دېڭىز شىرى

دېڭىز شىرى
دېڭىز شىرىنىڭ مىجەزى مۇلايىم، توپلىشىپ ياشايدۇ، كۆرۈش سېزىمى ناچار، لېكىن ئاڭلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى سەزگۈر، بەش ئۇرۇقدىشى يەتتە تۈرى بار، شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان.
ئۇيغۇرچە نامى دېڭىز شىرى
ئىنگلىزچە نامى Sea Lion
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى دېڭىز شىرى ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 海狮
تارقالغان رايونلار شىمالىي يېرىم شار
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى پالاقچە پۇتلۇقلار
ئۇرۇقداشلىرى بەش خىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دېڭىز شىرىنىڭ بەش ئۇرۇقدىشى يەتتە تۈرى بار. شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان. تېنى بىر قەدەر كىچىك، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شىمال دېڭىز شىرى، دېڭىز شىرى ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر خىل تۇر.

ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 310 ~ 350 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1000 كىلوگىرامدىن ئارتۇق. ئەركەك يېتىلگەن دېڭىز شىرىنىڭ بويۇن ئەتراپى ۋە مۈرە قىسمىغا ئۇزۇن ھەم يىرىك يۇڭلار ئۆسكەن بولۇپ، بەدەن تۈكلىرى سېرىق ياكى دۈمبە تۈكىنىڭ رەڭگى بىرقەدەر سۇس كۆكرەك، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىق.

دېڭىز شىرىچىشىسىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭكىدىن سۇس، يالىسى يوق. يۈز قىسمى قىسقا ۋە كەڭ، تۇمشۇقى دىقماق، كۆز ۋە قۇلىقى كىچىك بولىدۇ. ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئالدى پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ئەڭ ئۇزۇن، پەنجىسى چېكىنىپ كەتكەن. ئارقا سىرتقى يان پۇت بارمىقى ئوتتۇرىدىكى ئۈچ بارماقلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئوتتۇرىسىدا ئۈچ بارماق پەنجىسى بار.

مىجەزى مۇلايىم، كۆپ توپلىشىپ ياشايدۇ، قۇرۇقلۇق قىرغىقىدىكى بىر توپ نەچچە مىڭ باشتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، دېڭىز يۈزىدە بىر ياكى ئون نەچچە باشتىن تەركىب تاپقان. كۆرۈش سېزىمى ناچار، لېكىن ئاڭلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى سەزگۈر. ئوزۇقى ئاساسەن، سۇ تېگىدە ياشايدىغان بېلىقلار ۋە باش پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ھايۋان.

چىشى دېڭىز شىرى ھەر قېتىمدا پەقەت بىرنىلا تۇغالايدۇ، تۇغۇلغان بالا دېڭىز شىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 20 كىلوگرام، 5 ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىنمۇ يېتىلىدۇ، ئۆمرى 20 يىلدىن ئارتۇق بولىدۇ. 

شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز، فالكلاند تاقىم ئاراللىرى، مالۋېناس تاقىم ئاراللىرى، ئوتلۇق يەر ئارىلى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ دېڭىز بويىنىڭ شىمالى، برازىلىيە رىئودې ژانېيرو ۋە پىرونىڭ رىما قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. 

دېڭىز شىرىنىڭ تېنى بىر قەدەر كىچىك، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شىمال دېڭىز شىرى، دېڭىز شىرى ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر خىل تۇر.

ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 310 ~ 350 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1000 كىلوگىرامدىن ئارتۇق. ئەركەك يېتىلگەن دېڭىز شىرىنىڭ بويۇن ئەتراپى ۋە مۈرە قىسمىغا ئۇزۇن ھەم يىرىك يۇڭلار ئۆسكەن بولۇپ، بەدەن تۈكلىرى سېرىق ياكى دۈمبە تۈكىنىڭ رەڭگى بىرقەدەر سۇس كۆكرەك، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىق.

چىشىسىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭكىدىن سۇس، يالىسى يوق. يۈز قىسمى قىسقا ۋە كەڭ، تۇمشۇقى دىقماق، كۆز ۋە قۇلىقى كىچىك بولىدۇ. ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئالدى پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ئەڭ ئۇزۇن، پەنجىسى چېكىنىپ كەتكەن. ئارقا سىرتقى يان پۇت بارمىقى ئوتتۇرىدىكى ئۈچ بارماقلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئوتتۇرىسىدا ئۈچ بارمىقى ۋە پەنجىسى بار. 

دېڭىز شىرىجەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز شىرى توق كۈل رەڭدە، چىشى دېڭىز شىرى ۋە كۆپ ساندىكى يېتىلمىگەن دېڭىز شىرىنىڭ رەڭگى خىلمۇ خىل، بويۇن ۋە دۈمبە قىسمى كۆپىنچە بوز رەڭدە، لېكىن بەزىلىرىنىڭ تۈكىنىڭ ئۇچ قىسمى ئاق رەڭلىك بولۇپ، رەڭگىنى ئاقۇچ كۈل رەڭ كۆرسىتىدۇ، قورساق قىسمى سېرىق رەڭلىك.

قۇلىقى بار، باش سۆڭىكىنىڭ ئۇزۇنلىقى 25.5 سانتىمېتىر، پېشانىسى تۈز، تۇمشۇقى ئۇزۇن، بۇرنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 3.8 سانتىمېتىر، تاڭلاي قىسمى كەڭرى، چىشى پاراللېل، چىش شەكلى ئۈچ ئۇچلۇق ياكى يەككە ئۇچلۇق. ئەركىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120 ~ 200 كىلوگىرام، چىشىسىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 1.4 مېتىر، ئېغىرلىقى 40 ~ 50 كىلوگرام. 

تېنى ئۇرچۇقسىمان، چىشى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان گۆشخور ھايۋانلارنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق قوزۇق چىشى، كەسكۈر چىشلىرىنىڭ ئايرىلىشى روشەن ئەمەس، مۈچىسى ئۈزگۈچ شەكلىگە ئۆزگەرگەن، كۆپ قىسىمى تېرە ئاستىغا يوشۇرۇنغان، ئارقا پۇتى گەۋدىسىنىڭ ئارقا ئۇچىدا، تەرەققىي تاپقان قۇيرۇق قىسمى بىلەن تۇتاشقان بولۇپ ئاساسلىق سۇ ئۈزۈش ئەزاسى قىلىنغان.

بارماقلىرى ئارىسىدا پەنجىسى بار، ئالدى پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ئەڭ ئۇزۇن، ئارقا پۇتىنىڭ بىرىنچى، بەشىنچى ئىككى بارمىقى مەركەزدىكى ئۈچ بارماقىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن، قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بىر قەدەر جانلىق.

ئەركەك، چىشى جىنىسلىق تەن شەكلىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىدە كۆرۈنەرلىك پەرىق بولىدۇ، ئەركىكى ئادەتتە چىشىسىنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا چوڭراق.

شىمال دېڭىز شىرى

شىمال دېڭىز شىرىشىمالىي تىنچ ئوكيان دېڭىز شىرى، سكرىيابىن دېڭىز شىرى، دېڭىز ئېشىكى قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ، تەن شەكلى ئەڭ چوڭ بولغان دېڭىز شىرىنىڭ بىر خىل تۇرى، چۈنكى بويۇن قىسمى تۈكسىمان ھالەتتىكى ئۇزۇن يۇڭى بار، چىقارغان ئاۋازى شىرنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىغا  بەك ئوخشايدۇ، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان.

برىتانىيە كولومبىيىسى ئۆلكىسىگە، كانادا، ياپۇنىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، كامچاتكا يېرىم ئارىلى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى، ئامېرىكا، ئالياسكا، ئالېئۇت ئارالى، كالىفورنىيە شتاتى، ئورېگون شتاتى، ۋاشىنگتون قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. جۇڭگو، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، كورىيە قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.

