تاغار دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. تاغار ()
  2. تاغار (تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش قورالى)
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ھەجىم ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم بىرلىكىنىڭ نامى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى تاغار
باشقا نامى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ھەجىم ئۆلچەش ئەسۋابى ۋە ھەجىم بىرلىكىنىڭ نامى. ئۇ ئاشلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى قاچىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پاختا، يۇڭ، چىگە يىپلىرى بىلەن توقۇلىدۇ. شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە «ئىكى يېرىم تاغار بۇغداي ئالدىم، بۇغداينىڭ ھەققىگە 16 ياشلىق ياكى 20 ياشلىق ئايال كىشىنى. . . بېرىمەن» دېگەن ئىبارە بار. موڭغۇللار دەۋرى بىلەن يەكەن خانلىقى دەۋرىگە ئائىت يازما يادىكارلىقلاردا ئاشلىق ئۆلچەيدىغان تاغار تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېتنى قىممىتى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. 

جۇۋەينىنىڭ «تارىخى جاھان كۇشاي» ناملىق ئەسىرىدە: «بىر تاغار 100 مانات» ، 50 مانات بىر تۇلۇم بولىدۇ(جۇۋەينى: «تارىخىي جاھان كۇشاي» ، ئىچكى موڭغۇل ىەلق خەلق نەشرىياتى، 1981-يىل نەشرى، 725-بەت) دېيىلگەن. بۇنىڭدىن بىر تاغار ئاشلىقنىڭ ئىككى تۇلۇم كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. مىنورىسكىينىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بىر تاغار 675 قاداق مۇنداق دېيىلگەن:» ئەگەر ئۆلچەيدىغان تارازا يوق بولسا، ئاشلىق ئازراق بولسا دوپپا بىلەن، كۆپ بولسا تاغار بىلەن ئۆلچەپ ھېسابلىنىدۇ. تاغار دېگىنىمىز بۇ يەردە كىچىك خالتىنى كۆرسىتىدۇ، تاغارنىڭ چوڭى پاتماندۇر» . 1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقلىق خادىملارنىڭ قەشقەردە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، خەلق ئارىسىدا «بىر تاغار ئاشلىق 10 چارەككە تەڭ» دەيدىغان ئۆلچەم نىسبىتى بولغان(جى داچۇن: ئۇيغۇرلارنىڭ «كونا تارازا-ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش» ، «غەربىي يورت تەتقىقاتى» ، 1991-يىل 1-سان) . 

يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر تاغار بۇغداينىڭ ئېغىرلىقى 100-95 كىلوگرام؛ بىر تاغار قوناقنىڭ ئېغىرلىقى 90-80 كىلوگرام كېلىدىكەن. سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى-تاغارنىڭ كونا-يېڭىلىقى، ئاشلىقنىڭ قۇرۇق-نەملىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#