روممىل

روممىل 1891-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى پىرۇسسىيە (ھازىرقى گېرمانىيە) ھېردىھامدىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ناتسېسىت گېرمانىيسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى، كىشلەر تەرىپىدىن قۇملۇق تۈلكىسى دەپ نام بىرىلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى روممىل
باشقا نامى قۇملۇق تۈلكىسى، ئىمپېرىيە بۈركۈتى
مىللىتى گېرمان
تۇغۇلغان ۋاقتى 1891-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى ئەقرەب يۇلتۇز تۈركۈمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 埃尔温·约翰尼斯·尤根·隆美尔
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى ھېردىھام
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
قان تىپى O تىپلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

روممىل روممىل 1891-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى پىرۇسسىيە (ھازىرقى گېرمانىيە) ھېردىھامدىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتا-ئانىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى. روممل تۆت بالا بولۇپ، روممىل 3-پەرزەنىت ئىدى. روممىلنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى بولسا ئېنژېنېر بولۇش ئىدى. بىراق دادىسىنىڭ ئىدىيسىگە ئاساسەن، 1910-يىلى 9-ئايدا خان جەمەتى ئارمىيسىگە قاتناشقان. 1911-يىلى 3-ئايدا ھەربى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپ، ئوقۇش جەريانىدا 17 ياشلىق كەلگۈسى ئايالى لۇسى بىلەن تونۇشقان. روممىل ھەربى مەكتەپتە ئوقۇغان چاغدا دائىم بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاجايىپ يۈكسەك ھەربىي تالانتى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان، ئۆلگەندىن كىيىن ئىككى تەرەپنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان كىشى. 

