش بولغانلىرىنى ۋاقىتنى ئالدىن پۈتۈشۈپ بېجىرسە بولىدۇ.

5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

26-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىنتىزام چارىسى كۆرۈلىدۇ:

(1) قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا قانۇن ياردىمى بېرىش ياكى قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلارغا قانۇن ياردىمى بەرمەسلىك؛

(2) قانۇن ياردىمى دېلوسىن ىبېجىرىشتە پۇل مال ئېلىش؛

(3) ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتى قىلىش؛

(4) قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىش، بۆلۈشىۋېلىش ۋە ئىشلىتىۋېلىش.

قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە ئالغان پۇل-مالنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ ھەقلىق قانۇن مۇلازىمىتىدىن قىلغان قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان، بۆلۈشۈۋالغان ۋە ئىشلىتىۋالغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قايتۇرۇشقا بويرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

27-ماددا ئادۋوكاتلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ بېكىتكىنىگە ئۇنىماي، قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتىنى ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرىغا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش جازاسى بېرىدۇ.

28-ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بىر ئايدىن يۇقىرى، ئۈچ ئايدىن تۆۋەن ئىش توختىتىش جازاسى بېرىدۇ:

(1) قانۇن ياردىمى دېلوسىنى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ رەت قىلغانلار ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرىۋەتكەنلەر؛

(2) قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە پۇل-مال ئالغانلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغان پۇل-مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئالغان پۇل-مال قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

29-ماددا ئادۋوكاتلاردىن قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشتە كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئادۋوكاتلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

30-ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خادىملىرىدىن قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

31-ماددا بۇ نىزام 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#