يېڭى زېلاندىيە دېڭىز شىرى

يېڭى زېلاندىيە دېڭىز شىرى خوك دېڭىز شىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يېڭى زېلاندىيە دېڭىز شىرىيېڭى زېلاندىيە، ئاسىيا جەنۇبىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرىغا تارقالغان، جەنۇبىي كەڭلىك ℃48 ~ 53 ئارىلىقىدىكى ئوكلانددې تاقىم ئاراللىرى، ئىنىدېبوما، سلوۋېنىيە تاقىم ئاراللىرىدا كۆپىيىدۇ، ئەڭ جەنۇبتا كەنبېر ئاراللىرىدا، ماكەي ئارىلى ئەتىراپىدىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. كەڭ دائىرىدە كۆچمەيدۇ. ھازىر سانى تەخمىنەن 10000 ~ 50000 ئەتراپىدا.

ئاۋسترالىيە دېڭىز شىرى 

ئاۋسترالىيە دېڭىز شىرى، كۈل رەڭ دېڭىز شىرى، يېڭى دېڭىز يىلپىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاۋسترالىيە دېڭىز شىرىئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا، جەنۇبىي كەڭلىك ℃28 ~ 26 ئارلىقىدا، خوئۇتمان ئارىلىدىن كانجالۇ ئارىلىغىچە تارقالغان. يۇقىرى ئېقىنغا كۆچمەيدۇ. سانى تەخمىنەن 2000 ~ 5000 باش ئەتىراپىدا.

جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز شىرى

جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز شىرى كالىفورنىيە دېڭىز ئارىسلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

جەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز شىرىجەنۇبىي ئامېرىكا دېڭىز شىرى 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرلەردە كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆلتۈرۈۋېتىش ئازايغان. بۇ تۈرنىڭ يوقىلىش خەۋپى يوق، ھەمدە ئۆزىنىڭ ياشاش ماكانى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. جەمئىي سانى تەخمىنەن 265000 باش، ئارگېنتىنا ۋە چىلى سانى كۆپەيگەن، لېكىن فولكلاند ئاراللىرى ۋە ئۇرۇگۋايدا سانى ئازىيىپ كەتكەن.

بىرازىلىيە، چىلى، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى، پېرو، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، يەنە ئېكۋاتورلارغىمۇ تارقالغان.

كالىفورنىيە دېڭىز شىرى 

پۈتۈن بەدىنى يىرىك تۈكلۈكلەر بىلەن قاپلانغان، ئەركىكىنىڭ بوينى تۈكسىمان ھالەتتە، 3 كەنجى تۈرى بار، كالىفورنىيە دېڭىز شىرى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى. 

كالىفورنىيە دېڭىز شىرىشىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىغا تارقالغان، ئامېرىكا، كانادا، ئالياسكا شەرقىي جەنۇب قىسمىدىن مېكسىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە تارقالغان.

گالپاگوس دېڭىز شىرى

گالپاگوس دېڭىز شىرىتېنىنى يىرىك تۈكلەر ۋە زىچ، قېلىن تىۋىتلار بىلەن قاپلانغان، پەقەت كالپۇك ئۇچى، قۇلاق ۋە پالاقچىسى يۈزى يالىڭاچ، گالپاگوس تاقىم ئارىلىغا تارقالغان.

ياپون دېڭىزى شىرى 

ياپون دېڭىزى شىرىياپون دېڭىزى شىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دېڭىز شىر، ياپون دېڭىزىدا، بولۇپمۇ ياپونىيە تاقىم ئاراللىرى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ قىرغاققا يېقىن رايونلاردا ياشايدۇ. ئۇلار ئادەتتە ئوچۇق ۋە تەكشى ساھىللاردا، ھەتتا بەزىدە تاش ئۈستىدە كۆپىيىدۇ. ياپونىيە ۋە گوللاندىيەدە بىر نەچچە ياپون دېڭىز شىرىنىڭ ئەۋرىشكىسى بار. ئەمما، ئەنگلىيە بۈيۈك برېتانىيە مۇزېيىدا ياپون دېڭىز شىرنىڭ تېرىسى ۋە 4 دانە باش سۆڭىكى ساقلانغان.

