نادىم

نادىم 1941–يىلى تۇغۇلغان، پاكىستان نىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان داڭلىق ئارتىسى، كىنو چولپىنى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نادىم
باشقا نامى Nadeem
تۇغۇلغان ۋاقتى 1941–يىلى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى كاراچى ئىسلام ئىنىستىتۇتى
مۇكاپات-نەتىجىلىرى ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتى، خاتىرە مۇكاپاتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纳迪姆
دۆلەت تەۋەلىكى پاكىستان
كەسپى كىنو ئارتىسى
ۋەكىللىك ئەسىرى «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت»، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى»، «شام ۋە پەرۋانە»

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نادىمنادىم 1941–يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن چوڭ بولىدۇ. كاراچى ئىسلام ئىنىستىتۇتى مەكتىپىدە ئوقۇغان.

پاكىستاننىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان داڭلىق ئارتىسى، بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى، فىلىم ئىشلىگۈچى نادىم ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم نادىر كىنو فىلىملىرى بىلەن پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان گىگانت كىنو چولپىنى ھېسابلىنىدۇ.

نادىمنادىم 1975–يىلى ئىشلەنگەن «سەھرادىكى ئاشىق–مەشۇقلار»، 1978–يىلى ئىشلەنگەن «ھاياتلىق»، 1979–يىلى ئىشلەنگەن «پاكلىق»، 1982–يىلى ئىشلەنگەن «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت»، «يېتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» قاتارلىق بىر تۈركۈم تەسىرلىك فىلىملىرى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىگە تونۇشلۇق.

بۇ فىلىملەر جۇڭگو مىقىياسىدا قويۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان. نادىم بۇ فىلىملەردە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتىپ، كەڭ كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىن ھۆرمەتلىك ئورۇن ئالغان.

نادىم گەرچە داڭلىق كىنو ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىنوچىلىق ساھەسىگە ساھەسىگە بىر ناخشىچى سالاھىيىتى بىلەن كىرگەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئەينى يىللاردا پاكىستاندا خېلى تەسىرى بار «ئىسلام كۇلۇبى» ئۇيۇشتۇرغان ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتناشقان (ئەسكەرتىش: ئىسلام كۇلۇبى ئەينى ۋاقىتتىكى سەنئەت جەھەتتە تالانتى بارلارنى بايقاپ چىقىدىغان قىممەتلىك سورۇن بولۇپ، نۇرغۇن كىنو چولپانلىرى، ناخشا چولپانلىرى، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇ كۇلۇبتىن بايقىلىپ چىققان).

بىر قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە، بارلىق شارائىتلىرى ئىنتايىن ياخشى، داڭلىق ئايال ناخشىچى فىردوۋسىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن.

ئۇ، بۇ ئايال ناخشىچىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوردو تىلىدىكى فىلىم «Sehra»نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەپسۇسلىنارلىق شۇكى، نادىم ناخشىسىنى ئېيتقان بۇ فىلىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قويۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىدىن بەھر ئالالمايدۇ. نادىممۇ كىنولاردا ناخشا ئېيتىپ نام چىقىرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

بىراق نادىم بۇنىڭدىن قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەي داۋاملىق ناخشا مەشىق قىلىپ، ھەرخىل چوڭ–كىچىك پائالىيەتلەردە ناخشا ئېيتىپ ئۆزىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇ ھامان بىر كۈنى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ۋە پۇرسەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. دەرۋەقە 1967–يىلى نادىمغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت كېلىدۇ. ئۇ، بۇ قېتىم شۇ يىلى سۈرەتكە ئېلىنىدىغان «كەكلىك» دېگەن فىلىمنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

بۇ بىر تەننەرخى ئىنتايىن تۆۋەن، رەڭسىز فىلىم بولۇپ، فىلىم رېژىسسورى ئېھتىشام ئەسلىدە بۇ فىلىمگە پاكىستاننىڭ شۇ يىللاردىكى داڭلىق ئارتىسلىرىدىن شابانا بىلەن ئەزىم ئىككەيلەننى رول ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. كۈتۈلمىگەندە ئەر ئارتىس ئەزىم ھەقنى بەك ئاز كۆرۈپ، رولغا چىقىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئېھتىشام بۇ فىلىمدە ناخشا ئېيتماقچى بولغان نادىمنى خىيالىغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رېژىسسور نادىمنى بۇ فىلىمدىكى ئەر باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئالغۇزماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نادىم بۇ فىلىمنىڭ ئەر باش پېرسۇناژى بولۇپ قالىدۇ. نادىم تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ پۇرسەتتىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتى بولغاچقا ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى ياراتماقچى بولغان ئوبرازنى بېرىلىپ تەھلىل قىلىدۇ ھەم جاپالىق مەشىق قىلىدۇ. ئۇ رېژىسسورنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى بىلەن، كىنونىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش جەريانلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالىدۇ. قىسقىغىنە بىر نەچچە ئايدىلا ئۇ ئۆزىگە خاس رول ئېلىش، ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبىنى ياراتقان.

بۇ فىلىم پاكىستاندىكى ھەر قايسى كىنوخانىلاردا قويۇلغاندىن كېيىن زور زىلزىلە قوزغاپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. نادىم بۇ فىلىمدە بىراقلا نام چىقارغاندىن كېيىن پاكىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات «نىگار» ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاتىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن نادىم بىر يورۇق يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ. 