روممىلروممىل كېيىن ئوفىتسىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روممىل ناھايىتى قەيسەر، ئىرادىلكلىكى ۋە ھەربى جەھەتتىكى قەيسەرلىكى ۋە شۇنداقلا رەھىمسىزلىكى بىلەن 3 نەپەر ئەسكەرنى باشلاپ، 20 نەچچە نەپەر فىرانسىيە ئەسكىرنىڭ ھوجۇمىنى بىت-چىت قىلغان، كېيىن كاپىتانلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كىيىن ۋىنا شەھەرلىك يېڭى شەھەر ھەربى ئىشلار ئىنستۇتنىڭ مۇدىرى بولغان. گېتلىر ھوقوق ئىگلىگەندىن كىيىن ئۇ يازغان «پىيادە ئەسكەرنىڭ ھۇجۇمى» دىگەن كىتاب گېتلىرنىڭ قىزقىشىنى قوزغاپ ناھايتى تېز ئۆستۈرۈلگەن. 1933-يىلى گېتلىر گېرمانىيە باش مىنىستىرى بولغاندىن كىيىن ئۇنى كۈزتۈپ، ئۇنىڭ نام-ئاتاق ۋە شان-شەرەپكە ئامراقلىقىنى بايقىغان ۋە پايدىلانغان. 1934-يىلى گېتلىر ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ پاراڭلاشقان. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى گېتلىرنى ناھايتىمۇ خوشال قىلغان. 1939-يىلى گېتلىر گېرمانىيسى پولشانى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ئالدىدا گېتلىر ئۇنى ئۆزنىڭ باش قوماندانلىق شىتابى «بۆرە ئۇۋىسى» نىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرگەن ۋە باش شىتابنىڭ تەربىيلىشىگە ۋە تەستىقىغا سالمايلا گېنېرال لېيتنانىت ئۇنۋاننىنى بەرگەن. خۇددى تارخچىلار دىگەندەك «روممىل گېتلىر ياقتۇردىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالغان». كېيىن پولشا ئۇرۇشغا قاتناشقان. بۇ ئۇرۇشتا ناتسېسىت گېرمانىيسى 10 كۈن ئىچىدە پولشا، بېلگىيە، لېيكسومبورگ قاتارلىق دۆلەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى فىرانسىيەگە تۇتاشتۇرغان بولۇپ، 1940-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى7-بىرونىۋىك دېۋىزيىسىنىڭ كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرگەن. فىرانسىينى مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش داۋامىدا روممىل 4-گوروپپىۋوي ئارمىيە 7-بىرونىۋىلك دېۋىزيىسىنىڭ كوماندىرى سالاھىيتىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان. بۇ ئۇرۇش داۋامىدا روممىل فىرانىسيە ئارمىيسىنىڭ 2 دېۋىزيىسىنى ئۆزنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك جەڭ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ بىر دىۋىزىيە ئەسكىرى كۈچ بىلەن مەغلۇپ قىلغان. فىرانسىيلىكلەر ئۇنىڭ قوماندانلىقىدىكى گېرمانىيە دېۋىزيىسىنى «ئالۋاستى دېۋىزىيە» دەپ ئاتىغان. چۈنكى روممىل دائىم قارشى تەرەپ ئويلىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ، قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇنىڭ فىرانسىيە ئۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيەسى بولسا زەمبىرەكلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ماشىنىلاشقان قىسىم ئارقىلىق پىيادە ئەسكەرلەر بىلەن تەڭ قەدەمدە، بىر چەتتىن ئىلگىرلەپ بىر چەتتىن ئۇرۇش قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىش، ھەتتا قېرىنداش قىسملارنىمۇ ناھايىتى يىراقتا قويغان. بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسى ئارمىيسىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىلھامى بولغان. روممىل دىۋىزىيەسى بۇ ئۇرۇشتا 2000 نەپەر ئەسكەردىن زىيان تارتقان، ئەمما فرانسىيە ئارمىيسىدىن 97000 ئەسكەرنى يوقاتقان ۋە ئەسىرگە ئالغان. مۇشۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيە 6 ھەپتە ئىچىدە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، گېتلىر ئۇنى ئالاھىدە چاقىرتىپ مۇكاپاتلىغان. 1941-يىلىدىكى شىمالى ئافرىقا ئۇرۇشى مەزگىلىدە روممىل سىرلىق شەخىس قاتارىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئىتالىيە ئارمىيسىنىڭ مەغلۇبىيتىنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان. چۈنكى 1941 -يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇ شىمالىي ئافرىقا ئالدىنقى سەپ كوماندىرلىقىنى ئۆتكۈزۋېلىپ، 1941-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەردە 3 دېۋىزىيە ناتسېسىت گېرمانىيە ئارمىسى ۋە 2 دېۋىزىيە فاشىسىت ئىتاليە ئارمىيسىگە بىرلىكتە قوماندانلىق قىلىپ تانكا، پىيادە ئەسكەر ۋە ھاۋا ھۇجۇمىنى تەڭ قوزغاپ، ئۆز قوشونىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئەنگلىيە ئارميسىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (3ھەپتە) مەغلۇپ قىلىپ ئارقا–ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، ئافرىقىنىڭ بىر تەرپىىدىن يەنە بىر تەرەپتىكى مىسىرغا قوغلىۋەتكەن. شىمالى ئافرىقىدا پەقەت توبروك پورتىلا ئەنگىلىيە ئارمىسيىنىڭ قولدا قالغان. بۇ ئىش چېرچىلىنىمۇ چۆچۈتۈپ، زور مىقداردىكى ياردەمچى قوشۇننى دەرھال توبرۇكقا ياردەمگە ئەۋەتكەن. بىراق توبرۇك ئاخىرىدا يەنىلا 1942-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيلىكلەرنىڭ قولغا ئۆتكەن. ھەتتا ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ قوماندانى-ئىتاليە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلغان مەشھۇر گېنېرال ئوۋكىنامنىمۇ ئەسىرگە ئالغان بولۇپ، بۇ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1942-يىلى 1-ئايدا گېتلىر ئۇنىڭغا مارشاللىق ئۇنۋانىنى بېرىپ ناتسىېسىت گېرمانىيسىنىڭ شىمالى ئافرىقا گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرگەن، بۇ چاغدا روممىل 51 ياشتا ئىدى. روممىلنىڭ شىمالى ئافرىقىدىكى ئۇرۇش تەجىربىسى بولسا : سۈرئەت بىرىنچى. ئەنگىلىيە ئارمىيسى روممىلىنىڭ دائىم شىمالى ئافرىقا جۇغراپىيسىگە ۋە كىلىماتىغا تاينىپ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى، دائىم ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىدىغانلىقى، ئۆزگىرىپ تۇردىغانلىقىنىغا ئاساسەن، ئۇنى «قۇملۇق تۈلكىسى روممىل» دەپ ئاتىغان. 1943-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى گېتلىر ئۇنى چاقىرتىپ ئوردىن بىلەن مۇكاپاتلىغان. روممىل ئۆز ھاياتىدا 30 دانە ئەتراپىدا ئوردىنغا ئېرىشكەن. 1943-يىلى 8-ئايدا ئىتاليىدىكى گوروپپىۋوي ئارميسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1943-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيدە تۇرۇشلۇق گوروپپىۋوي ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1944-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە فىرانسىيگە كىرگەندىن كىيىن، گېرمانىيە ئارمىيسىنىڭ بىر قاتار مەغلۇبىيتى باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن روممىلدا گېتلىرغا قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان، شۇندىن باشلاپ روممىل گېتلىرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك قارىشلاشقۇچىسى بولۇپ قالغان. 1944-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى گېتلىرنى قەستلەشكە قاتناشقانلىقتىن (بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى سىياسى قەسىتلەش بولۇپ، روممىلىنىڭ رەقىپلىرى مارتىن ھرمان ئۇنى كۆرەلمەي قەستىلگەن، چۈنكى نەچچە يىل ئىلگىرى روممىل ھېرماننى ھاقارەتلىگەن. ئەمەليەتتە بولسا روممىلىنىڭ 1944-يىلى7-ئاينىڭ 24-كۈنى «بۆرە ئۇۋسى» دا يۈز بەرگەن، گېتلىرنى قەسىتلەش سۈيقەستى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىدى)  1944-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى 53 يېشىدا گېتىلىرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن بالىسى ۋە ئايالى ئۈچۈن ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغان. ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن گېتلىر ئونى ناھايتى دەبدەبلىك ئۇزاتقان.