دېڭىز شىرىنىڭ تۇرمۇش بوشلۇقى تۇراقسىز، يېمەكلىك يېتەرلىك جايلاردا كۆپ ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق مول بولغان رايونلاردا توپلىشىپ ياشايدۇ، ئاساسلىقى سۇ تېگىدە ياشايدىغان بېلىقلار ۋە باش پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئوزۇق قىلىدۇ. دېڭىز شىرىنىڭ بەزى تۈرلىرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە ياشايدۇ، بەزىللىرى باشقا ئىللىق دېڭىز رايونىدا، ئامېرىكا كالىفورنىيەدىمۇ ياشايدۇ.

دېڭىز شىرى ئىنتايىن ئىجتىمائىيلاشقان ھايۋان، ئۇلارنىڭ ھەر خىل خەۋەرلىشىش شەكلى بار. ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ، بەزىدە قۇرۇقلۇق قىرغىقىدا ياشايدىغانلىرى نەچچە مىڭ باشلىق توپتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، لېكىن دېڭىزدا دائىم بايقالغانلىرى، بىر ياكى ئون نەچچە باشلىقتىن تەركىب تاپقان كىچىك توپ. كۈندۈزى دېڭىزدا ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ، سۇ ئۈزۈشتە بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئالدى پالاقچىسىگە تايىنىدۇ، بەزىدە يەنە قىرغاققا يامىشىپ چىقىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ، كېچىدە قىرغاقتا ئۇخلايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرت، ئادەتتە مۇقىم ماكانى يوق، ئەركەك ھايۋانلار ھەر ئايدا 2 ~ 3 ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىراقتىكى سەيلە ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، چىشىسى ۋە بالا دېڭىز شىرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا توختىغان ۋاقىتى نىسپىي ھالدا ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭكىدىن كۆپرەك بولىدۇ. 

دېڭىز شىرى بەك قورقۇنچاق ۋە مۇلايىم ھايۋان دەپ قارالغان، لېكىن يەنە بەزى ئىنسانلارغا ھوجۇم قىلغانلىقى توغىسىدىمۇ خەۋەر بولغان. كۆپىيىش مەزگىلىدە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان زېمىنى ئېڭى بار، ئەركىكى جانلىنىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، چىشى دېڭىز شىرى بىلەن چېتىشىش مەزگىلىدە تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىدۇ. 

دېڭىز شىرى ئاساسلىقى بېلىق، سىياھ بېلىق، قالپاقلىق مېدۇزا ۋە سەدەپ قۇلۇلىسى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، يەنە فوسفورلۇق راك يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزىدە ئاچ قالغان چاغدا، ھەتتا پىنگۋىن نىمۇ يەيدۇ. كۆپىنچە پۈتۈن يۇتىدۇ، چايناپ يىمەيدۇ. دېڭىز شىرىنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى، شۇڭا ئۇلار دېڭىزدا كۆپ قىسىم ۋاقىت تۇرۇپ يېمەكلىك تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭ چوڭ ئىشتىھاسىنى تويغۇزىدۇ، سۇ ئۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى تولۇقلايدۇ. ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يەنە كىچىك تاشلارنى يۈتىۋالىدۇ.

دېڭىز شىرى شىمالىي تېنچ ئوكيان، ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالى دېڭىزى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ دېڭىز ياقىسى ۋە ئاۋسترالىيە نىڭ غەربىي دېڭىز بويىغا جايلاشقان. 