نادىمئۇنىڭ قاملاشقان قەددى قامىتى، رومانتىك خاراكتېرى، سەمىمىي ئوبرازى، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە رول ئېلىش ئۇسلۇبى ئۇنى لوللىۋود (ئەسكەرتىش: لوللىۋود پاكىستاننىڭ كىنو سانائىتى بازىسى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ بوللىۋود، ئامېرىكىنىڭ ۋوللىۋۇد قاتارلىقلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ)نىڭ ئەر چولپانلىرى ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئالقىشلانغان گىگانت چولپانغا ئايلاندۇرىدۇ.

1970–يىلى نادىم «شام ۋە پەرۋانە» ناملىق فىلىمدە باش رول ئالىدۇ. بۇ فىلىم نادىمنىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدىكى بىر يۇقىرى پەللە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پاكىستاننىڭ بىر جۈپ ئاشىق–مەشۇق ئۇسلۇبىدىكى فىلىملەردە «ئېكراندىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار» — يەنى «نادىم، شەبنەم»دىن ئىبارەت بىر داڭلىق چولپاننى مەيدانغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

70–يىللاردا ئۇ ئىككىيلەن كىشىنى تەسرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن فىلىملەردە ھەمكارلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 1977–يىلى ئىشلەنگەن «ئەينەك» ناملىق فىلىم بىلەن 1979–يىلى ئىشلەنگەن «پاكلىق» ناملىق فىلىملەر ئەڭ داڭلىق.

بۇ ئىككى فىلىم ئارقىلىق نادىم بىلەن شەبنەم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس ۋە «نىگار» ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئەمەلىيەتتە، نادىمنىڭ ئېكراندىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان پاكىستاننىڭ «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» ناملىق فىلىمىدە رول ئالغان ئايال باش پېرسۇناژ بابرا شەرىف بولىدۇ.

1974–يىلى بابرا شەرىف نادىم بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك رولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان «ھاياتلىق»، «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت» قاتارلىق فىلىملەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

نادىمنادىم «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت»، «ھاياتلىق»، «تاش يۈرەك»، «مېھىر–شەپقەت»، «ئەينەك»، «سەھرادىكى ئاشىق–مەشۇقلار»، «دىل ئازابى»، «شام ۋە پەرۋانە» قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان.

نادىمنادىمنى بىر «مۇكاپاتقا نائىل بولغۇچى كەسىپكار» دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇ 1967–يىلى تۇنجى قېتىم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا نائىل بولغاندىن تارتىپ 1992–يىلىغىچە جەمئىي 19 قېتىم «نىگار» ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ۋە تۆت قېتىم پاكىستان دۆلەتلىك كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

70–يىللاردىن 80–يىللارغىچە نادىم پاكىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر سەركە چولپانغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە ھەر يىلى دېگۈدەك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ تۇرغان. نادىمنىڭ پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن 1991–يىلى پاكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ «خاتىرە مۇكاپاتى»غا ئېرىشىكەن.

نادىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ياشلىق باھارىنى، ئەقىل–پاراسىتى ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە كىشى پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كېيىن نادىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇش يولىغا ماڭغان بولۇپ، 1988–يىلى ئۇ يەنە «ئەڭ ياخشى فىلىم ئىشلىگۈچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇ كىنو ساھەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىشى ناخشىنى تاشلاپ قويغىنى يوق. ئۇ ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن ناخشىلارنى ئورۇنلاپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.

نادىم ھازىر چاچلىرى ئاقارغان بىر مۆتىۋەرگە ئايلانغان. ئۇنىڭ پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. 2000–يىلى ئۇ يەنە «ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

نادىمھەممىمىزگە مەلۇمكى، پاكىستاننىڭ كىنو–تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ تولىمۇ تەسىرلىكلىكى، ئارتىسلىرىنىڭ يۇقىرى رول ئېلىش ماھارىتى، سەرخىل ناخشا–مۇزىكىلىرى، ئاجايىپ تاللانغان دىيالوگ-مونولوگلىرى، كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، فىلىمگە مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيەت–سەنئەت، ئۆرپ–ئادەت، قائىدە–يوسۇن قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن بارلىق كىنو مەستانىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەردۇر.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، پاكىستاننىڭ بىزنىڭ ھاياجان ئىلكىدە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە نائىل بولۇپ كېلىۋاتقان «مېھىر–شەپقەت»، «تاش يۈرەك»، «ئەينەك»، «سەھرادىكى ئاشىق–مەشۇقلار»، «دىل ئازابى» قاتارلىق فىلىملەر پاكىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت–سەنئەت، ئۆرپ–ئادەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەچكە تا ھازىرغىچە بىزنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىمىزگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئۇنتۇلغۇسىز فىلىملەردە ئەر باش پېرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، بارلىق كىنو مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆلمەس ئابىدە تىكلىگەن، پاكىستاننىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان داڭلىق ئارتىسى، بىر ئەۋلاد كىنو چولپىنى، فىلىم ئىشلىگۈچى نادىم ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم نادىر كىنو فىلىملىرى بىلەن پاكىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان گىگانت كىنو چولپىنى ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#