شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتى

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگلىزچە: The University of Hong Kong)؛ 1911-يىلى جۇڭگونىڭ شىياڭگاڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىياڭگاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى ئالىي مائارىپ ئورگىنى. 1887-يىلى قۇرۇلغان شىياڭگاڭ جۇڭگولۇقلار غەرب تىبابىتى ئىنىستىتۇتى بۇ يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى بۇ مەكتەپنىڭ ئىنىستىتۇتلىرىنى تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتىېتى
قىسقاتىلغان نامى 港大;HKU
داڭلىق مەكتەپداشلار سۈن جۇڭشەن، جاڭ ئەيلىڭ، جۇ گۇاڭچيەن، شۈ جيې
ئادرېسى شياڭگاڭ ئارىلى بوفۇلىن يولى شەرقىي
ئىنگلىزچە نامى The University of Hong Kong
خەنزۇچە ئاتىلىشى 香港大学
قۇرۇلغان ۋاقتى 1911-يىلى (شىنخەي يىلى)
مەكتەپ تۈرى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى
مەكتەپ مۇدىرى 马斐森
ئورنى جۇڭگو شىياڭگاڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىشىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگلىزچە: The University of Hong Kong)؛ 1911-يىلى جۇڭگونىڭ شىياڭگاڭدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىياڭگاڭدىكى ئەڭ يۇقىرى ئالىي مائارىپ ئورگىنى. 1887-يىلى قۇرۇلغان شىياڭگاڭ جۇڭگولۇقلار غەرب تىبابىتى ئىنىستىتۇتى بۇ يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى بولۇپ قۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى بىلەن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى بۇ مەكتەپنىڭ ئىنىستىتۇتلىرىنى تەشكىل قىلغان. مەكتەپ 1916-يىلى تۇنجى قېتىم مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، بىراق ياپونىيە ئىگەللىۋالغان مەزگىلدە مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر يەتكۈزگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن، مەكتەپ قايتىدىن تەرەققىي قىلىپ، كەينى-كەينىدىن يېڭىدىن بۆلۈم ۋە ئىنىستىتۇتلار بارلىققا كەلگەن.

ھازىر شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىي ئون چوڭ ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى بار، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىنگلىز تىلىدا دەرس ئۆتۈلۈپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى قانۇن، پىسخىلوگىيە ۋە بىئو-مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلدى. شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تاجىسىمان كېسەللىك ۋىرۇسىنى بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان تەتقىقات ئورنى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ مەكتەپ يەنە شىياڭگاڭ جەمىئىيتىدىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەرنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى، بۇ قانۇن، سىياسەت، تەبىئىي پەنلەر، قۇرۇلۇش ۋە تىبابەت قاتارلىق ئىلمىي ساھەلەردىكى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1912-يىلىدىكى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەرىبتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر شىياڭگاڭدا ئۇنۋېرسىتېت قۇرۇشنى تالاشقان چاغدا، شىياڭگاڭدا قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان لۇئارد (Luard)، ئەنگلىيەمۇ شىياڭگاڭدا بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشى كېرەك، بۇ بىر تەرەپتىن باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو خەلقىگە (مۇستەملىكە مەزگىلىدىكى شىياڭگاڭ خەلقى) ئەنگلىيەنىڭ قىممەت قارىشىنى تونۇتۇش، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە شىياڭگاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش، دەپ قارغان.