كانادا، برىتانىيە كولومبىيىسى ئۆلكىسى، ياپونىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، كامچاتكا يېرىم ئارىلى، كۇرىل تاقىم ئاراللىرى، ئامېرىكا، ئالياسكا، ئالېئۇت، كالىفورنىيە شتاتى، ئورېگون شتاتى، ۋاشىنگتون، ئاۋىسترالىيە، مېكسىكا، بېنگال، بۇتان، كامبودژا، جوڭگو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، مالايسىيا، موڭغۇلىيە، بىرما، نېپال، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تاجىكىستان، تايلاند، ۋيېتنام، بىرازىلىيە ئارىلى، چىلى، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى، پېرو، ئۇرۇگۋاي، زېللاندىيە، ئاۋسترالىيە، ئېكۋاتور، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، كورىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

دېڭىز شىرى دېڭىز-ئوكيان دىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان . كۆپىيىش مەزگىلىدە دېڭىز بويىدىكى ياكى لەيلىمە مۇز ئۈستىدە چېتىشىدۇ، تۆللەرنى پەرۋىش قىلىدۇ ۋە تۈك ئالماشتۇرىدۇ. ھەر يىلى 5-، 8-ئايدا بىر ئەركەك ۋە 15 باش چىشى دېڭىز شىرىدىن تەركىب تاپقان كۆپ ئانىلىق توپى قۇرىدۇ. چىشى دېڭىز شىرى ھەر قېتىمدا پەقەت بىرنىلا تۇغالايدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىسى ساپ قارا رەڭدە بولىدۇ، نەچچە ئايدىن كېيىن ئاندىن رەڭگى سۇسلايدۇ. بالىسى تۇغۇلغاندا تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 20 كىلوگرام بولىدۇ، 5 ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، مەيلى ئەركەك، چىشى بولسۇن ئالدىنقى بەش يىلدا تېز ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. 20 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ.

دېڭىز شىرىدېڭىز شىرىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ياردىمى ئەڭ چوڭ، دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن نەرسىلەرنى سۈزۈش قاتارلىق. ئەزەلدىن تارتىپ،  دېڭىز-ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن بۇيۇم، بارسا كەلمەسلىكتىن دېرەك بېرىدۇ، بىراق ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بەزى قىممەتلىك تەجرىبە ماتېرىيالى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىش زۆرۈر، مەسىلەن، سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا قايتىپ كېلىدۇ، ھەم سۇ يۈزىگە چۈشىدۇ، سۈنئىي ھەمراھنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىش سىنىقى قىلغاندا، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى مۇئەييەن چەكتىن ئېشىپ كەتسە، سۈنئىي ھەمراھنى سۈزۈشتە غەۋۋاس ئامالسىز قالىدۇ. بىراق دېڭىز شىرىدىكى يۇقىرى بولغان سۇغا چۆكۈش ماھارىتى بىلەن بەزى سۇغا چۆكۈش، غەۋۋاسلارنىڭ ئورنىدا دېڭىز ئاستى يادىكارلىقلىرىنى سۈزۈش، سۇ ئاستىدىكى ھەربىي رازۋېدكا ۋە دېڭىز ئاستىدا قۇتقۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىيالايدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە قىسمى ئىچىدىكى بىر كۆپ تەربىيە كۆرگەن دېڭىز شىرى، دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتكەن راكېتانى بىر مىنۇت ئىچىدە سۈزۈپ بولغان، لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ «ئىش ھەققى» ئۈچۈن پەقەت ئازراق سىياھ بېلىق ۋە بېلىقلا بېرىدۇ.

مېكسىكىنىڭ جەنۇبى، ئامېرىكىغا تارقالغان كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە كالىفورنىيە دېڭىز شىرى كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

بىراق بەزىلىرى دائىم ھايۋانات باغچىسىغا ۋە سۇ جانلىقلىرى باغچىسىدا ئادەملەر تەرىپىدىن كۆندۈرۈلۈپ ئويۇن قويىدۇ، كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئويۇن قويۇش چولپانى بولۇپ قالدى.

دېڭىز شىرى «دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» (IUCN) دىكى 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنىڭ قىزىل تىزىملىكى 3.1 گە كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#