بەي جۈيى

شېئىر ئەۋلىياسى دۇ فۇدىن كېيىن، تاڭ دەۋرىنىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن رېئالىست شائىر − بەي جۈيى مەيدانغا كەلدى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى بەي جۈيى
باشقا نامى 白乐天
تۇغۇلغان ۋاقتى 772-يىلى
كەسپى ئەدىب، شائىر
ياشىغان دەۋر تاڭ دەۋرى
خەنزۇچە ئىسمى 白居易
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 846-يىلى
تەخەللۇسى لې تيەن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بەي جۈيى (772−846-يىللار) نىڭ تەخەللۇسى لې تيەن، ئۇ ئۆزىنى شياڭشەندە ئىستىقامەت قىلغۇچى دەپ ئاتىغان. ئۆسمۈر چاغلىرىدا ئائىلە ئەھۋالى نامرات بولۇپ، سەرسان-سەرگەردانلىقتا ئۆتكەنىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، 10 نەچچە ياشقا كىرگەندىلا ناھايىتى ياخشى شېئىرلارنى يازغان، ئۇنىڭ «گۇ يۈەنساۋنى ئۇزىتىش» دېگەن شېئىرىغا ئەينى چاغدىكى كاتتا شائىر گۇ كۇاڭ ياخشى باھا بەرگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەنسەپ تۇتۇش يولىغا كىرگەن. ئىجتىمائىي رېئاللىق ۋە ئۆزىنىڭ ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرى شائىردا «خەلقنى قۇتۇلدۇرۇش» ئىرادىسىنى تۇرغۇزغان. ئۇ ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن 75 پارچە «تەدبىر» نى يېزىپ چىقىپ، خانلىقتا ئىسلاھات يۈرگۈزۈش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شېئىرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ماسلاشتۇرۇپ كۈرەش قىلغان. «چىن جۇڭغا بېغىشلاپ» ۋە «يېڭى يۆفۇ» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھەجۋىي شېئىرلىرى مۇشۇ مەزگىلدە يېزىلغان. بۇ شېئىرلار زۇلمەتلىك رېئاللىققا خۇددى ئوقيادەك ئېتىلىپ، مەنسەپدارلارنىڭ يۈرىكىنى زېدە قىلىۋەتكەن.

بىر قېتىم، ۋاسسال بەگ لى شىداۋ ئادەم ئەۋەتىپ، ۋەزىر ۋۇ يۈەنخىڭنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ، بەي جۈيى ئاۋۋال خانغا مەلۇمات سۇنۇپ، قاتىلنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، يۇقىرى مەنسەپدارلار بۇئىشنى تۇتۇۋېلىپ ھەرىكەت قىلىپ، بەي جۈيىنى ھوقۇقىدىن ھالقىپ ئىش قىلدى، ھاكىمىيەتكە ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلەپ، خاننىڭ ئالدىدا پىتنە قىلىپ تۆھمەت چاپلايدۇ، ئاخىر بەي جۈيىنىڭ مەنسىپى تۆۋەنلىتىلىپ، جياڭجۇ ئايمىقىنىڭ ئەمر لەشكەرلىكىگە چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. بەي جۈيى «خەلقنى قۇتقۇزۇش» پىكىرلىرى ۋە ھەجۋىي شېئىرلىرى سەۋەبىدىن ئۇلارغا يامان كۆرۈنۈپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلەتتى، شۇڭا ئۇ: «باشتا نام-شۆھرەتكىمۇ ئەسەر يېزىپ ئېرىشتىم، ئاخىردا ئەسەر يېزىپ گۇناھكار بولدۇم» دەيدۇ. كېيىن بەي جۈيى جۇڭجۇ، خاڭجۇ، سۇجۇ قاتارلىق جايلارغا ئايماقبېگى بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلققە پايدىلىق نۇرغۇن ئىش قىلىدۇ. مەسىلەن، خاڭجۇدا ئايماقبېگى بولۇپ تۇرغان چاغدا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، توسما ياسىتىپ، قۇدۇق قازدۇرۇپ، شىخۇ كۆلىنى تىزگىنلەپ، خەلقنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ھازىرقى شىخۇ كۆلىنىڭ بەي توسمىسى ئۇنىڭ فامىلىسى بىلەن ئاتالغانىكەن.

  بەي جۈيى ئۆمرىدە 3000 پارچىغا يېقىن شېئىر قالدۇرۇپ كەتكەن، يەنە بىر يۈرۈش شېئىرىيەت نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شېئىر ئىجادىيىتى جەزمەن رېئال تۇرمۇشتىن كېلىشى، جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، رېئاللىقنى تەنقىد قىلىشى، فېئوداللىق سىياسىينىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يۈرەكلىك پاش قىلىشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. «چىن جۇڭغا بېغىشلاپ، يېڭى يۆفۇ» قاتارلىقلاردا ئەمەلدارلار بىلەن ۋاسسال بەگلەرنىڭ ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، خەلق ۋە دۆلەتكە زىيان سالغان جىنايەتلىرى ئەيىبلەنگەن؛ ئۇنىڭ «ئورمىلىقتا، كۆمۈرچى بوۋاي، قىزىل يىپلىق زىلچە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ دەرد-ئەلىمىگە چوڭقۇر ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن. ئېپىك شېئىر «پۈتمەس ئەلەم، بەرباب نەزمىسى» مەڭگۈ تارقىلىدىغان مەشھۇر ئەسەرلەردۇر. بەي جۈيىنىڭ شېئىرلىرى ئىزچىل چۈشىنىشلىك، ئاممىباب ئەسەرلەر دەپ ئاتىلىپ كەلدى، شېئىرلارنىڭ كۆپ قىسمى سۆزى ئاددىي، مەنىسى چوڭقۇر، ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە تۈز گەپ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بايانى مۇكەممەل، سۇژىتى جانلىق، پېرسوناژلارنىڭ روھىي ھالىتى ئىنچىكە سۈرەتلەپ بېرىلگەن، ھەتتا خەت تونۇمايدىغان قېرىلار بىلەن بالىلارمۇ چۈشىنەلەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#