روسىيە  غەربىي سىبىرىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان چوڭ كۆمۈر كان رايونى، كۆمۈر زاپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى كۇزباس
تولۇق نامى 库兹涅茨克煤田
خەنزۇچە نامى 库兹巴斯
تەۋە دۆلەت روسىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

روسىيە  غەربىي سىبىرىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان چوڭ كۆمۈر كان رايونى، كۆمۈر زاپىسى سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈر مەھسۇلاتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. كۇزباس كۇزنېتىسكى تاغلىقى بىلەن سالايىر تېغىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، مەيدانى 26 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆمۈر زاپىسى 300 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى كۆمۈر زاپىسىنىڭ %20 نى ئىگىلەيدۇ. كۆمۈرنىڭ سۈپىتى ياخشى، قاتلىمى قېلىن بولۇپ، كۆپىنچىسى كوكس تاۋلاشقا بولىدۇ. بۇ كۆمۈرلۈك 1851-يىلى ئېچىلىشقا باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى ئورال، كۇزباس مېتاللۇرگىيە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان. 

ھازىر بۇ رايون سوۋېت ئىتتىپاقى ئورالنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ مۇھىم سانائەت رايونى ھېسابلىنىدۇ، بۇ جايدا پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كوكس تاۋلاش، ماشىنىسازلىق، رەڭلىك مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ئېغىر سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپى يېڭى كۇزنېتىسكى، كېمېروۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/72443.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#