گوۋۇيۈەن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. 

ئويغۇرچە نامى گوۋۇيۈەن
ھۆكۈمەت تورى http://www.gov.cn/
خەنزۇچە نامى 国务院

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي ئورگىنىدۇر. ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، 1954-يىلى ئېچىلغان 1-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا گوۋۇيۈەن تەسىس قىلىنغان.

گوۋۇيۈەن زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، باش مۇپەتتىش ۋە باش كاتىپتىن تەركىب تاپىدۇ. گوۋۇيۈەندە زۇڭلى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. مىنىستىرلىك-كومىتېتلاردا مىنىستىر ۋە مۇدىرلار مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى چىقارغان ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىشقا بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەن تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي تەدبىرگە ئاساسەن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام چىقىرىش، قارار ۋە بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپ سۇنۇش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەپ، مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ھەمدە مەملىكەت بويىچە مىنىستىرلىك ۋە كومىتېتلارغا تەۋە بولمىغان مەمۇرىي خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش؛ مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى كونكرېت ئايرىشنى بەلگىلەش؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، شۇنىڭدەك دۆلەت خام چوتىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش؛ ئىقتىسادىي خىزمەتكە ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ تاشقى ئىشلارنى باشقۇرۇش؛ چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ۋە كېلىشىم تۈزۈش؛ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش؛ مىللەتلەر ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش؛ مىنىستىرلىك، كومىتېتلار ئېلان قىلغان نامۇۋاپىق بۇيرۇق، يوليورۇق ۋە بەلگىلىمىلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ نامۇۋاپىق قارار ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر، ناھىيىلەرنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە رايونغا ئايرىلىشىنى تەستىقلاش؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ دائىرىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش؛ مەمۇرىي ئاپپاراتلارنىڭ شتاتىنى بېكىتىش، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش-قالدۇرۇش، تەربىيىلەش، باھالاش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەرگەن باشقا خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش.

گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېپىق مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلىلار ۋە دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

گوۋۇيۈەن تەسىس قىلىش ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان تارماقلار ( 27 )، گوۋۇيۈەننىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ( 1 )، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار ( 16 ) گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى ( 4 )، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن ( 17 ) گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلار باشقۇرىدىغان دۆلەت ئىدارىسى ( 22 ) ، گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى ( 33 ) قاتارلىق ئورۇنلار تەسىس قىلىندى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەندىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ھەمكارلىشىپ گوۋۇيۈەننىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى. 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھىسى ۋە « گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » نى گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى، مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك ۋە تۈگۈنلۈك رول ئوينايدۇ. يېتەكچىلىك قىلىشتىن، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. 

گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دىپلوماتيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مائارىپ مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت خەۋىپىسىزلىكى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەمۇرى تەپتىش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سۇچىلىق مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى سودا مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جۇڭگۇ خەلق بانكىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئىقتىسادي تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىقلار. 

گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتى 

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى  10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا تەستىقلانغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ۋە « گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى » دا، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قارايدىغان مىنىستىرلىك دەرىجىلىك ئالاھىدە ئاپپاراتى تەسىس قىلىنغان. 

گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن - پىرىيوم باش ئىدارىسى، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات باش مەھىكىمىسى ( دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى )، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مەملىكەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىغا قوشۇپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى.

گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى 

گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ - ئاۋمىن ئىشلىرى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى قاتارلىقلار.  

گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيىسى، جۇڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى، جۇڭگۇ قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادىمىيسى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقاتى مەركىزى، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى، جۇڭگۇ يەر تەۋرەش ئىدارىسى، جۇڭگۇ مېتېئورولۇگيىە ئىدارىسى، جۇڭگۇ بانكىچىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگۇ ئاكسيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگۇ سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەت ئېلېكتر ئىنرگىيە نازارەت قىلپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئىجتمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى،  دۆلەت تەبئىي پەنلەر فوندى كومىتېتى قاتارلىقلار.  

گوۋۇيۈەننىڭ ئىلىكتىرۇن تەرەققىياتى گورۇپپىسى ئىشخانىسى

گوۋۇيۈەننىڭ ئىلىكتىرۇن تەرەققىياتى گورۇپپىسى ئىشخانىسىنى، ھازىر دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى باشقۇرغاندىن باشقا، ھەممىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتى « گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى ۋە ئىشتاتىنى باشقۇرۇش نىزامى » نىڭ 6 - ماددىسىدا، « گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى فونكىسيىسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن تەركىبىگە كىرىدىغان تارماقلار، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان، گوۋۇيۈەننىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى » ، « گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى باشقۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلارنى باشقۇرۇش، ئالاھىدە مۇلازىمەتكە  مەسئۇل، مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزىدۇ. »

گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى 

گوۋۇيۈەننىڭ كېڭىشىش - ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيىسىنىڭ بىر تارمىقى. گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتلىرى مۇھىم كەسپىي خىزمەتلەرنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىدىن ھالقىغان خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

زۇڭلى جاۋابكارلىق تۈزۈمى 

زۇڭلى گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش، زۇڭلى گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛ 

مۇئاۋىن زۇڭلىلار، دۆلەت كومىسسارلىرى زۇڭلىنىڭ خىزمىتىگە ياردەملشىدۇ، ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى، مىنستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بىلەن بىللە زۇڭلى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ؛

گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى، زۇڭلى ئەڭ ئاخىرقى تەدبىر بەلگىلەشكە ئىگە؛ 

زۇڭلى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مۇئاۋىن زۇڭلى ئوتتۇرىغا قويغان، دۆلەت كومىسسارى، مىنستىرلار، كومىتېت مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بانكا باشلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى، گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش - قالدۇرۇش توغرىسىدا. 

گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇق ۋە مەمۇرى نىزاملارغا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا سۇنغان تەكلىپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، مەمۇرىي خادىملار، چوقۇم زۇڭلىسى ئىمزا قويىدۇ، ئىقتىدار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. 

يىغىن تۈزۈمى 

گوۋۇيۈەننىڭ يىغىنى « گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمىي يىغىنى »، « گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى » ۋە « زۇڭلى ئىش بېجىرىش يىغىنى ». گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى، چوقۇم گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇمى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. 

تەشكىلات - كادىرلار تۈزۈمى 

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىق مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى باشقۇرىدۇ. 

جۇ ئېنلەي (1898-1976)، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1954-9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 

گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ( 1954 - يىلى ھازىرغىچە ) 

  • جۇ ئېنلەي ( 1898-1976 )، 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بىرىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1959-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1965-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئۈچىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1975-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 1976-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەمدە ۋەزىپىدىكى چېغىدا ۋاپات بولغان. 
  • خۇا گوفېڭ (1921-2008 )، 1976-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1976-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە مۇۋەققەت زۇڭلى بولغان. 1976-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. 
  • جاۋ زىياڭ (1919-2005 )، 1980-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە زۇڭلىلىق ئورنىغا تەيىنلەنگەن. 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 1987-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. 
  • لى پېڭ (1928-)، 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 1988-يىلى 4-ئاينىڭو 13-كۈنىگىچە مۇۋەققەت زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 1988-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە سەككىزىنچى قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان. 
  • جۇ رۇڭجى (1928-)، 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 9- قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلسى بولغان. 
  • ۋېن جياباۋ (1942-)، 2003-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16كۈنىگىچە 10-قېتىملىق گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان. 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە 11-قېتىملىق گوۋۇيۈننىڭ زۇڭلىسى بولغان. 
  • لى كېچياڭ (1955-يىلى 7-ئاي )، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ھازىرغىچە 12-قېتىملىق گوۋۇيۈننىڭ زۇڭلىسى بولغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#