جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى

جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قىزىل كرېست تەشكىلاتى، ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تەشكىلاتى، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان تەشكىلات.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتى
باش شىتاپ ئادرىسى بېيجىڭ دۇڭچېڭ رايونلۇق بېيشىن كۆۋرىكى
خارەكتىرى ئىجتىمائىي تەشكىلات
ھازىرقى پەخرىي باشلىقى لى يۈەن چاۋ
خەنزۇچە نامى 中国红十字会
قۇرۇلغان ۋاقتى 1904 –يىل 3- ئاينىڭ 10 –كۈنى
ھازىرقى باشلىقى چېن جۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئېلىمىز خەلقىنىڭ سەھىيە بويىچە قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى بولۇپ، 1904-يىلى 3-ئايدا قۇرۇلغان. 1912-يىلى خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 1919-يىلى جەنۋە خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى يېڭىۋاشتىن ئۆزگەرتىپ تەشىكل قىلىندى. جېڭۋۇيۈەن(دۆلەت مەمۇرىي كېڭىشى) 1950-يىلى «جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى» نى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى.

1 .ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش؛  تەبىئىي ئاپەت ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەر جەريانىدا، يارىدارلار ۋە باشقا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش؛

    2. سەھىيە ، قۇتقۇزۇش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، تۆۋەن دەرىجىلىك سەھىيە قۇتقۇزۇش  تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئاممىنى تەشكىللەپ  نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشپائالىيەتلىرىگە  قاتناشقۇزۇش ؛  قان تەقدىم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىش؛ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛

  3. قىزىل كىرىست ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەتىنى قانات يايدۇرۇش؛

  4. خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش؛

 5.  خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ ۋە جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىلىرىنى تەشۋىق قىلىش؛

6. خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپ بويىچە ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىشىنى بېجىرىش؛

7. قانۇن بويىچە  ئەزا تەقدىم قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار غا غەمخورلۇق قىلىش، بىمارلار ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛

  8 .ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان، قىزىل كرېست ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛

  9. قىزىل كرېست پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇش؛

  10.خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ، قىزىل كرېست ھەرىكىتى ئاساسىي پرىنسىپى، باش جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دۆلەت كومىتېتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ  كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش؛

 11 .ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ؛  جامائەت سورۇنلىرىدا قىزىل  كىرىست ئىئانە توپلاش ساندۇقى تەسىس قىلىش  ۋە باشقۇرۇش  ؛ قانۇن - نىزام بويىچە ئىئانە قىلىنغان مال - مۈلۈك بىر تەرەپ  قىلىش؛

   12.قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئاساسىي مەقسەتىگە  ئۇيغۇن  ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قانات يايدۇرۇش؛ 

  13 . خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛

  14 .خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋالىلىك ئىشلىرىنى   تاماملاش؛  

1 .مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ؛ جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ ، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى كېڭىشى چاقىرىپ يىغىن ئېچىپ ، ئالاھىدە ئەھۋالدا مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى كېچىكتۈرۈپ ئېچىلىدۇ.  مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى  باش جەمئىيىتى ۋە يەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى كۆرسەتكەن ئەزالار ۋەكىللەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كېڭىشىپ پەيدا بولغان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر تەركىب تاپىدۇ .  ۋەكىللىرى نىسبىتىنى دائىمىي كېڭەش   ئەزالار ئادەم سانى  بىلەن قىزىل كرېست ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ.  مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا قارار قىلغانلارنى قاتناشقان ۋەكىللەر يېرىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ

   2. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى تەسىس قىلغان پەخرى باشلىقى ، پەخرىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پەخرى كېڭەش ئەزاسى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ ، مەسلىھەتچىسىنى بېكىتىدۇ ؛

3 . جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى  باشلىقىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى :⑴  كېڭەش يىغىنىنى چاقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ، دائىمىي كېڭەش يىغىنى ؛⑵  ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت قىلىشىغا ېتەكچىلىك قىلىش ؛  ⑶قىزىل كرېست ھەرىكىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم يىغىن ، پائالىيەتلەرگە  قاتنىشىش .

  4 . كېڭەش؛ كېڭەش مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە قارار قىلىنىدۇ .  كېڭەشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل ، كېلەر قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا قىلغاندا نۆۋەت ئالمىشىدۇ.  كېڭەش ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلىدۇ .  كېڭەشكە ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق كېڭەش ئەزاسى قاتناشىدۇ ، يىغىندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ .  كېڭەش قارارى، كېڭەش ئەزاسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

   5 .دائىمىي ئىشلار كېڭىشى؛

  6 . ئىجرائىيە كومىتېتى ؛

7 . يەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتى؛

 8. ساھەلەر قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى؛

  9.ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى؛

 10 .  ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى

 1984-يىلى جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 80 يىل بولغان چاغدا، مەملىكەتلىك ئاساسىي قاتلام قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى 23 مىڭدىن ئاشتى، ئەزالىرى 1 مىليون450 مىڭغا يەتتى، جەمئىيەتتە بىر تۈركۈم قىزىل كرېست شىپاخانىلىرى، ئائىلە كېسەل كارىۋاتلىرى، مېيىپلەر پاراۋانلىق پونكىتلىرى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋالاش پونكىتلىرى قۇرۇلدى. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى يەنە دۇنيادىكى127 دۆلەتنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى، قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان بەزى دۆلەتلەرگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىقتىسادىي ۋە ماددىي ياردەم بېرىپ كەلدى

جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنللىرىغا ، ئەمەل قىلىدۇ، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى ئاساسىي پرىنسىپى يەنى سىپايە، ئادىل بولۇش، بىتەرەپ، مۇستەقىل، پىدائىيلار مۇلازىمىتى، بىرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك  بولۇش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ، جەنۋە شەرتنامىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىلىرىگە ئاساسەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى «ۋە بۇ نىزامنامە، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولغان ھالدا قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى مۇستەقىل، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلقئارا قىزىل كرېست ھەرىكىتى، تەرەققىي قىلىشقا ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ياكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/22166.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#