1911-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، 1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، شۇ يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن. لۇئارد ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگو جەمئىيتى غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى قۇبۇل قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغاچقا، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت دەسلەپتە مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىنى ئۈلگە قىلدى، سانائەت پەنلىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىياتنى قوشۇمچە قىلغان، پەقەت تېببىي ئىنىستىتۇت، قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدىن ئىبارەت ئۈچلا ئىنىستىتۇت تەسىس قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تېببىي ئىنىستىتۇت ئىلگىرىكى 1887-يىلى قۇرۇلغان شىياڭگاڭ جۇڭگولۇقلار تېببىي ئىلىم ئىنىستىتۇتى بولۇپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىن ئىلگىرى بۇ يەردە تىبابەت ئۆگەنگەن. 1916-يىلى 12-ئايدا، تۇنجى قېتىملىق مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن. 1925-1926-يىللىرىدىكى شىياڭگاڭ چوڭ ئىش تاشلىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت غەرب بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈپ، شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان جۇڭگو تىللىرى فاكولتىتىغا خەنزۇچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىرىپ ئوقۇشىنى مەسلىھەتلەشتى. 1927-يىلى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى، 1939-يىلى تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى قۇرۇلغان. 1941-يىلى شىياڭگاڭ ئىشغال قىلىنغان چاغدا، مەكتەپ مەركىزىدىكى بىنا پارتىلىتىلىپ ۋەيران قىلىندى، 1948-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىياڭگاڭنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، كەينى-كەينىدىن مەكتەپ سىرتىدىكى دەرسلىكلەر بۆلىمى، قانۇن ئىنىستىتۇتى، جەمئىيەت ئىلمى ئىنىستىتۇتى چىش كېسەللىكلىرى تېبابىتى ئىنىستىتۇتى، ئىقتىساد ۋە سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى. 1961-يىلى ئوقۇغۇچى سانى 2000 غا يېتىپ، 1941-يىلىدىكىدىن 4 ھەسسىلەندى. 1989-يىلىدىن كېيىن ھۆكۈمەت ئالىي مائارىپنىڭ يەرلىكلىشىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ ئۇنۋانىنى ۋە دەرسلىكلىرىنىڭ تۈرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ، شىياڭگاڭلىقلارنىڭ يىراقتىكى ئەنگلىيەگە بېرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى توختىتىپ، ئاساسىي ھوقۇقنى جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلدى. بۇ شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، 2008-2009-يىلىدىكى ئوقۇغۇچى سانىنى 21 مىڭ 652 گە يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2068 ى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار.

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىشىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا 10 ئىنىستىتۇت بار بولۇپ، تولۇق كۇرۇس ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بولمىغان دەرسلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ.

بىناكارلىق ئىنىستىتۇتى؛

ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى؛

ئىقتىساد ۋە سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى؛

چىش كېسەللىلىرى تېبابىتى ئىنىستىتۇتى؛

مائارىپ ئىنىستىتۇتى؛

قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى؛

قانۇن ئىنىستىتۇتى؛

تېببىي ئىنىستىتۇت؛

تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى؛

جەمئىيەت ئىلمى ئىنىستىتۇتى؛

تەتقىقات ئىنىستىتۇتى؛

باشقا ھەرقانداق ئىنىستىتۇتقا تەۋە بولمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى؛

ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىشىياڭگاڭدا جۇڭگو ئەدەبىياتى ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىياڭگاڭدىكى بىردىنبىر ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. شىياڭگاڭ ئالاھىدە رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ 15 نەپەر قوماندان ۋە رايون باشلىقى ئىچىدە، 11 نەپىرى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا بەلگلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. شىياڭگاڭ تەرەپنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2009-يىلى ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇبۇل قىلغان دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئىچىدە %34.1 ى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 2006-يىلىدىن بۇيانقى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. 2012-يىلى بىر يىلدا قۇبۇل قىلىنغان ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىچىدە، شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار %83.3 ىنى ئىگەللەيدۇ.

شان-شۆھرەت جەھەتتىكى ئورنى

تۆۋەندىكىلەر شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئارىسىدا تۇتقان ئورنى:

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىQS دۇنياۋىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپكە تىزىلىشى (2013-يىلى): دۇنيا بويىچە 26-ئورۇندا، ئاسىيا بويىچە 2-ئورۇندا، شىياڭگاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

QS ئاسىيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپكە تىزىلىشى (2013-يىلى): ئاسىيا شۇنداقلا شىياڭگاڭ بويىچە 2-ئورۇندا.

تامېس ئالىي مائارىپى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ رەت تەرتىپى (2013-يىلى): دۇنيا بويىچە 43-ئورۇندا، ئاسىيا بويىچە ئۈچىنچى شىياڭگاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تامېس ئالىي مائارىپى دۇنيادىكى مەشھۇرلار تىزىملىكى (2013-يىلى): دۇنيا بويىچە 36-ئورۇندا، ئاسىيا بويىچە بەشىنچى شىياڭگاڭ بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

دۇنيادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان بويىچە رەت تەرتىپى (2013-يىلى): دۇنيا بويىچە 201-300 گىچە ئورۇندا، ئاسىيادا 24-35 كىچە ئورۇندا، شىياڭگاڭ بويىچە 2-3 ئورۇندا تۇرىدۇ.

جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تورىدىكى رەت تەرتىپى (2013-يىلى): جۇڭگو بويىچە ئالتە يۇلتۇزلۇق (ئەڭ يۇقىرى دەرىجە) ئۇنىۋېرسىتېت.

رەھبەرلىك قاتلىمى

«شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرى» دا شىياڭگاڭنىڭ مەمۇرىيەت باشلىقى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەكتەپ نازاراتچىسى بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ باش نازارەتچىسى دوكتور لېئۇڭ چۈن يىڭ (Leung Chun Ying)، مۇئاۋىن مەكتەپ نازارەتچىسى دوكتور لى گو باۋ، مەكتەپ كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوختۇر مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور پېتېر ۋىليام مازېسون (Peter William Mathieson)، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور رولاند چىن (Roland T. Chin).

جوڭ تىڭياۋ ۋەقەسى

جوڭ تىڭياۋ ۋەقەسى (شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ۋەقەسى) 2000-يىلى جوڭ تىڭياۋ ئېلىپ بارغان شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ۋەقەسىنى قوزغاش ۋە شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن شىياڭگاڭنىڭ مەمۇرىيەت باشلىقى تۇڭ چى-خۋا (Tung Chee-hwa)  نىڭ ماجراسى.

تېببىي ئىنىستىتۇتقا نام بېرىش تالاش-تارتىشى

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىتېببىي ئىنىستىتۇتقا نام بېرىش تالاش-تارتىشى 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىياڭگاڭ كا-شىڭلى (Ka-shing Li) ۋە كا-شىڭلى فوند جەمئىيىتىنىڭ بىر مىليارد شىياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتقا كا-شىڭلى تېببىي ئىنىستىتۇتى دەپ نام بېرىپ، كا-شىڭلى بىلەن كا-شىڭلى فوند جەمئىيىتىنىڭ سېخىيلىقىنى تەقدىرلەش تەكلىپىنى بەردى، ھەمدە شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىشلىرى كوممىتېتىنىڭ بىردەك تەستىقلىشىدىن ئۆتتى. بۇ قارار تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ كونا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، مەكتەپ يەنىلا ئەسلى قارارىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا كا-شىڭلى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «قارارىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ھالدا نامىنى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كا-شىڭلى تېببىي ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتتى. شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىدىكى مەكتەپداش، ۋاقىتلىق قانۇن كېڭىشىنىڭ تېببىي ساھەدىكى ئەزاسى گو جىياچى دۇنيادىكى بارلىق شىياڭگاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتى مەكتەپداشلىرىنى مەبلەغ سېلىپ، تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ ئەسلىدىكى نامىنى قايتۇرۋېلىشقا چاقىردى. نام بېرىلگەن كۈنى قارشىلىش ھەركىتى كېلىپ چىققان.

تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى بىلەن ئەرز قىلىنىشى

تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ سابىق مۇدىرىنىڭ ئالدامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىنىشى __ 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى، پاكلىق مەھكىمىسى شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كا-شىڭلى تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ بۇرۇنقى ئىنىستىتۇت باشلىقى لام شىيۇ-كۇم (LAM Shiu-kum) نى 33 تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋە ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ 2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە شىياڭگاڭ تېببىي ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، 20 نەپەر كۋىن مارى دوختۇرخانىسى (Queen Mary Hospital) بىمارىنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئالدامچىلىق قىلغانلىقىدىن گۇمانلاندى، ھەمدە 3 نەپەر ئىئانە قىلغۇچىنىڭ ئىئانە پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى، بۇ پۇلنىڭ سانى 4 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2009-يىلى 9-ئايدا، لام شىيۇ-كۇم 25 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

