چېن تيەنچيۇ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چېن تيەنچيۇچېن تيەنچيۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خوۋاڭگاڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1896-يىلى تۇغۇلغان. ئۇ خۇبېي كوممۇنىستىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋۇجەن يەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جىياڭسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇنجژ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، مانجۇرىيە ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، فۇجىيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشلىق خەلق كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ. 1939-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولىدۇ. 1942-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. 1943-يىل 72-سېنتەبىردە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن شىنجاڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ. [2]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.