ئۇ غەرىپ ھەربىيلىرى تەرىپىدىن «ئۇرۇش ھايۋىنى» دەپ ئاتالغان. ئۇ رەھبەرلىك قىلغان دېۋىزىيەنى بولسا «ئالۋاستى دېۋىزىيە» دەپ ئاتىغان. ئەنگىليىلىكلەر ئۇنى «قۇملۇق تۈلكىسى» دەپ ئاتىغان. بۇلار ئۇنىڭ ئۇرۇشتىكى تۆھپىسنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزنى ماختىشنى ياقتۇردىغان بولۇپ، «يەڭگۈچى روممىل» دىگەن سۆزگە بەكلا ئامراق ئىدى. روممىل زىديەتلىك شەخىس بولۇپ، بەزىدە گېتلىرنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى تۇرغان. مەسلەن : 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېتلىرغا ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى نۇرغۇن گېرمانىيلىك ئۆكتىچىلەر، فىرانسىينىڭ «چەتئەللىكلەر كورپۇسى» غا قاتنىشىپ، گېرمانىيە ئارمىيسىگە قارشى تۇرغان. فىرانسىيە مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، گېتلىر بۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، روممىل بۇ بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. بىراق گېتلىر ئۇنى يەنلا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن.

روممىل فىرانسىيدىكى ئورۇشتا مۇنداق بىر يەكۈننى ئويلاپ تاپقان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ : ئىككى ئارمىيە ئۇرۇشقاندا، كىم ئاۋۋال ئوت ئېچىپ قارشى تەرەپنى بېسىۋەتسە شۇ ئاسان غەلبە قىلالايدۇ. ئۇرۇش توختىغان چاغدا ئۇرۇش تەرەققىياتنى ساقىلىغان كىشى مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «ئاۋۋال مۇشىت ئاتقان نوچى» دىگەن ماقالىغا ماس كىلىدۇ، بۇ ناتسېسىت گېرمانىيسى ھەربىيلىرنىڭ مۇھىم سىتراتىگىيسى بولۇپ قالغان. شۇڭا روممىل 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن قۇرۇقلۇق ھۇجىمىنى بىرلەشتۈرۈپ دائىم دۈشمەننىڭ ئويلىمىغان يېردىن چىقىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ تۇرغان.

مانسىتايىن، روممىل ۋە گودېرئان 2-دۇنيا ئۇرۇشدىكى ناتسېسىت گېرمانىسىنىڭ 3 چوڭ داڭلىق مارشالى ئىدى. ئۇلار سىياسى ۋە تېنچىلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گېتلىرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى قورالى، شۇنداقلا ناتسېسىتلارنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسى، فاشىزىمنىڭ قولچوماقچىسى بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يۈكسەك ھەربى تالانتى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. بۇنىڭ پاكىتلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسلەن فىرانسىينىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى داڭلىق ماگنوت مۇداپىيە سېپىنى ۋەيران قىلىش، ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان شىمالى ئافرىقىنى ئىشغال قىلىش قاتارلىقلار. مارشال روممىل گېتلىرنىڭ ئەڭ ئەتۋارلىق شۇنداقلا ناھايتى تېز ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسىرىنىڭ بىرى. روممىل ھايات ۋاقىتىدا سىرلىق شەخىس بولۇپ، ئۇ توغىرلىق كىتاپلارنىڭ سېتىلىشى ھەر قانداق 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى گېرمانىيە گېنىرالىنىڭكىدىنمۇ كۆپ. ئۇنىڭ بېغىشلىمىسى«روممىل قەيەردە بولمىسۇن ھەممىنىڭ ئالدىدا» دىگەن سۆزدىن ئىبارەت. ناتسېسىت گېرمانىيسىنىڭ 2-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى، تەشۋىقات مېنىستىرى گېبلىس ئۇنى ماختاپ «خەلق مارشالى»دەپ سۈپەتلىگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ئونىڭدىن ناھايىتى زوقلانغان بولۇپ، ئۇنى «سەن سوغۇققان ھېيلىگەر دۈشمەن، بىر ئۇلۇغ گېنىرال» دەپ سۈپەتلىگەن.

روممىلئەلۋەتتە روممىل مەغلۇپمۇ بولغان. روممىلىنىڭ مەغلۇبىيتى ئەنگلىيە مارشالى سىېر مونتىگومىرنىڭ شىمالىي ئافرىقىغا كىلىشى بىلەن باشلانغان. ئالامان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسېسىت گېرمانىيسى ئارمىيسىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى، ئوق-دورا، ئاشلىق كەمچىللىكى، ئەسكەر كۈچى يېتىشمەسلىك، ئىتاليىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ موسسولىننىڭ تەخىتتىن چۈشۈشى ۋە شۇنداقلا مارشال مونتېگومىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى  قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، روممىل شىمالى ئافرىقىنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1943-يىلى روممىل گېرمانىيگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئەسلىمە يېزىشنى باشلىغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#