مۇجابې ۋەقەسى

مۇجابې (Robert Gabriel Mugabe) ۋەقەسى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، زىمبابۋېنىڭ پرېزدېنتى مۇجابېنىڭ قىزى بونا مۇجابې (Bona Mugabe) نىڭ شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. شىياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇق نازارەتچىلىكىنىڭ باش خادىمى، ئەگەر ئۇ زېمبابۋېدىكى ئاددىي پۇقرانىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسا، شىياڭگاڭ تەرەپ ئۇنى جازاغا تارتىدۇ، دېدى. مۇجابى زېمبابۋىدا ئۇزۇن  مەزگىل ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ سايلامدا كۆپ قېتىم ئالدامچىلىق قىلىپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇنىڭغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ سىرتقا ساياھەتكە چىقىشىنى چەكلىگەن. ئاۋسترالىيە مۇجابېنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاۋستىرالىيەدە ئوقۇشىنى چەكلىگەن. شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى: «بىزنىڭ مەكتىپىمىز مائارىپنىڭ سىياسەتنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خاتالىق تۈپەيلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى رەت قىلساق بولمايدۇ» دېدى. شۇ ئىشتىن كېيىن بونا مۇجابېنىڭ شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەمەس بەلكى شىياڭگاڭ شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمەركىزىي مەكتەپ رايونىدىكى بىنا-ئورنى مەركىزى مەكتەپ رايونىدا، قەدىمىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىزگۈزۈلگەن، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1912-يىلى؛

بىناسى-ئورنى مەركىزى مەكتەپ رايونىدا، قەدىمىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىزگۈزۈلگەن، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1919-يىلى

دېڭ جىئاڭ بىناسى-ئورنى مەركىزى مەكتەپ رايونىدا، قەدىمىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىزگۈزۈلگەن، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1931-يىلى؛

ئۇنىۋېرسىتېت زالى-ئورنى بوفۇلىن يولى 144-نومۇر، قەدىمىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىزگۈزۈلگەن، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1861-يىلى

مىڭيۇەن تاڭ مۇراسىم زالى-ئورنى مەركىزى مەكتەپ رايونىدا، بىرىنچى دەرىجىلىك تارىخىي قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1931-يىلى؛

فېڭ پىڭشەن بىناسى-ئورنى مەركىزى مەكتەپ رايونىدا، بىرىنچى دەرىجىلىك تارىخىي قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1932-يىلى

ئالبېروس (Alberose)-ئورنى بوفۇلىن يولى A132 ۋە 132B، ئىككىنچى دەرىجىلىك تارىخىي قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1926-يىلى؛

لوڭ خۇشەن مۇھىت مائارىپ مەركىزى-ئورنى بەنشەن شۈخې يولى 50-نومۇر، ئىككىنچى دەرىجىلىك تارىخىي قۇرۇلۇش، قۇرۇلۇشنىڭ سېلىنغان ۋاقتى: 1914-1919-يىللىرى.

شىياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىختىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى1912-1918-يىللىرى: چارلىس نورتون ئەدگېكۇمبې ئەلىئوت (Sir Charles Norton Edgecumbe Eliot)؛

1918-1921-يىللىرى: جوردان (G. P. Jordan)؛

1921-1924-يىللىرى: ۋىليام برۇنيات (William Brunyate)؛

1924-1934 يىللىرى: ۋىليام خورنېل (William Hornell)؛

1937-1949-يىللىرى: دۇنكان سلوس (Duncan Sloss)؛

1949-1964-يىللىرى: لىندساي تاسمان رىد (Lindsay Tasman Ride)؛

1964-1965-يىللىرى: ۋىليام چارلېس گاددارد ناۋلېس (William Charles Goddard Knowles)؛

1965-يىلى: فادزېئان (A. J. S. McFadzean)؛

1965-1972-يىللىرى: كېنېز روبىنسون (Kenneth E. Robinson)؛

1972-1986-يىللىرى: خۇاڭ لىسوڭ؛

1986-1995-يىللىرى: ۋاڭ گېڭۋۇ؛

1996-2000-يىللىرى: جېڭ ياۋزوڭ؛

2000-2002-يىللىرى: ۋىليام ئىئان رىس داۋېس (William Ian Rees Davies)؛

2002-2014-يىللىرى: شۈلىجى؛

2014-يىلى: پېتېر مازيېسون (Peter W. Mathieson)؛

بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىياسىي ساھەدىكى رەھبەرلەر ۋە داڭلىق كىشىلەر

فۇ بىڭ چاڭ-جۇڭخۇا مىنگونىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، جۇڭخۇا مىنگو ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

لىن موۋشېڭ-قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرالى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-6137

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8891.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#